ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە 13-نويابىر كۈنىدىن ئېتىبارەن تارىختىكى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنلىرى» نى خاتىرىلەش ئۈچۈن بىر قاتار پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ئۇيغۇرلار 1933-يىلى قەشقەردە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» ۋە 1944-يىلى غۇلجادا «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» دىن ئىبارەت ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرغان. ھەر ئىككىلا جۇمھۇرىيەت 12-نويابىر ئېلان قىلىنغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ياپونىيەدە بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت ۋە 12-نويابىرىدىكى «جۇمھۇرىيەت كۈنلىرى» نى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، پائالىيەتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئىككى جۇمھۇرىيەت ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، ئىككىنچى كۈنى، نامايىش ۋە ئاخىرقى كۈنى ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە خىزمەت قىلغان خادىملارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش قاتارلىق پائالىيەتلەر كۈن تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق نىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنلىرى» نى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن توكيودا ئۆتكۈزۈلىدىغان 13-نويابىر كۈنىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە توختالدى.
مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىدا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتى ۋە خىتاينىڭ يىپەك يولى پىلانى» ناملىق ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسىنى يىغىن ئەھلىگە سۇنۇشنى پىلانلاۋاتقان، ياپونىيەدە كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىي ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى، كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سېئىجى ئەپەندى مەزكۇر تەتقىقات ماقالىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ قېتىمقى دوكلاتىمدا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئەڭ دەسلەپتە پىلانلىغان خوتەن خەلىپىسى مۇھەممەتئىمىن بۇغرادىن باشلاپ، تۇنجى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن خوجىنىياز ھاجىم ۋە ئىككىنچى قېتىم ئىلىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن ئىلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە ئۇلارنىڭ سىياسىي مەيدانلىرى ھەققىدە توختىلىش بىلەن بىرگە، دۇنيادا تۇنجى قېتىم قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ يىمىرىشى ھەققىدىمۇ توختىلىمەن.»
پروفېسسور سېئىجى سۆھبىتىمىز جەريانىدا يەنە، ئۆزىنىڭ دوكلاتىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسى ھەققىدىمۇ ئالاھىدە توختىلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يىپەك يولىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق -ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش يولىنى بېرىشنىڭ ۋاقتى سائىتى كەلگەنلىكى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ بىر قىسىم قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم د ئۇ ق نىڭ 14-نويابىر كۈنىدىكى توكيودا ئېلىپ بارىدىغان پائالىيىتى ھەققىدە توختالدى.
ئۇ يەنە، 15-نويابىر توكيودىكى ئۇيغۇر جامائىتى تەشكىللىنىپ تاما قەبرىستانلىقىدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» نىڭ ۋەكىللىرىدىن توكيودا ۋاپات بولغان مەرھۇم گېنېرال مەخمۇت مۇھىتىنىڭ ئاكىسى مۇسۇل ھاجى مۇھىتى، توختى بەگزادە قاتارلىقلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش ۋە ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش پائالىيىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلاردىن دوكتور غالىپ مىجىت بۇ پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىنىڭ زور ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.