1933-1934-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىدىكى ئىچكى-تاشقى ئامىللار
2013.11.21

1933-يىلى، 12-نويابىر كۈنى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى 1934-يىلى، 2-ئايغىچە، جەمئىي 6 ئايغا يېقىن ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇپ، ئاخىرى ما جوڭيىڭ قوماندانلىقىدىكى تۇڭگان كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى بىلەن ئاخىرلاشتى.
گەرچە مەزكۇر جۇمھۇرىيەت قىسقا ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ۋە بىر قەدەر مۇكەممەل دۆلەتچىلىك سىستېمىلىرىنى بەرپا قىلىپ، ئىشقا كىرىشكەن بولسىمۇ بىراق ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللار تۈپەيلىدىن ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالمىدى. بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب-ئامىللار نېمە دېگەن سوئال تۇغۇلۇشى مۇمكىن.
بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پروفېسسورلىرىدىن ئالىمجان ئىنايەت ۋە ئەركىن ئەكرەم ئانالىز يۈرگۈزۈپ، ياش جۇمھۇرىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالماسلىقىدىكى ئىچكى ئامىللارنىڭ ئاساسلىقى ئىچكى زىددىيەتلەر ۋە تاشقى جەھەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارىلىشىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. دوكتور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ قارىشىچە، يۇرتۋازلىق، ئۆزئارا پىكىر ئىختىلاپلىرى، ئورتاق مىللىي روھ ۋە مىللىي كىملىكنىڭ كۈچلۈك بولماسلىقى، ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى مىللىي ئىختىلاپلار ۋە باشقىلار جۇمھۇرىيەتنىڭ تارمار بولۇشىدىكى مۇھىم ئىچكى سەۋەبلەردۇر.
دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ قوللىماسلىقى، جۈملىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ جۇمھۇرىيەتكە قارشى تۇرۇپ، ھەربىي-سىياسىي جەھەتتىن ئۇيغۇر دىيارىغا ئارىلىشىشى ۋە باشقىلار مۇھىم تاشقى ئامىللاردۇر.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.