ئەخمەتجان ھاشىرى: «‹چاھارباغ› ناملىق ئەسىرىمدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىرادىسىنى بايان قىلدىم»

0:00 / 0:00

تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ قوللىشى بىلەن ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكى ئۆتكۈزگەن، 2-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق «قورقۇت ئاتا دراما يېزىش مۇسابىقىسى» دا ئۇيغۇر يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «چاھارباغ» ناملىق دراما ئەسىرى بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن.

19-دېكابىر ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا پارلامېنت ئەزاسى، سابىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى نەبى ئاۋجى يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرىغا مۇكاپات مېدالىنى تەقدىم قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر ئەسەر تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئېلان قىلىنىدىكەن.

ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «چاھارباغ» ناملىق درامىسى قاچان يېزىلغان، ئەسەردە نېمىلەر بايان قىلىنغان؟ بۇ ئەسەرنىڭ ئەدەبىي ۋە تارىخىي قىممىتى نېمە؟ بىز بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئەخمەتجان ھاشىرى ئەپەندى ۋە بىر قىسىم ئەدەبىياتشۇناسلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئەخمەتجان ھاشىرى ئەپەندى مەزكۇر ئەسەرنى بۇنىڭدىن 26 يىل بۇرۇن يازغانلىقىنى، ئۆزى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان چاھارباغ ناملىق يېزىدا بولغان ھەقىقىي بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى: «مەن ‹چاھارباغ› ناملىق بۇ دراما ئەسىرىمنى بۇنىڭدىن 26 يىل بۇرۇن يازغان ئىدىم. بۇ ئەسەرنى مېنىڭ قەلبىمدە ئىنسانىي تۇيغۇنى ئويغاتقان بىر ئەسەر دەپ قارايمەن. تېخىغىچە ھېچقانداق يەردە سەھنىدە قويۇلمىغان ئىدى. مەن ئۆزۈممۇ شۇ چاھارباغلىق ئىدىم.»

تونۇلغان يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرى ئەپەندى 1941-1945-يىللىرىدىكى سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى يېزىلارنى باشقا يېزىلارغا قوشۇۋەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆزى تۇغۇلغان چاھارباغ يېزىسىنىڭمۇ بارلىقىنى، بۇ ۋەقەلەرنى يېزىپ قالدۇرۇش پىكىرىنىڭ ئۆزىدە قانداق ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى: «سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئارقا سەپتىكى بەزى يېزىلارنى كېلەچەكى يوق، ئۇرۇشتا يېزىدىكى ئادەملەر ئۆلۈپ كەتتى، بىر يېزىنى باشقا بىر يېزىغا قوشۇۋېتىڭلار دەپ پەرمان چىققان ئىدى. مەن تۇغۇلغان چاھارباغ يېزىسىمۇ باشقا بىر يېزىغا قوشۇۋېتىلگەن. مەن ھازىر ھاياتتا، بىر يازغۇچىمەن، ئەمما مېنىڭ يۇرتۇم يوق. توختا، مەن بىر يازغۇچىغۇ، شۇ يۇرت توغرىسىدا يازاي، شۇ يۇرتنى تۇتۇپ تۇرغان قەدىردان ئانىلارنى نېمىشقا يازمايمەن، دېگەن ئوي بىلەن بۇ دراما ئەسىرىنى يازغان ئىدىم.»

ئەخمەتجان ھاشىرى، ئالمۇتا شەھىرى يېنىغا جايلاشقان چاھارباغ يېزىسىدىكى بىر ئۇيغۇر موماينىڭ ھاياتىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قانچىلىك ئىرادىلىك خەلق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «چاھارباغ يېزىسى قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىن ھەممەيلەن باشقا يېزىلارغا كۆچۈپ كېتىپ يېزىدا بىرلا ئايال قالىدۇ. يېزىدىكى يەرنى، سۇنى ساقلاپ بىرلا موماي قالىدۇ. مەن دامىمدا بۇ موماينى يېزىنى يورۇتۇپ تۇرغان بىر چىراغ دەپ يازغان ئىدىم. نەدە ياشىساق ياشايلى ئۆز يۇرتىمىز بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇ يېزىدىكى ئايال ھېچقانداق جايغا كەتمەي بۇ يېزىنى ساقلاپ تۇرىدۇ. بەزىلەر بۇ ئايالنى ساراڭ بولۇپ قېلىپتۇ، دەيدۇ. ئەمما نۇرئانا موماينىڭ ئاتا-ئانىسىنىمۇ كوممۇنىستلار ئۆلتۈرگەن، بۇ ئايالنىمۇ يېزىدىن كۆچمىدىڭ، دەپ سىبىرىيەگە سۈرگۈن قىلىۋەتكەن. سەن پارتىيەنىڭ يوليورۇقىغا بويسۇنمىدىڭ دەپ سوتلىغان. بۇ ئايال 92 ياشقىچە بۇ يېزىدىن ئايرىلماي ئالەمدىن ئۆتتى. مەن بۇ ئايالنىڭ ھاياتىنى يېزىش ئارقىلىق دراما ئەسىرىمدە ئۇيغۇرلارنىڭ تىز پۈكمەس ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ بەردىم. مەسىلەن، مەن تۇغۇلغان ئۆي ئۇ يېزىدا بار، ئايال ياشىغان ئۆينى خاتىرە ئۆيى قىلىپ قويدۇق.»

تونۇلغان يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرى 79 ياشقا كىرىپ قالغانلىقىغا قارىماي ئىجادىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇ ھازىرغىچە 8 دراما ئەسىرى يازغان بولۇپ، ئۈچ ئەسىرى خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھەمدە ئەخمەتجان ھاشىرىغا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف تەرىپىدىن «تۆھپىكار ئەدەبىياتچى» مېدالى بېرىلگەن. ئەخمەتجان ھاشىرى ئەپەندى بۇ ھەقتە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇيغۇر تىياتېرىغا 7 دراما يېزىپ بەردىم. بۇ سەككىزىنچى دراما ئەسىرىم. ‹ئىدىقۇت› ناملىق دراما ئەسىرىم تۈرك دۇنياسىدىكى يازغۇچىلار مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ‹يالغۇز يىلپىز› ناملىق دراما ئەسىرىممۇ خەلقئارالىق مۇسابىقىگە تەۋسىيە قىلىندى. قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ماڭا مېدال بەردى. بىر كىتابىمنى دۆلەت سېتىۋېلىۋاتىدۇ.»

ئالمۇتادىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلاردىن دوكتور ئالىمجان تىلىۋالدى ئەپەندى ئەخمەتجان ئاشىرىنىڭ 1960-يىللاردا ئەدەبىيات سېپىغا كىرگەن يازغۇچى ئىكەنلىكىنى، قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بۇرۇن دېيەلمىگەن سۆزلىرىنى دېيىشكە باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. دوكتور ئالىمجان تىلىۋالدى ئەپەندى «چاھارباغ» دراما ئەسىرىنىڭ ئەسلىدە «نۇر ئانا» ناملىق رومان ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كۈچلۈك ئىرادىسىنى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ دراما ئەسەرلىرىنىڭ تۈرك دۇنياسىدا مۇكاپاتلارغا ئېرىشىشى، تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ خەلقئارادا تونۇلۇشى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.