تۈركىيە بۇرسا ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك تۈركىي مىللەتلەر تەنتەربىيە فېستىۋالىدا ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيىتىنى نامايان قىلدى. بۇ فېستىۋالدا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 16 تۈركىي مىللەت مىللىي تەنتەربىيە ئويۇنلىرىنى كۆرسەتكەندىن سىرت، مەزكۇر تۈركىي مىللەتلەر مەخسۇس چېدىرلاردا بۆلمە ئېچىپ ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ۋە سەنئىتىنى نامايان قىلدى. فېستىۋالغا ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان نۇزۇگۇم جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزۇيغۇر باشچىلىقىدا بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر قاتنىشىپ، مەخسۇس بۆلمە ئېچىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت-سەنئىتى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تۈركىيەدە چىقىۋاتقان كىتاب، ژۇرنال ۋە گېزىتلەرنى ھەم كېيىنكى يىللاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرى، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەرنى كۆرگەزمە قىلدى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتى بۇيۇملىرىنى ساتتى.
فېستىۋال جەريانىدا ئۇيغۇرلار تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھوقۇقلىرىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى رەئىسى، سابىق دۆلەت مىنىستىرى خاقان چاۋۇشوغلۇ، بۇرسا شەھەر باشلىقى ۋە بەزى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچار بولۇۋاتقان ئېغىر بېسىم سىياسىتىنى ئاڭلاتتى.
20-ئىيۇلدىن 22-ئىيۇل كۈنىگىچە بۇرسا شەھىرىدىكى قوجايايلا دېگەن جايدا ئۆتكۈزۈلگەن فېستىۋالدا ئۇيغۇرلاردىن سىرت تۈركىيەدە ياشاۋاتقان قازاق، قىرغىز، تۈركمەن، ئۆزبېك، تاتار، نوگايلارمۇ مەخسۇس بۆلمە ئېچىپ، ئۆزلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ۋە بۈگۈنكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان.
فېستىۋال ھەققىدە تېخىمۇ مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن نۇزۇگۇم ۋەخپى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزۇيغۇر خانىم، بۇرسا ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى ئابدۇلقادىر ئابدۇلكېرىم ۋە ئۇيغۇر بۆلمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان دىلەك يىلماز خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئابدۇلقادىر ئابدۇلكېرىم پائالىيەتنىڭ بەك ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار ئاچقان بۆلۈمدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، مەشھۇر شەخسلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان سۈرەتلەر قويۇلغانلىقى، قىسقىسى پائالىيەتنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
مۇنەۋۋەر ئۆزۇيغۇر خانىم 12 يىلدىن بۇيان بۇنداق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرىدىغان پائالىيەتلەرگە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىش ۋە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئابدۇلقادىر ئابدۇلكېرىم ئۆزلىرىنىڭ بۇرسا شەھەر باشلىقى ئەلنۇر ئاقتاش ئەپەندى بىلەن تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھوقۇقلىرىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى رەئىسى خاقان چاۋۇشوغلۇ ۋە پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئابدۇلقادىر ئابدۇلكېرىم ئەپەندى تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇر بۆلمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىنكى ئىنكاسى توغرىسىدا توختالدى.
ئۇيغۇر چېدىرىنى زىيارەت قىلغان ئوقۇتقۇچى دىلەك يىلماز خانىم ئۇيغۇر چېدىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغانلىقىنى، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھوقۇقلىرىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى رەئىسى خاقان چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان بۇنداق بىر پەيتتە، ئۇيغۇر چېدىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە ئەڭ مۇھىمى تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى خاقان چاۋۇشئوغلۇنىڭمۇ فېستىۋالغا قاتنىشىشى بولدى. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدا، ئۇيغۇرلار ئېغىر بېسىم ئاستىدا، بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە خاقان چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۆلمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ ئويلايمەن».
بۇ يىل تۈركىي مىللەتلەر تەنتەربىيە فېستىۋالىنىڭ 3-قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلدىكىسىگىمۇ مۇنەۋۋەر ئۆزۇيغۇر خانىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قاتناشقان ئىدى. بۇرسا ۋىلايىتى بۇلغارىيە، سابىق يۇگوسلاۋىيەدىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقان تۈرك كۆچمەنلەر كۆپلەپ ئولتۇراقلاشقان جاي بولۇپ، بۇ يەردە داۋاملىق ھالدا تۈرك دۇنياسى پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنمەكتە.