«تۈركىي مىللەتلەر دۇچار بولغان قىرغىنچىلىقلار لۇغىتى» ناملىق كىتاب تۈركىيە مالاتيا ئىنۆنۈ ئۇنىۋېرسىتېتى پېداگوگىكا فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى سالىم دورۇقئوغلۇ ئەپەندى بىلەن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى سەۋىم سالىق خانىم تەرىپىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، كىتابقا يېقىنقى زامان تارىخىدا تۈركىي مىللەتلەر دۇچار بولغان قىرغىنچىلىقلار كىرگۈزۈلگەن. كىتاب ئىستانبۇل تۇزلا رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ كۈلتۈر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. 410 بەتلىك كىتابقا ئۇيغۇرلار دۇچار بولغان قىرغىنچىلىقلارمۇ كىرگۈزۈلگەن. بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ كىتابنى نەشرگە تەييارلىغان مالاتيا ئىنۆنۈ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى سەۋىم سالىق خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
بۇ كىتابنى يېزىش پىكرى سىزدە قانداق پەيدا بولغان؟ - دېگەن سوئالىمىزغا سەۋىم سالىق خانىم مۇنداق جاۋاب بەردى: «كىتابنى يېزىش پىكرى مەن ئۈچىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ۋاقتىمدا ئوقۇتقۇچىمىز دوكتور سالىم دورۇقئوغلۇنىڭ پىكرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ خىل قىرغىنچىلىقلارنى تېخىمۇ كەڭ ئاممىغا يەتكۈزۈش مەقسىتى بىلەن بۇنداق بىر ئەسەر يېزىشنى ئويلىغان ئىدۇق. ئەسلىدە بىز كىچىك ھېكايىلەردىن تەسىرلەندۇق. ۋەقەلەرنى ئۇزۇن بايان قىلماي قىسقا جۈملىلەر بىلەن ئاڭلىتىشنى مەقسەت قىلدۇق. مەن ئالدى بىلەن 50 ۋەقەنى ئىزاھلىدىم. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا غۇلجا قىرغىنچىلىقى، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى، بارىن قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا يېزىلغان ماقالە ۋە كىتابلارنى ئوقۇپ قىسقا قىلىپ رەتلەپ چىقتىم. بۇنى لۇغەتتە قىسقا قىلىپ ئىزاھلىدۇق.»
ئۇ، كىتابنىڭ ھەجمى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە كىتابنى يېزىشقا باشلىغاندا بۇنداق چوڭ ھەجىملىك بىر كىتاب يېزىشنى ئويلىمىغان ئىدۇق. ئەمما يېزىشقا باشلىغاندىن كېيىن ئىچىمىزدە بىر قىزىقىش پەيدا بولدى، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە بۇ ۋەقەلەرنى ئاڭلىتايلى دەپ، ئىككى يىلنىڭ ئاخىرىدا بۇنداق بىر چوڭ كىتاب ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ كىتابتا 700 سۆز-ئىبارىگە يەنى ۋەقەگە ئورۇن بەردۇق.»
قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، كىتابنىڭ ئاخىرىغا تۈركىي مىللەتلەر دۇچار بولغان قىرغىنچىلىقلارنى كىملەر قىلغانلىقىغا ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، كىتابنى تۈزگەن سەۋىم سالىق خانىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز كىتابتا ئېتنىك قىرغىنچىلىق ۋە سۈرگۈنلەرنى ئاڭلاتتۇق. بۇلارنى كىم قىلدى؟ قانداق قىلدى؟ بۇنى تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرۇش ۋە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن، بىز بايان قىلغان ۋەقەلەر توغرىسىدىكى رەسىملەرنى كىتابنىڭ ئاخىرىغا قويدۇق ۋە رەسىملەرنىڭ ئاستىغا چۈشەندۈرۈش بەردۇق. مەسىلەن، تۈركىي مىللەتلەرگە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان ستالىن، ماۋ زېدۇڭ، شېڭ شىسەي، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ رەسىملىرىنى قويدۇق.»
«تۈركىي مىللەتلەر دۇچار بولغان قىرغىنچىلىقلار لۇغىتى» ناملىق كىتابقا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا نېمىلەر بار؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى، غۇلجا قىرغىنچىلىقى، ماۋ زېدۇڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقلىرى، ھازىرمۇ شەرقىي تۈركىستاندا ئادەمنىڭ ئورگانلىرى سېتىلىۋاتىدۇ. بۇلار ھەققىدە ئەتراپلىق ئىزدىنىپ كىتابقا يازدىم. يەنە بىرى كىتابتا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا تۈركىيەدە نەشر قىلىنغان كىتابلار توغرىسىدا قىسقا مەلۇماتلار بەردىم. شەرقىي تۈركىستاندا تۈرمىدە يېتىۋاتقان كىشىلەر توغرىسىدىمۇ مەلۇماتلار بەردۇق. شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ بېسىمى داۋاملىشىۋاتىدۇ، شۇڭا كىتابىمىزدا بۇنىڭغا ئالاھىدە ئورۇن بەردۇق. بۇلاردىن باشقا قىرىم تاتارلىرىغا، ئاغىسكا تۈركلىرىگە، ئىراقتىكى تۈركمەنلەر، سۈرىيەدىكى تۈركمەنلەرگە ئېلىپ بېرىلغان ۋە بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقلارنىمۇ قىسقا بايان قىلدىم.»
سىز كىتابتا، تۈركىي مىللەتلەر دۇچار بولغان قىرغىنچىلىقلارنى لۇغەت شەكلىدە قىسقا قىلىپ ئاڭلاتقانلىقىڭىزنى دەپ ئۆتتىڭىز، بۇنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ دېگەن سوئالىمىزغا، ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ بەك مۇھىم. ئەسلىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى، تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ بۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇشى. كىشىلەر قېرىنداشلىرىغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇمدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن بۇنى باشقىلارغا ئاڭلىتىش ئېھتىياجى ھېس قىلىدۇ. بىز بۇلارنى ھەممە ئادەمگە ئاڭلىتايلى دېگەن مەقسەت بىلەن بۇ كىتابنى يازدۇق. بىز بۇلارنى پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدۇق، بۇ بېسىم، يوق قىلىش سىياسەتلىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، بىز بۇ ھەقتە خەلقىمىزنى ئويغىتىش ئۈچۈن بۇنى يازدۇق، خۇدا بۇيرۇسا پايدىسى بولىدۇ.»
سەۋىم سالىق خانىم بۇندىن كېيىن بۇ ھەقتە يەنە نېمىلەرنى قىلماقچىسىلەر دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇنىڭدىن كېيىن قىلىدىغان ئىشىمىز، بىز ئىلىم بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار. بىز قىلالايدىغان ئىشلىرىمىزنى قەلىمىمىز بىلەن قىلىۋاتىمىز. بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلىرىمىزنى تېخىمۇ كېڭەيتىمىز. تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، دۇنيا نوپۇسى كۆپەيگەنسېرى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى ئازىيىپتۇ. ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى خىتاي رەسمىي مەنبەلىرىدە 10 مىليون ئەتراپىدا ئىكەن. بۇ ئەگەر توغرا بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى كۆپەيمىدى دېگەن گەپ. خىتاي ھۆكۈمىتى 60 نەچچە يىلدىن بېرى قانچىلىك ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنى ئۆلتۈردى؟ بۇلارنى پاكىتلار بىلەن ئىلمىي شەكىلدە ئاڭلىتىشنى ئويلاۋاتىمىز. بۇلارنى بۇ كىتابتىكىدەك لۇغەت شەكلىدە ئەمەس، بەلكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تېخىمۇ كەڭ ۋە چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنىمىز. بۇ ھەقتە قولىدا ماتېرىيال بار ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىز بىلەن ئالاقە ئورنىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»