تالات تېكىن ۋە ئۇنىڭ قەدىمكى تۈرك-ئۇيغۇر تىلى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرى

0:00 / 0:00

2015-يىلى 28-نويابىر كۈنى زامانىمىزدىكى تۈركولوگىيە تەتقىقاتى ئۈچۈن ماتەملىك بىر كۈن بولدى. دۇنيا تۈركولوگىيە ساھەسىدىكى مول ھوسۇللۇق ئالىم تالات تېكىن بۇ كۈندە ئىستانبۇلدىكى كېسەل كارىۋىتىدا بىز بىلەن مەڭگۈلۈككە ۋىدالاشتى.

تالات تېكىن 1927-يىلى 16-ئىيۇل تۈركىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى گەبزە شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1951-يىلى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ تۈرك تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىزمىر قاتارلىق جايلاردا ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن تۈرك تىلى جەمئىيىتىگە ئىمتىھان بېرىپ ئوقۇشقا كىرگەن. 1961-يىلى ئامېرىكىدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆتكىلىپ، ئۆزىنىڭ ئورخۇن ۋادىسىدىكى قەدىمكى تۈرك-ئۇيغۇر مەڭگۈ تاشلىرىغا بېغىشلانغان دىسسېرتاتسىيەسىنى ياقلاپ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان. شۇنىڭدىن كېيىن تالات تېكىن كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۈركىي تىللارغا دائىر ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن مەشغۇل بولغان. 1972-يىلى تۈركىيەدىكى ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىغا خىزمەتكە كىرگەن ۋە كېيىنچە پروفېسسورلۇققا ئۆستۈرۈلگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ ئالىم ۋاپات بولغۇچە قەدىمكى تۈرك تىلى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىغا دائىر 15 پارچە كىتاب، شۇنداقلا ئىككى يۈز پارچىغا يېقىن ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. ئاپتورنىڭ ئەسەرلىرى ئاساسەن ئىنگلىزچە ۋە تۈركچە تىللاردا يېزىلغان بولۇپ، بىر قىسىم ئەسەرلىرى فىرانسۇز ۋە كورېيە تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان. تالات تېكىن 1994-يىلى كېسەللىك سەۋەبىدىن دەم ئېلىشقا چىققان بولسىمۇ، تۈركىي تىللار، جۈملىدىن ئۆزىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى ئىزچىل داۋام ئەتكەن.

تالات تېكىننىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ۋە بۇ ئەمگەكلەرنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلارنى ئىگىلەش ئۈچۈن گېرمانىيەدىكى گوتتىنگىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، قەدىمكى تۈرك تىلى، جۈملىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بويىچە يېتىلىۋاتقان ياش ئالىملاردىن دوكتور ئابلەت سەمەت بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز پىكرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تالات تېكىن قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈن ئورتاق تىل بولغان قەدىمكى تۈرك تىلىنىڭ سىستېمىلىق گرامماتىكىسىنى بەرپا قىلىپ چىقىشتا سەمەرىلىك ئەمگەكلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. بولۇپمۇ تالات تېكىننىڭ 1965-يىلى ئامېرىكىدىكى ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا نەشر قىلىنغان «ئورخۇن تۈركچىسىنىڭ گرامماتىكىسى» ناملىق ئەسىرىنىڭ قەدىمكى تۈرك تىلى ھەققىدىكى تەتقىقاتلاردا يېتەكچى ئەسەر بولۇش رولى زامانىمىزغىچە داۋام قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.

تالات تېكىننىڭ ۋاپاتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ بىر زور يوقىتىش بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن دوكتور ئابلەت سەمەت قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى موڭغۇلىيەدىكى ئورخۇن دەرياسى بويلىرىدا 8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ چىققانلىقىنى ئەسلىتىپ، مەزكۇر ئىمپېرىيىنىڭ رەسمىي تىلى بولغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا دائىر تەتقىقاتقا تالات تېكىننىڭ ناھايىتى كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

دوكتور ئابلەت سەمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەرھۇم تالات تېكىن يالغۇز مول بىلىمىڭ ئالىم بولۇپلا قالماستىن، يەنە ھازىرقى كۈندە خەلقئاراغا تونۇلۇۋاتقان كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەرنى تەربىيىلىگەن ئۇستاز ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ھازىرقى كۈندە تۈركىيە ۋە باشقا جايلاردىكى مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدا غوللۇق خادىملاردىن بولۇپ خىزمەت قىلىۋېتىپتۇ.

ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەرھۇم تالات تېكىننىڭ ئۈچ پەرزەنتى بولۇپ، چوڭ قىزى ئۆزلەم تېكىن تۈركىيەدىكى داڭلىق ناخشىچىلاردىن ئىكەن.