ئۇلۇغ ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئەسىرى ئالمۇتادا تۇنجى قېتىم كىرىل يېزىقىدا نەشر قىلىندى. «مىر» نەشرىيات ئۆيى تەرىپىدىن يورۇق كۆرگەن بۇ ئەسەرنىڭ ئومۇمىي ھەجمى 511 بەتنى تەشكىل قىلدى. مەزكۇر كىتاب پېشقەدەم زىيالىي سادىقجان يۇنۇسوف تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 27-ئۆكتەبىردە ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ گىمنازىيەسىدە كىتابنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا زىيالىيلار، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى، يۇرت-جامائەتچىلىك، مۇئەللىملەر ۋە ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى.
يىغىن رىياسەتچىسى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى مۇئەللىمى زۇلفىيە ئابدۇللايېۋا مەزكۇر مۇراسىمنىڭ مەھمۇد قەشقەرىنىڭ 1010 يىللىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بۇ پائالىيەتنىڭ كەڭ دائىرىدە، يەنى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر تىياتىرى ئارتىسلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈشنىڭ پىلانلانغانلىقىنى كۆپچىلىككە يەتكۈزدى. ئەمما مەزكۇر تىياتىر رېژىسسورى ۋە ئارتىسى مۇھىت ھېزىموفنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇراسىم پروگراممىسىنىڭ كەسكىن قىسقارتىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرى مۇھىت ھېزىموفنى بىر مىنۇتلۇق سۈكۈت ساقلاپ، ئەسكە ئالدى.
«تۈركىي تىللار دىۋانى» كىتابىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى مەزكۇر گىمنازىيە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەھمۇد قەشقەرىگە بېغىشلانغان شېئىرلارنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. ئاندىن سەھنىگە چىققان قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف كىتابنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىنىڭ لېنتىسىنى كەستى. ئۇ ئۆز سۆزىدە قازاقىستاندا مىللىي سىياسەتنىڭ توغرا يولدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئارقىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆز تىلىنى ساقلاپ، مائارىپىنى، مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. شاھىمەردان نۇرۇموف «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ تونۇلغان چوڭ بىر يادىكارلىق ئىكەنلىكىنى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر كىرىل يېزىقىدا يورۇق كۆرگەنلىكىنى چوڭ ئىلمىي يېڭىلىق دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ يىللىق تارىخقا، باي مەدەنىيەتكە ئىگە خەلق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
نۆۋەتتە سۆزگە چىققان ئابلايخان نامىدىكى قازاق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە دۇنيا تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋالېرىي مەخپىروف مەزكۇر كىتابنىڭ ئىلمىي ئەھمىيىتىنىڭ ئىنتايىن زور ئىكەنلىكىنى، بۇنى ئونلىغان مەشھۇر دۇنيا ئالىملىرىنىڭ ئىسپاتلىغانلىقىنى، ئۇنىڭ كۆپلىگەن دۇنيا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ئەسەرنىڭ كىرىل يېزىقىدا نەشر قىلىنىشىنىڭ بولۇپمۇ قازاقىستاندا ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرى ئۈچۈن، شۇنداقلا كۆپلىگەن كىتابخانلار ئۈچۈنمۇ ئەھمىيىتىنىڭ ئىنتايىن زور ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
كىرىل يېزىقىدىكى «تۈركىي تىللار دىۋانى» كىتابىنى نەشر قىلىشقا ھامىيلىق قىلغان سابىت ھاجىم يۈسۈپوف سۆزگە چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي يادىكارلىقلىرىنى ساقلاپ قېلىشتا ۋە تەرغىب قىلىشتا بولۇپمۇ ئالىملارنىڭ چوڭ رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئوخشاش ئۇلۇغ ئەسەرلەرنىڭ ياشلار ئۈچۈنمۇ تەربىيىۋى ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
سادىقجان يۇنۇسوف بولسا، ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ، كۆپلىگەن كىتابلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭدا ئۆزى پايدىلىنىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى كېيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس سۈپىتىدە قالدۇرۇش مەقسىتىنىڭمۇ بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مەزكۇر كىتابنى نەشر قىلىش تارىخىغا توختالدى. ئۇ شۇنداقلا مەزكۇر كىتابنى يورۇققا چىقىرىشقا سالماقلىق كۈچ چىقارغان، خەلق مەنپەئەتىنى ئۆز مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان مىللەتپەرۋەر شەخس سابىت ھاجىم يۈسۈپوفقا چەكسىز مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلدى.
سادىقجان يۇنۇسوف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 1985-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە بولغان پەيتىدە دىن، مائارىپ، تىل، ئەدەبىيات، مەدەنىيەت، سەنئەت، ئۆرپ-ئادەت، ئېتنوگرافىيە ۋە باشقىمۇ ساھەلەرگە ئائىت 300 گە يېقىن كىتابلارنى ئېلىپ چىققان ئىكەن. ئۇ مەزكۇر كىتابلارنى ئېلىپ چىقىشتا ئۇلارنى كىرىل يېزىقىغا كۆچۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرۇش مەقسىتىنى كۆزلىگەن ئىكەن. بۈگۈنگە قەدەر ئۇ 50 ئەتراپىدا كىتابنى كىرىل يېزىقىغا كۆچۈرگەن. سادىقجان يۇنۇسوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ ئىچىدە 15كە يېقىن كىتاب ‹مىر› ۋە ‹دەۋر› نەشرىياتلىرى ئارقىلىق نەشر قىلىنىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا تارقىتىلدى. بۇنىڭغا مىللەتپەرۋەر، ساخاۋەتلىك ئىنسانلىرىمىز ياردەم قىلدى. ‹تۈركىي تىللار دىۋانى› بولسا، دۇنيادا تەڭدىشى يوق شاھانە ئەسەر. بىزنىڭ يۇرتدىشىمىز، ساخاۋەتچى ئىنسان سابىت ھاجىم يۈسۈپوف 8 مىڭ دوللار پۇل چىقىرىپ، 1000 نۇسخا نەشر قىلدى. ئۇ كۆپچىلىككە بىكارغا تارقىتىپ بېرىلدى. مېنىڭ ئارمىنىم ئەمەلگە ئاشتى. مېنىڭ يەنە نۇرغۇن پىلانلىرىم بار. بۇنىڭغىمۇ ساخاۋەتچى ئىنسانلىرىمىز قول بېرىدۇ دەپ ئويلايمەن.»
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان زىيالىي زۇخرۇللام قۇرۋانباقىيېف ئەپەندى بۇ مۇراسىمنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن تارىخىي ۋەقە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «تۈركىي تىللار دىۋانى» كىتابى نۇرغۇن يىللار ئاڭلىغان بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقىمىز كىرىل يېزىقىدا ئوقۇپ يۈرگەنلىكتىن، ئەرەب يېزىقىنى كۆرمىگەن. ئۇنىڭ كىرىل يېزىقىدا چىقىشى بارلىقىمىزنى خۇشال قىلدى. بۈگۈن يەنە تىياتىرىمىزنىڭ ئاتاقلىق رېژىسسورى ۋە ئارتىسى مۇھىت ھېزىموفنى ئاتاپ ئۆتتۇق. ئەڭ ئاساسى بۈگۈن ۋەتىنىمىزدە بولۇۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋەقەلىرىنىمۇ ئەسلەپ ئۆتتۇق. بىر سۆز بىلەن ئېيتقاندا، بۈگۈنكى پائالىيىتىمىز ياخشى ئۆتتى دەپ ھېسابلايمەن.»
ئىگىلىشىمىزچە، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ 1000 يىللىق تەۋەللۇتى ئون يىل ئىلگىرى ئالمۇتادا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. بۇ چوڭ تەنتەنىنى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك باشقىمۇ كۆپلىگەن پائالىيەتلەر ئۆتكەن ئىدى. شۇلارنىڭ بىرى «مەھمۇد قەشقەرىنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىدى. ئۇنىڭغا قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، رۇسىيە ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تونۇلغان ئالىملىرى ئىشتىراك قىلغان ئىدى.
0:00 / 0:00