ھىندىستاندىكى تۈركىي خەلقلەر

0:00 / 0:00

يېقىندا تۈركىيە تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ھىندىستاندىكى تۈركىي خەلقلەر ناملىق تۆت قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلەپ تارقاتقان.

فىلىمدە ئۆزلىرىنى بەگلەر دەپ ئاتايدىغان قەشقەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادىمۇ تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بىز ھىندىستاندىكى تۈركىي خەلقلەر ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن فىلىم ئىشلىگۈچى ۋەلى ئۇچماس ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

‏-ۋەلى ئەپەندى تۈركىي خەلقلەر تارقالغان رايونلار ئادەتتە ھەممە تەرىپىدىن بىلىنگەن بەلگىلىك بىر تېررىتورىيەدۇر. سىز ھىندىستاندىكى تۈركلەر ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى سۈرەتكە ئالدىڭىز، بىزگە ھىندىستاندىكى تۈركلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز؟

‏-خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە مۇنازىرە سورۇنلىرىدا تۈركىي خەلقلەر ھەققىدە ماقالە ئوقۇيدىغانلار كۆپرەك ساھا جۇمھۇرىيىتى، تۈركىستان رايونلىرىدىكى تۈركىي خەلقلەر، بالقان تۈركلىرى ۋە كاۋكازىيە تۈركلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇلار ئىزچىل مېنىڭ دىققىتىمنى تارتىپ كەلگەن. ئىران، ئافغانىستان قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئىزدىنىش ئاسانغا توختىمايدۇ. ئىنسانلار پاكىستان ۋە ھىندىستان قاتارلىق رايونلاردا تۈرك يوق دەپ قارايدۇ. ھازىرغىچە ھېچ كىشى بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ماقالە يېزىپ چىققىنى يوق. مەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىرلىق ئوقۇغان ۋاقتىمدا پاكىستان، ھىندىستانلىق ساۋاقداشلىرىمدىن ئۇ رايونلاردا نۇرغۇنلىغان تۈركلەرنىڭ ياشايدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بۇ تۈركلەر ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ تېمىنى قولغا ئېلىشنى ئويلىدىم ۋە 20 يىلدىن بېرى مۇشۇ ھەقتە ئىزدىنىپ كېلىۋاتىمەن. شۇندىن بېرى بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان ماتېرىياللارنى توپلىدىم، ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇم. ئاخىرىدا بۇ تەتقىقات نەتىجەمنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاشنى خالاپ قالدىم ۋە ھۆججەتلىك فىلىم ئارقىلىق بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پىلانلىدىم. ھىندىستاندىكى يەرلىك تۈركلەر ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلەپ چىقتىم. بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى تۈركىيە تېلېۋىزىيىسى سۈرەتكە ئېلىپ تارقاتتى. ھىندى مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە ئۇ يەردە ھېچقانداق تۈرك يوقتەك بىر مەنزىرە ئوتتۇرىغا چىقىپتۇ. بىز سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا ئۇتتارپرادەش رايونىدىلا 64 پەرقلىق تۈرك قەۋملىرىگە مەنسۇپ تۈركلەرنىڭ بارلىقىنى ئېنىقلىدۇق. بىخار رايونىدىمۇ بىرمۇنچە پەرقلىق تۈرك قەۋملىرىگە مەنسۇپ تۈركلەرنى كۆردۇق. كەشمىرنىڭمۇ ھىندىستانغا تەۋە قىسمىدا نۇرغۇنلىغان تۈركىي خەلقلەر بار. بۇلار ئايرىم-ئايرىم تەتقىق قىلىنىشى كېرەك. مېنىڭ بۇنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشىم ئاكادېمىك خادىملارنى بۇ تېمىنىڭ ئايرىم ‏-ئايرىم نۇقتىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا ئۈندەش ئۈچۈندۇر.

‏-بۇ رايونلار ھىندىستاننىڭ قايسى تەرىپىگە جايلاشقان؟ بۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ تەۋەلىكى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز؟

‏-ھىندىستاننىڭ گاڭگى دەرياسىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدا ئاناتولىيە زېمىنىدىنمۇ چوڭ بولغان پايانسىز تۈزلەڭلىك ۋە ئويمانلىقلار بار. مانا مۇشۇ رايوندا ئۇتتارپرادەش دەيدىغان يېڭى دېھلىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بىر رايون بار. ھىندىستاننىڭ ئەڭ نوپۇسى زىچ رايونلىرىدىن بىرى. بۇ رايوننىڭ نوپۇسى 200 مىليوندىن كۆپ. بۇنىڭ شەرقىدە بىخار ۋىلايىتى بار. بۇ يەردىمۇ تۈركىي خەلقلەر ياشايدۇ. بۇندىن باشقا يەنە جامبۇ كەشمىردىمۇ مىليونلىغان تۈركىي خەلق ياشايدۇ. ھۆججەتلىك فىلىمدە يەر ئالغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ كۆپى قوجا تۈركلىرىگە مەنسۇپ كىشىلەر. قوجا تۈركلىرى ئاساسەن ئۇتتارپرادەشتە ياشايدۇ. بۇ ۋىلايەتنىڭ مۇرادئاباد شەھىرى ۋە ئەتراپىدىكى جويا، رامپۇر، سامبال قاتارلىق شەھەرلىرىدە نۇرغۇنلىغان تۈركلەر ياشايدۇ. بۇ تۈركىي خەلقلەر ئۆزلىرىنى ھەرخىل تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ نامى بىلەن ئاتىسىمۇ، ھىندىستانلىقلار بۇلارنى تۈرك دەپ ئاتايدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەتتا پارلامېنتتىن يەر ئالغان كىشىلەرمۇ باركەن. ھازىر پارلامېنتتا بىر تۈرك خەلق ۋەكىلى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى شەفىقۇ رەھمان بەرك. ئۇ 20 يىلدىن بېرى بەش قېتىم خەلق ۋەكىلى سايلىنىپ ھىندىستان پارلامېنتىدا خىزمەت قىلماقتا. گەرچە سامبالدا 50 مىڭ تۈركىي خەلق بولسىمۇ، شەفىقۇ رەھمان ھەر قېتىم 300 مىڭدىن ئارتۇق بېلەت بىلەن پارلامېنتقا كىرىپتۇ. بۇ يەردىكى تۈركلەر باغۋەنچىلىك، يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. ھىندىستاندىكى تۈركلەر ئادەتتە باشقا مىللەتلەردىن كېلىن قوبۇل قىلىدىكەن، لېكىن قىزلىرىنى باشقا مىللەتلەرگە بەرمەيدىكەن. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا تۈركلەر ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتمەي ساقلىنىپ تۇرۇپتۇ.

‏-ھىندىستاندىكى تۈركلەردىن قايسى تۈركىي قەۋملەرگە مەنسۇپ تۈركلەرنى كۆردۈڭلار؟

‏-بۇنىڭغا دائىر ھەرخىل كۆز قاراشلار مەۋجۇت. ئەمما ئاساسەن قوبۇل قىلىنىدىغان كۆز قاراشتا، قوجا تۈركلىرى ئۆزلىرىنى غەزنەلى مەھمۇتنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئەۋلادى دەيدىكەن. غەزنەلى مەھمۇدنىڭ ھىندىستانغا بولغان تۇنجى سەپىرى 1000-يىلى باشلانغان بولۇپ، ئۇندىن كېيىنمۇ ئوغۇللىرى 17 قېتىم سەپەر قىلغان. بۇ جەرياندا ئەسكەرلەر ۋە دۆلەت مەنسۇپلىرى ھىندىستاندا يەرلەشكەن. سانى ئەڭ كۆپ بولغىنى قوجا تۈركلىرى. بۇندىن قالسا بەگلەر بولۇپ، مەنچە بەگلەر قەشقەردىن كەلگەنلەر بولۇپ، تارىختا ئاساسەن ھاكىمىيەت تۇتقان مىللەت بولغاچقا، ئۆزلىرىنى بەگلەر دەپ ئاتاشقان. ئۇندىن باشقا يەنە جوجا، بۇبنى، يەنە ئۆزىنى خانلار دەيدىغان 20 مىليون ئەتراپىدا تۈركىي خەلق بار بولۇپ، خانلار يەنە پاكىستاندىمۇ ياشايدىكەن. ئۇندىن قالسا چۇتاي دەيدىغانلار بار بولۇپ، بۇ چاغاتاي ئىسمىدىن كەلگەن. بۇلار ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە ئىكەن. ئۇندىن باشقا يەنە ئەفەندىلەر، بەگ مەنىسىدىكى راجا قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتىلىدىغان تۈركىي مىللەتمۇ بار ئىكەن. راجالار بىلەن ئەفەندىلەر ئاساسەن كەشمىردە ياشايدىكەن. تانولى ناملىق تۈركىي مىللەت بىخاردا ياشايدىكەن. ئوسمانىي ناملىق تۈركىي مىللەتمۇ بار ئىكەن. ھىندىستاندا تەخمىنەن مىڭ ئائىلىلىك ئوسمانىي تۈركلىرى بار ئىكەن. پۈتۈنلەي ئوسمانىيلار ياشايدىغان بىر يېزىنى تاپتۇق. 400 يىل بۇرۇن ئىستانبۇلدىن بۇخاراغا يولغا چىقىپ بۇخارا ۋالىيسى شاھمۇراد بۇخارى بىلەن بىللە ھىندىستانغا بارغان ئىككى تۈرك قوماندانى ۋە كېيىن بارغانلار تەدرىجىي شۇ يەرگە يەرلىشىپ بۈگۈنكى ئوسمانىي دېگەن مىللەتنى شەكىللەندۈرۈپتۇ. ھىندىستاندىكى تۈركلەردە شەجەرىچىلىك تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ھەربىر ئائىلە ئۆزىنىڭ كەم دېگەندە سەككىز ‏-توققۇز سۇلالىسىنى دەپ بېرەلەيدىكەن. ھەم بۇنى يېزىقتا خاتىرىلەپ ماڭىدىكەن ھەم يېڭى ئەۋلادلارغا بىلدۈرۈپ ماڭىدىكەن. شۇڭا بىزمۇ قىينالمايلا بۇلارنىڭ تارىخىنى بىلىۋالدۇق.

‏-ئۇلارنىڭ تىل ۋە ئۆرپ ‏-ئادەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز؟

‏-ئۇلار تىلىنى ئۇنتۇپ كېتىپتۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلى بولغان ئوردۇ تىلىنى قوللىنىدىكەن.

بىز شەھەرلىشىش جەريانىدا ئۇنتۇپ قالغان بەزى ئۆرپ ‏-ئادەتلىرىمىز ئۇلاردا ساقلىنىپ قاپتۇ. ئۆيلەردە ئاساسەن دېگۈدەك تام تەكچىلىرى بار ئىكەن. چىنە ‏-تەخسە، ھەدىيەلىك بۇيۇم قاتارلىقلارنى تىزىپ قويىدىكەن. بۇ تۈركلەرنىڭ ئۆرپ ‏-ئادىتى ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيە تېلېۋىزىيە ئىدارىسى خادىمى ۋەلى ئۇچماس ئەپەندى ھىندىستاندىكى تۈركلەر ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلىگەندىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئىشقا ئېتىبار بېرىشكە باشلىغان ۋە ھىندىستاندىكى تۈركلەرنىڭ ئىچىدىن ھەر يىلى ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن ئوقۇتۇلىدىغان 20 ئوقۇغۇچىنى تۈركىيىگە ئەكېلىپ ئوقۇتماقتا. ھىندىستانلىق تۈركلەر ئۆز مەدەنىيىتىنى تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ھىندىستاندا تۈرك مەكتەپلىرىنى ئېچىشنى ۋە كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچىلارنى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان.