تۈركىيەدە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك، تاتار، ئەزەربەيجانغا ئوخشاش تۈركىي خەلقلەرنىڭ ناخشىلىرىنى ئېيتىپ داڭ چىقارغان بۈنيامىن ئاقسۇنگۇر ئەپەندى يېقىندىن بېرى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ناخشا - مۇزىكىلار بىلەن ئۇيغۇرلارنى تونۇتماقتا. ئۇ، 2015 - يىلى قۇربان ھېيىتتا ئۈرۈمچى، تۇرپان، ئاقسۇ ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تونۇلغان ئالىملىرىدىن مەھمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ مەقبەرەسىنى زىيارەت قىلغاندىن سىرت، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم شەخىسلىرىدىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە زوردۇن سابىرلار قاتارلىقلارنىڭ قەبرىسىنىڭ بېشىغا بېرىپ قۇرئان ئوقۇپ دۇئا قىلغان. ئۇ، قايتىپ كېلىپلا تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئۈنىۋېرسىتېت، تەتقىقات مەركەزلىرى ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلاردا دوكلات بېرىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەسىراتىنى ئاڭلاتماقتا. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تونۇلغان شائىرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ئاڭلاتقاندا ئالدى بىلەن ئۇنىڭ شېئىرىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، دۇتار بىلەن ئۇ شېئىر بىلەن يېزىلغان ناخشىنى ئىجرا قىلىپ كىشىلەرنىڭ قاتتىق قىزىقىشىنى قوزغىماقتا.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۈنيامىن ئاقسۇنگۇر ئەپەندى ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا 10 قېتىم دوكلات بەرگەنلىكىنى، ئۆزى بىر سەنئەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆرگەنلىرىنى ھېسسياتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئاڭلاتقان بولغاچقا كىشىلەرنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى: «بۈگۈن ئاقشامقى دوكلاتىمنى قوشسام، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا 10 قېتىم دوكلات بەرگەن بولىمەن. ئاڭلىغۇچىلار دوكلاتىمغا بەكلا قىزىقىدۇ. چۈنكى بىز سەنئەتچىلەر كۆرگەنلىرىمىزنى ھېسسياتىمىز بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئاڭلىتىمىز. ئەلۋەتتە ئېيتقانلىرىمىز تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ قەبرىسىگە بارغان بولسام، ئۇنى ئاڭلاتقاندا ئۇنىڭ شېئىرىنى تېكىست قىلغان بىر ناخشىنى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۆتكۈرنىڭ مازىرىغا بارغان بولسام، ئۇلارنىڭ شېئىرىنى تېكىست قىلغان ناخشىنى ئوقۇيمەن. ئەگەر داۋانچىڭغا بارغان بولسام، دۇتار بىلەن "داۋانچىڭنىڭ يولى قاتتىق تاۋۇزى تاتلىق" دېگەن ناخشىنى ئوقۇپ تۇرۇپ ئاڭلىتىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ناخشىلارنى ئۇيغۇر دۇتتارى بىلەن ئورۇنلايمەن، ئۇيغۇر دوپپىسى بىلەن كۆينىكىنى كېيىپ ئورۇنلىغان بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ قاتتىق قىزىقىشىنى قوزغايمەن.»

بۈنيامىن ئاقسۇنگۇر ئەپەندى 1975 - يىلىدىن تارتىپ تۈركىي خەلقلەرنىڭ ناخشا - مۇزىكىلىرى بىلەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ لىدەرى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن 1975 - يىلى ئۇنىڭغا دۇتار، راۋاپ ۋە ئۇيغۇر كېيىملىرى سوغات قىلغان. شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق باشلىقى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى بۈنيامىن ئاقسۇنگۇر ئەپەندىنىڭ تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ تونۇلۇشىغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكىسىنىڭ تونۇلۇشىغا زور تۆھپىلەر قوشقانلىقىنى بايان قىلدى.
سامسۇن 19 - ماي ئۈنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى دوكتور سەرقان شەن ئەپەندى 27 - فېۋرال كۈنى سامسۇن تۈرك ئوجاقلىرىدا بۈنيامىن ئاقسۇنگۇر ئەپەندىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغانلىقىنى قىزىقىشنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى بولغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيۇشتۇرغان دوكلات بېرىش پائالىيىتىگە كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى. بۈنيامىن ئاقسۇنگۇر ئەپەندى ئورۇنلىغان ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى كىشىلەرنى قاتتىق جەلىپ قىلدى. ئەلۋەتتە سەنئەتچىلەر ئالاھىدە كىشىلەر. ئۇلارنىڭ كۆز قاراشلىرى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قىلغان ئېكىسكۇرسىيەسىدىن ئالغان تەسىراتىنى سەنئەتچى سەزگۈرلۈكى بىلەن ئوچۇق ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ ئاڭلاتتى. سىزگىمۇ مەلۇم، شەرقىي تۈركىستان ئۇمۇمىي تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى، تۈرك دۇنياسىنىڭ داڭلىق ئالىم ۋە ئەدىپلىرى يېتىشكەن مۇقەددەس زېمىن. بۈنيامىن ئەپەندى بۇ زېمىننى، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تارىختىكى جەڭگىۋارلىقلىرىنى سەنئەت بىلەن بېزەپ تۇرۇپ ئاڭلاتقان بولغاچقا ئۈنۈمى بەكلا زور بولدى.»
تونۇلغان سەنئەتچى، تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى رىياسەتچىسى بۈنيامىن ئاقسۇنگۇر ئەپەندى بۇنىڭ بىر تىياتېر ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرىنى ناخشا ۋە مۇزىكا ئارقىلىق ئاڭلىتىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بەزىدە سەھنىدە ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ سالغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ بىر تىياتېر ئەمەس، مېنىڭ كۆرگەنلىرىم. دوكلاتىمنى ئاڭلىغانلار سەزگەن بولۇشى مۇمكىن. بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزۈمنى تۇتالماي يىغلاپ كېتىمەن. چۈنكى شەرقىي تۈركىستاندا كۆرگەنلىرىم بار، دوكلات بەرگەندە ئاڭلىتالىغانلىرىم بار، ئاڭلىتالمىغانلىرىم بار. بىز ئۇيغۇرلار بىلەن يېقىندا تونۇشمىدۇق، نەچچە مىڭ يىللىق قان قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىمىز بار. شۇڭا قانداق قىلسام بۇ قېرىنداشلىرىمغا پايدىلىق بولار دەپ ئۇنىڭغا باش قاتۇرىمەن.»