تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013.10.16

بۈگۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ھېيتلىرىدىن بىرى قۇربان ھېيت. بۇ بەزى مىللەتلەر ئۈچۈن قوۋم -قېرىنداش، ئەل-ئاغىنە، ئەل-يۇرت، دوست -يارەنلەر جەم بولىدىغان چوڭ-كىچىك ھەممە كىشى سۆيۈنىدىغان ھېيت كۈنى، ئەمما چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بولسا بەكرەك مۇڭ، قايغۇ ۋە غەم باسىدىغان سېغىنىش، ھىجران ئوتلىرى يەنىمۇ كۈچىيىدىغان، كۆڭلى يېرىم بولىدىغان پەيتلەردۇر.

بۇ يىل قۇربان ھېيتتا تۈركىيەدە 9 كۈن تەتىل بولىدۇ. تۈركىيەدە قۇربان ھېيت بايلار ئۈچۈن دېڭىز بويلىرىغا بېرىپ دەم ئېلىش، چەتئەللەردە ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ئوخشاش ئىشلار دېگەنلىك. ئەمما، ئاۋام خەلق ئۈچۈن بولسا ئىسلام دىنىدىكى قۇربان ھېيتىنىڭ شەرتلىرىنى ئادا قىلىش دېگەنلىكتۇر. ئۇنداقتا قۇربان ھېيتىنى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار قانداق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ؟ بولۇپمۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىر مەھەللىدە جەم بولۇپ ياشاۋاتقان قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ؟ يېنىدا ھېچقانداق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولمىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ئەنقەرەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارچۇ؟ بىز چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنگە قىلغان قۇربان ھېيتلىق، سېغىنىشلىق ئوتلۇق سالىمى سۈپىتىدە، تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە ۋە قەيسەرى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

1964-يىلى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرى ئەخمەت يەسەۋىي مەھەللىسىگە 200 ئائىلە ئۇيغۇر جايلاشتۇرۇلغان ئىدى. بۇ ئۇيغۇرلار 1960-يىلى غۇلجا، قەشقەر ۋە يەكەن قاتارلىق جايلاردىن ئافغانىستانغا چىقىپ، ئافغانىستاندا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قەيسەرىگە ئەكېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئەنقەرەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسا دۆلەت ئىدارىسىدە ئىشلەۋاتقان ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت.

ئۇلار زىيارىتىمىزدە ھەممە بىردەك، قۇربان ھېيتنى تۈركىيەدە موللۇق ۋە خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈۋاتقان بولسىمۇ ئۆز يۇرتىغا بولغان سېغىنىش ئوتىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى تەكىتلەشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.