«ئۇممەتچىلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك ۋە ھىجرەت چۈشەنچىسى» ناملىق كىتاب ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى

0:00 / 0:00

تۈركىيەدە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ نەشرىياتچىلىق پائالىيىتىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر تىلىدا كۆپلەپ ئەسەرلەر نەشر قىلىنىشقا باشلىدى. يېقىندا «ئۇممەتچىلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك ۋە ھىجرەت چۈشەنچىسى» ناملىق كىتاب ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. بىر مەزگىل مىسىردىكى ئاين شەمس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى يازغان مەزكۇر ئەسەر: «مۇقەددىمە، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئۇممەتچىلىك چۈشەنچىسى، ئىسلام ئۈممىتى ئاتالغۇسى، ئىسلام، مىللەت ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئەقىدە ۋە ۋەتەن-مىللەت، ھىجرەت ۋە مۇھاجىر ئۇقۇمى، نامايىش قىلىش زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشنىڭ بىر ۋاسىتىسى »دېگەندەك بىر قاتار مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 64 بەتتىن تەركىب تاپقان «ئۇممەتچىلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك ۋە ھىجرەت چۈشەنچىسى» ناملىق كىتاب توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن كىتابنىڭ ئاپتورى دوكتور ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى ئەپەندى، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى سىراجىدىن ئەپەندى ۋە ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى ئەپەندى كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پەيدا بولغان ئوخشىمايدىغان ئېقىم ۋە كۆز قاراشلارنى توغرا ئىزاھلاپ. ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق بولۇش ئۈچۈن بۇ كىتابنى يازغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك، ئۇممەتچىلىك، ئۇيغۇر مەسىلىسى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋە بىرلىك-ئىتتىپاقلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىق ئۇقۇملار ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مۇنازىرە قىلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇقۇملار ھېسابلىنىدۇ. كېيىنكى يىللاردا بۇ مۇنازىرە تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى. ھەتتا بەزى ئۇقۇملارنىڭ ئېنىق بولماسلىقى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلىشقا باشلىدى. دوكتور ئابدۇراخمان جامال قاشلىرى ئەپەندى بۇ كىتابىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن مىللەتچىلىكنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا توختالغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

دوكتور ئابدۇراخمان جامال قاشلىرى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى خالىغانچە ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغانلىقىنى، مۇسۇلمانلىقنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىن قوبۇل قىلغان مەدەنىي كىملىكى ئىكەنلىكىنى بۇ ئىككىسىنى زىددىيەتلەشتۈرۈشنىڭ دىنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇنداقتا ئىسلام كىملىكى قانداق شەكىللەنگەن؟ ئۇ، مىللەتچىلىك ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ئىنكار قىلامدۇ؟ «ئۇممەتچىلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك ۋە ھىجرەت چۈشەنچىسى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، دوكتور ئابدۇراخمان جامال قاشلىرى ئەپەندى ئىسلام كىملىكىنىڭ ئەقىدە ۋە مەدەنىيەت مىراسى ئاساسىدا شەكىللىنىدىغانلىقى ھەم ئىسلامنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى كىتابىدا بايان قىلغان.

ئۇ، خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا كىتابىدا ئۇممەتچىلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك ۋە كېيىنكى يىللاردا بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇۋەتكەن ھىجرەت قاتارلىق ئۇقۇملارنى يورۇتۇپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا ئەڭ كۆپ مۇنازىرە قىلىنغان مەسىلىلەردىن بىرى نامايىش قىلىش ئىدى. ئاپتور كىتابىدا بۇ ھەقتىمۇ توختالغان. دوكتور ئابدۇراخمان جامال قاشلىرى ئەپەندى كىتابتىمۇ بايان قىلىپ ئۆتكەندەك، نامايىش قىلىشنىڭ زۇلۇمغا، ناھەقچىلىككە قارشى چىقىشنىڭ ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئىسلام دىنى ئەقىدىسىدىن قارىغاندىمۇ ئۇنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بۇ ئىدىيە جەھەتتىكى زىددىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىنى ياخشى چۈشەنمەسلىكتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

كىتاب توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنقەرەدىكى تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان، مۇسۇلمان ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق ئۇقۇملارنى ئۆزئارا ئايرىپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى سىراجىدىن ئەپەندى، دوكتور ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى ئەپەندى يازغان «ئۇممەتچىلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك ۋە ھىجرەت چۈشەنچىسى» ناملىق كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

كىتابنىڭ ئاپتورى ئابدۇراخمان جامال قاشغەرى ئەپەندى قەشقەردە تۇغۇلغان بولۇپ، مىسىردىكى ئاين شەمس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىرلىق بىلەن دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرى ئۈچۈن ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇ، 2016-يىلىدىن تارتىپ تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە تۇرماقتا.