ئالماتادا تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى خەلقئارا تەشكىلاتىنىڭ بۆلۈمى ئېچىلدى

0:00 / 0:00

4-مارتتا ئالماتادا ئورۇنلاشقان قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئالىي بىلىم دەرگاھلىرىنىڭ بىرى ئەل-فارىبى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقشۇناسلىق فاكۇلتېتىدا تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى خەلقئارا تەشكىلاتىنىڭ بۆلۈمىنى ئېچىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى.

تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى خەلقئارا تەشكىلاتىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن «ئالماتا-ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى-2015» پروگراممىسى دائىرىسىدە مەزكۇر بۆلۈمنىڭ ئېچىلىشى قازاقىستان خەلقلىرى بىرلەشمىسىنىڭ 20 يىللىقىغا بېغىشلاندى.

ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە، ئەزەربەيجان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قازاقىستاندىكى ئەلچىخانىلىرىنىڭ، قازاقىستان خەلقلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەركىبىدىكى بىر قاتار مىللىي مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئالىملار، ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشتى. ئۇنىڭدا سۆزگە چىققان تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى خەلقئارا تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى دۈيسېن قاسېيىنوف مۇنداق دېدى: «بۇ بۆلۈم قازاقىستان ۋە تۈركىي دۇنياسى ھەمكارلىقىنىڭ يەنە بىر كۆۋرۈكى بولۇپ خىزمەت قىلىشقا قارىتىلغان. ئۇنىڭ پائالىيىتى قېرىنداش تۈركىي خەلقلەرنى يېقىنلاشتۇرۇشقا، مەدەنىي-جەمىيەتلىك ۋە ئىلمىي-تېخنىكىلىق بىرلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، ئىلمىي-بىلىم ئالاقىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. بۆلۈم تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىلىنى، تۈركىي تىللىق مەملىكەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەريانلىرىنىمۇ تەتقىق قىلىش مەركىزى بولۇپ قالىدۇ».

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېف مەزكۇر بۆلۈمنىڭ مەقسىتى، ئۇنىڭدا قارالغان مەسىلىلەر ۋە ئۇنىڭ تۈركىي خەلقلەر، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ھاياتىدىكى رولى ھەققىدە توختالدى.