تۈركىيەدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار كۈچىيىشكە باشلىدى. ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تېمىسى بويىچە ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەلىرى تەييارلىنىپ ياقىلانماقتا. تۈركىيەدە چىقىدىغان ئىلمىي ژۇرناللاردا ئۇيغۇر شائىر ۋە يازغۇچىلىرىنىڭ ھاياتى، ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى تونۇشتۇرىدىغان ماقالىلار ئېلان قىلىنماقتا. يېقىندا تۈركىيە ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان «تەكە» ئىلمىي ژۇرنىلىدا «ئۇيغۇر شائىرى بوغدا ئابدۇللا» تېمىلىق بىر ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىنىڭ ئاپتورى ئافيون كوجاتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەخمەت قارامان ئەپەندى بولۇپ، ئۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئۈستىدە جىددىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ بىرىدۇر. ئەخمەت قارامان ئەپەندى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ شېئىرلىرى ھەققىدە دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسى تەييارلاپ ياقىلىغاندىن كېيىن ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا. بىز ئەخمەت قارامان ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ ئۇنىڭ يېقىنقى تەتقىقات نەتىجىلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدۇق.
ئەخمەت ئەپەندى ئالدى بىلەن بوغدا ئابدۇللا ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
بوغدا ئابدۇللا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يېتىشتۈرگەن ئالدىنقى قاتاردىكى شائىرلارنىڭ بىرى. شېئىرىيەتتە ياراتقان يېڭىلىق ۋە دادىل قەدەملىرى بىلەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە باشلامچىلىق قىلغان مۇھىم شەخس. شېئىر يېزىشقا باشلىغان دەسلەپكى يىللاردا بالىلار شېئىرى يازغان ۋە بالىلار شېئىرى ئارقىلىق تونۇلۇشقا باشلىغان. ئۇ يازغان بالىلار شېئىرلىرى تەسۋىرلەرنىڭ قىزىقارلىق، شېئىرلىرىنىڭ قىسقا، تىلىنىڭ راۋان، بالىلار تىلىغا يېقىن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن 1950 - 1960 - يىللاردا بالىلار شېئىرى ساھەسىدە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن. بوغدا ئابدۇللا شېئىر سەنئىتىنىڭ ئۇستىلىق مەزگىلىدە شېئىرلىرىدا فولكلورلۇق ئامىللاردىن پايدىلىنىشقا باشلىغان. ئۇ بۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئۆچمەس ئىزلار قالدۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغان.
ئەخمەت قارامان ئەپەندى بوغدا ئابدۇللانىڭ شېئىرلىرىدىكى بۇرۇلۇش باسقۇچىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
1980 - يىللاردىن كېيىن بوغدا ئابدۇللانىڭ شېئىرلىرىدا يېڭى بىر بۇرۇلۇش كۆرىلىدۇ. بولۇپمۇ 1980 - 1990 - يىللار شائىر ئەڭ مول ھوسۇل بەرگەن ۋە ئەدەبىي كىشىلىكى ۋايىغا يەتكەن بىر مەزگىلدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ شېئىر ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن: «دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن شېئىردىمۇ يېڭىلىق بولۇشى كېرەك. بىز پىكىرلىرىمىزنى ئەركىن ئازادە ۋە ئوچۇق ئىپادىلەيدىغان شېئىرلارنى دادىللىق بىلەن يېزىشىمىز كېرەك». بوغدا ئابدۇللانىڭ ئەدەبىي كىشىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان مۇھىم بىر شېئىرى بار. بۇ شېئىر «ئانا» تېمىلىق شېئىردۇر. «ئانا» شېئىرى شائىرنىڭ شېئىر ھەققىدىكى كۆزقارىشىنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتى بىلەن يېڭى چۈشەنچە بىرلەشتۈرۈلگەن بۇ شېئىردا رۇسىيە شېئىرىيىتىدە كۆپ ئۇچرايدىغان پەلەمپەي شەكىللىك مىسرا قۇرۇلۇشى كۆرىلىدۇ. شائىرنىڭ كونا بىلەن يېڭىنى بىرلەشتۈرۈشتەك ئالاھىدىلىكى بىزگە ياھيا كەمالنى ئەسلىتىدۇ. ياھيا كەمالمۇ «بىز يىلتىزى كەچمىشتە بولغان كېلەچەك ئەۋلادلىرىمىز» دەيدۇ. بوغدا ئابدۇللا يازغان «سالغا تېشى» ناملىق شېئىرى ئۇنىڭ سەنئەت چۈشەنچىسىنىلا ئەمەس، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەرەققىي قىلىپ كەلگەن سەۋىيىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بوغدا ئابدۇللا بۇ شېئىردا تەكلىماكان ۋە تارىم ۋادىسى قاتارلىق قەدىمىي جۇغراپىيىلىك يەر ناملىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. شانلىق تارىخ بىر سىنپونىيىلىك گارمونىيە ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە ئاڭلىتىلغان.
ئەخمەت قارامان ئەپەندى بوغدا ئابدۇللادىن باشقا يەنە قايسى شائىرلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ باردىڭىز دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بوغدا ئابدۇللادىن باشقا مېنىڭ ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم شەخس لۇتپۇللا مۇتەللىپتۇر. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ماڭا ئۇيغۇر دۇنياسىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بەرگەن مۇھىم شەخىستۇر. چۈنكى مەن دوكتورلۇق دىسسېرتاسىيەمنى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ شېئىرلىرى ھەققىدە تەييارلىغان ئىدىم. بۇلاردىن باشقا، مەن تەتقىق قىلغان شائىرلاردىن بىرى مۇھەممەتجان راشىدىندۇر. مۇھەممەتجان راشىدىن «ئىلى دەرياسى» ناملىق شېئىرى بىلەن شېئىرىيەتكە قەدەم باسقان بىر شائىردۇر. شېئىرلىرىدا ئىنسان، جەمئىيەت، تەبىئەت مۇھىم ئورۇن ئالغان. لېكىن، 2000 - يىلدىن كېيىنكى شېئىرلىرى كۆپرەك ئىشق مۇھەببەت تېمىسىدا يېزىلغان. مۇھەممەتجان راشىدىننى شېئىر سەنئىتىدىن جەمئىيەت مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلانغان، شان شۆھرەت قوغلىشىپ كەتمىگەن بىر شائىر دەپ باھالاشقا بولىدۇ. ھازىر مەن ۋاھىتجان ئوسمان ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىمەن. ئۇنىڭ «ئاۋازلىق ئوقيا» ۋە «قىرىق يۈرەك» ناملىق ئىككى شېئىرلار توپلىمى بار. ئۇنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە يازغان شېئىرلىرىمۇ قولىمىزدا مەۋجۇت. مېنىڭچە، ۋاھىتجان ئوسمان گۇڭگا شېئىرنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرىدۇر. گۇڭگا شېئىر سىمۋوللۇق شېئىر دەپمۇ ئاتىلىدىغان يوشۇرۇن مەنىلىك شېئىرلاردۇر.
0:00 / 0:00