ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا يىغىپ سىياسىي ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاپ، ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىملارنى كۈچەيتكەندىن بۇيان تۈركىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان» ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ تۈركىيەدىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمىلەردە مەخسۇس بۆلۈم ئېچىپ، ئۇيغۇر دىيارىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇشقا تىرىشماقتا. ئۆتكەن يىلى مىسىردىن تۈركىيەنىڭ سامسۇن شەھىرىگە كېلىپ ئوقۇۋاتقان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى 5-ئاينىڭ 5- ۋە 6-كۈنلىرى سامسۇن شەھىرىنىڭ جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن، 11-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇۋاتقاندا، ئۇلار ئاچقان چېدىرنىڭ ئالدىدا خىتاي ئوقۇغۇچىلارمۇ چېدىر ئېچىپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي بايرىقىنىڭ ئاستىدا خىتايلار بىلەن بىرلىكتە كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا چاقىرغان. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خىتاي بايرىقىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بايرىقى ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلمىغان. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭمۇ ئارىلىشىشى بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ چېدىرى تاقاتقۇزۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما شۇ كۈنى ئاخشام بىر گۇرۇپپا تۈرك ئوقۇغۇچى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئاچقان چېدىرغا كىرىپ، نەرسە كېرەكلىرىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلغان بۇيۇملارنى قويغان.
بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى سامسۇن شۆبىسى ئاچقان كۆرگەزمىدە ئۇيغۇر چېدىرىنى ئاچقان ئەنۋەر سەمەت بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
ئۇ، رەسمىي تەكلىپكە بىنائەن قاتناشقان خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىشىغا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن بۇ چېدىرنى تاقاشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيەت تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 11-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىشى ئىدى. ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى بىزنى بىر ئاي بۇرۇن تەكلىپ قىلغان ئىدى. بۇ تەكلىپكە بىنائەن بىز 5-چېسلا شەنبە كۈنى ئەتىگەن 8 يېرىمدا كۆرگەزمە مەيدانىغا باردۇق. كەلگىنىمىزدە چېدىرىمىزنىڭ ئالدىدا خىتاي ئوقۇغۇچىلارمۇ چېدىر ئېچىۋاپتۇ. خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋەكىلى، بىز خىتاي ئەلچىسىنى بۇ پائالىيەتكە تەكلىپ قىلغان. ئۇ، كەلسە بولمايدۇ، مېنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماڭلار دېدى. مەن سىلەر بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنى بېسىۋالدىڭلار. سىلەر بىلەن ئوخشاش چېدىردا قىلمايمىز، سىلەرنىڭ بايرىقىڭلارنىڭ ئاستىغا كىرمەيمىز، دېدىم. ئۇ ۋاقىتقىچە كۆرگەزمە باشلىنىپ كەتتى. 2 سائەتكىچە نۇرغۇن كىشى بىزنىڭ چېدىرغا كىرىپ، رەسىملەرگە چۈشۈشكە باشلىدى».
ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئەنۋەر سەمەت ئەپەندى بۇنى كۆرگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئىشنى چوڭايتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر چېدىرىنى ئېتىۋېتىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئەلچىخانىسى ئارقىلىق بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا تېلېفون قىلدۇردى. كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇرغان تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى ماڭا، خىتاي ئەلچىخانىسى بىزگە تېلېفون قىلدى. ئۇلار بۇ مەسىلىنى چوڭايتىمىز دەۋاتىدۇ. خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كېلىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلمىسا بولمايدۇ دېگەنلىكىنى دېدى. خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىزنى خىتاي چېدىرىغا بېرىپ بىللە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى. بىز قوبۇل قىلمىدۇق».
ئۇ، تۈرك تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەپ چېدىرنى ۋاقىتلىق ئېتىۋېتىشكە زورلىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىدارىلىرىنىڭ ئادەملىرى كېلىپ؛ بىز سىلەرنىڭ دەۋايىڭلارنى قوللايمىز. خاپا بولماڭلار، سىلەرگە باشقا بىر كۈننى بېكىتىپ بېرەيلى. بۈگۈن چېكىنىپ تۇرساڭلار، دېدى. بىزنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويمىساڭلار، دېدى. بەزى ئۇيغۇر بالىلارمۇ بىزگە تېلېفون قىلىپ، بۇ ئىشتىن تۈپەيلى سامسۇندا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاسپورتىنى خىتاي ئەلچىخانىسى بىكار قىلىۋېتىدىكەن دېگەن گەپلەرنى دېدى. مەن خىتايدىن قورققانلىقىم ئۈچۈن ئەمەس، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بۇزۇلۇپ كەتمىسۇن دەپ ۋاقىتلىق بۈگۈن ئېتىۋېتىمەن، ئەمما ئەتە يەنە ئاچىمەن دەپ چېدىرنى تاقىۋەتتىم، بۇ تۈرك ئاممىسىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىدى».
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە شۇ كۈنى كېچىسى 15 ئەتراپىدا تۈرك ئوقۇغۇچى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئاچقان چېدىرغا بېرىپ، خىتاينى تونۇشتۇرىدىغان بۇيۇملارنى تاشلىۋېتىپ، ئورنىغا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرىدىغان بۇيۇملارنى قويۇپ قويغان.
بىز بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان تۈركىيە خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى سامسۇن شۆبىسى رەئىسىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەتنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ مەسىلە توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇيغۇرلار تۈركىيەدە 1954-يىلىدىن باشلاپ خىتايغا قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى»دىن كېيىن تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى پائالىيەتلەر مەزمۇن جەھەتتىن كېڭىيىپلا قالماستىن شەكىل جەھەتتىنمۇ ھەر خىللىشىشقا باشلىدى. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىشلىرىدا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرىدىغان كۆرگەزمىلەر ئېچىلىشقا باشلىدى. بۇ خىل پائالىيەتلەر بۈگۈنگىچە خىتايلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچراپ باقمىغان بولسىمۇ، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ئەلچىخانىسى خىتاي ئوقۇغۇچىلارغىمۇ كۆرگەزمە ئاچقۇزۇپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى توسۇشقا باشلىدى. بۇ نېمىنىڭ بېشارىتى؟ بۇنداق ئىشلار بۇندىن كېيىن يەنە داۋاملىشارمۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ۋە بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشقا ياردەم قىلغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ياشلار كومىتېتى مەسئۇلى ئابدۇسالام تەكلىماكان ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ «يېڭى يىپەك يولى» پىلانى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى توسۇشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئابدۇسالام تەكلىماكان ئەپەندى بولسا خىتاينىڭ تۈركىيەگە سىڭىپ كىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتىنى توسۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋاسىنىڭ ھەقلىق دەۋا ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
سۈرىيەدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىمۇ قوشقاندا ھازىر تۈركىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 100 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 1500 ئەتراپىدا ئىكەن. مەركىزى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق تۈركىيە خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزمەكتە. بۇلارغا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ ئاكتىپ ئىشتىراك قىلماقتا.
0:00 / 0:00