31-دېكابىر، سەيشەنبە كۈنى تۈركىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ياشلار ياچېيكىسى بىلەن ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتى ئورتاقلىشىپ «ئېزىلىۋاتقان مىللەتلەر» ماۋزۇلۇق رەسىم كۆرگەزمىسى ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىردى.
قەيسەرىدىكى خۇنات خاتۇن مەدرىسىنىڭ يىغىن زالىدىكى كۆرگەزمىگە قويۇلغان شەرقىي تۈركىستان، سۈرىيە، ئاراقان، چېچەنىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەر يىغىن ئەھلىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىدى.
بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ھارۇن ئىشق ئەپەندى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زۇلۇمغا ۋە قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ دوكلاتىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك بولسا، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى مىساللار بىلەن ئاڭلاتتى. ھاۋانىڭ قاتتىق سوغۇق بولۇشىغا قارىماي كۆپ ساندا ياشلار دوكلات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئايلاندى. كۆرگەزمە جەريانىدا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى خەيرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى «كون ت ۋ» بىلەن «38-قانال تېلېۋىزىيىسى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ 2014-يىلىغا زۇلۇم ۋە بېسىم ئاستىدا كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.