تۈركىيەدە چىقىدىغان نوپۇزلۇق ژۇرنالدا «مۇھاممەد ئىقبالنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى كۆز قارىشى» تېمىسىدا ماقالە ئېلان قىلىندى.
تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە نەشر قىلىنىۋاتقان «خابەر ئاجاندا» ناملىق ئايلىق ژۇرنالنىڭ 2016-يىلى 2-ئايلىق سانىغا ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندىنىڭ «ئەللامە مۇھاممەد ئىقبالنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بولغان كۆز قارىشى ۋە پاكىستان سىياسىتىنىڭ خىيانىتى» ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
ماقالىدە ئاپتور ھازىرقى پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە دېسە ئۇنى قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ بېرىۋاتقانلىقى، بۇ خىل سىياسىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلمايدىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل سىياسىتىگە تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى يازغۇچى، ژۇرنالىست ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ پىكرى ئاتىسى، ئىسلام مۇتەپەككۇرى ۋە مىللىي شائىرى ئاللامە مۇھاممەد ئىقبالنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرى ۋە ئۇيغۇر دىيارىغا بەرگەن ئەھمىيىتى توغرىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزگەن.
ئۇنداقتا ئەللامە مۇھاممەد ئىقبال كىم؟ ماقالىنىڭ ئاپتورى مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى مۇھاممەد ئىقبالنىڭ پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان بىر مۇتەپەككۇر ئىكەنلىكىنى، پاكىستان دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇش پەلسەپىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
مىركامىل قەشقەرلى «خابەر ئاجاندا» ناملىق ئايلىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان «ئەللامە مۇھاممەد ئىقبالنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بولغان كۆز قارىشى ۋە پاكىستان سىياسىتىنىڭ خىيانىتى» ماۋزۇلۇق مەزكۇر ماقالىسىدە، مۇھاممەد ئىقبال ھەققىدىكى بايانلارنى، پاكىستاننىڭ داڭلىق يازغۇچىلىرىدىن فاراز تالات ئەپەندىنىڭ پاكىستاننىڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «شافاق گېزىتى» دە ئېلان قىلغان «كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلامغا بولغان دۈشمەنلىكى ۋە پاكىستاننىڭ سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋېلىشى» ماۋزۇلۇق ماقالىسى بىلەن باشلىغان. مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى ماقالىسىدە فاراز تالات ئەپەندى ئاللامە مۇھاممەد ئىقبال ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن تارىخىي قەشقەر شەھىرىدە بىر كىشىنىڭ ساقال قويغانلىقى ۋە ئايالىنىڭ رومىلىنى ئالماسلىقتا چىڭ تۇرۇۋالغانلىقى ئۈچۈنلا ئېغىر قاماق جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئەسلىتىپ، پاكىستان ھۆكۈمىتى غەربتىكى ئىسلامغا بولغان ئۆچمەنلىكنى شۇنچە قاتتىق تەنقىد قىلىدۇ. نېمە ئۈچۈن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلامغا بولغان دۈشمەنلىكىنى كۆرمەسلىككە سالىدۇ؟ بۇ پۈتۈنلەي ئىككى يۈزلىمىلىك بىر سىياسەت، دەپ يازغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئاپتور ماقالىدە مۇھاممەد ئىقبالنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنى يېقىندىن كۆزىتىپ، ئۇلار ھەققىدە مەلۇمات يىغىشقا تىرىشقانلىقىنى، ھىندىستان خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن شېئىرلار يازغانلىقى، باياناتلار ئېلان قىلىنغانلىقىنى بايان قىلغان.
تەتقىقاتچى يازغۇچى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى يازغان ماقالىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تۈركىيەدە كۆپ تارقىتىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل ماقالىلەرنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى 1970-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان بولۇپ، پاكىستاندا ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن. 2008-يىلىدىن بېرى تۈركىيە رادىئو تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تۈركىيەنىڭ ئاۋازى رادىئوسىدا ئىشلىمەكتە. ئۇنىڭ 4 پارچە ماقالىسى «خابەر ئاجاندا» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.