شەھەر باشلىقى مۇرات ئايدىن: تۈركىستانلىقلار تۈركىيە بىلەن تۈرك دۇنياسى ئوتتۇرىسىدا بىر كۆۋرۈك قۇردى

0:00 / 0:00

2014-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇرات ئايدىن زەيتىنبۇرنۇ پائالىيەت قىلىۋاتقان، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈركمەن قاتارلىق خەلقلەرنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە تۈركىستاندىن ھىجرەت قىلىپ زەيتىنبۇرنۇدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن زەيتىنبۇرنۇ مەدەنىيەت مەركىزى ئاق دېڭىز يىغىن زالىدا جەم بولدى.

مۇرات ئايدىن، «زەيتىنبۇرنۇغا كۆچۈپ كەلگەن تۈركىستانلىقلار سەۋەبىدىن تۈركىيە، ئىستانبۇل ۋە زەيتىنبۇرنۇ بىلەن تۈرك دۇنياسى ئوتتۇرىسىدا بىر كۆۋرۈك قۇرۇلدى، بۇ يەردە پائالىيەت قىلىۋاتقان تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بۇ كۆۋرۈكنى كۈچلەندۈرىدىغان ۋە كۆۋرۈكنى مۇستەھكەملەيدىغان تۈۋرۈكلەر»، دېدى.

بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى شۇكى، 31-مارت تۈركىيىدە يەرلىك ھۆكۈمەت سايلىمى ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ھازىر پۈتۈن سىياسىي پارتىيىلەر بۇ سايلامدا ئۇتۇپ چىقىش ئۈچۈن جىددى پائالىيەت قىلماقتا. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زەيتىنبۇرنۇدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى ۋە مەجلىس ئەزالىرى زەيتىنبۇرنۇدا ياشاۋاتقان، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك ۋە تۈركمەن قاتارلىق خەلقلەرنىڭ ئاھالىلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ھەم پىكىر- ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچقان يىغىنغا زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇرات ئايدىن، مۇئاۋىن باشلىقى ئىلياز ساكا، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى زەيتىنبۇرنۇ شۆبە رەئىسى باھاددىن ئۇنۋەر، زەيتىنبۇرنۇ مەجلىس ئەزالىرى ۋە زەيتىنبۇرنۇدىكى ئاقساقاللار، ئاممىۋى خەلقلەر بولۇپ 500گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ۋە ھىدايەتۇللا ئوغۇزخانلار قاتناشتى. يىغىندا ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى بىر- بىرلەپ سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلدى.

تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىردەك ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنى شۇنداقلا 10 يىلدىن بۇيان زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى بولۇپ خىزمەت كېلىۋاتقان مۇرات ئايدىننى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.

زەيتىنبۇرنۇ مەجلىس ئەزالىقىغا نامزات كۆرسىتىلگەن كىشىلەر ئارىسىدا تۈركىستانلىقلارغا ۋاكالىتەن ئەسلى ئافغانىستانلىق بىر تۈركمەن ۋە بىر قازاق نامزات بار بولۇپ، بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ئافغان تۈركلىرى بىرلىكى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى مۇنبەرگە چىقىپ سۆز قىلدى ھەم بىر تۈركۈم پىكىر ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا، ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستانلىقلار تۇغۇلغاندىن باشلاپلا بىر داۋام ئادىمى بولۇپ چوڭ بولىدۇ، ئۇ جەھەتتىن بىز ھەر قانداق بىر سىياسىي پارتىيە ياكى سىياسىيون كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا ئەلۋەتتە ھەقلىق تەلەپلىرىمىز بولىدۇ، ئەمما ھېچ قاچان سودىلىشىش، شەرتلىشىش بولمايدۇ. بىزنىڭ تەلەپلىرىمىز ئورۇندالمىغان تەقدىردىمۇ ھەقلىق ۋە توغرا بولغان بايراقنىڭ يېنىدا بولۇپ كەلدۇق. زەيتىنبۇرنۇ شەرقىي تۈركىستانلىقلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان بىر رايون، ئوتتۇرا ئاسىيادىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقان قېرىنداشلىرىمىزمۇ بار، بىز شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن زەيتىنبۇرنۇدا تۈركىستانلىقلار مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇلۇشىنى، زەيتىنبۇرنۇدا تۈركىستانلىقلارنىڭ مەدەنىيەتلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، ئەنئەنىۋى ئۆرپ- ئادەتلەر نامايان قىلىنغان يول ۋە كوچىلارنىڭ بولۇشىنى، كوچىغا كىرگەن كىشىدە ئۇيغۇرلارنىڭ، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىنىڭ يۇرتىغا بارغاندەك ھېس تۇيغۇ بېرىدىغان مىللىي مەدەنىيەتلىك مۇھىت بولۇشىنى تەلەپ قىلىمىز.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە، 31 ‏- مارتتا ئېلىپ بېرىلىدىغان تۈركىيىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت سايلىمىدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنى قوللايدىغانلىقىنى، زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇرات ئايدىنغا ئاۋاز بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

يىغىندا ئوخشىمىغان تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، تەلەپلەردىن مۇھىم بولغىنى، زەيتىنبۇرنۇدا تۈركىستانلىقلار مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى، زەيتىنبۇرنۇ يول ۋە كوچىلىرىدا تۈركىستانلىقلارنىڭ مەدەنىيەت ئۆرپ- ئادەتلىرىنى نامايەن قىلىش. تۈركىستانلىقلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ۋە بايرام پائالىيەتلىرىنى زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللاپ دەستەك بېرىشى. زەيتىنبۇرنۇ مەجلىسىدىكى تۈركىستانلىقلارنىڭ ۋەكىلىنىڭ سانىنى كۆپەيتىش دېگەنگە ئوخشاش تەلەپلەردۇر.

يىغىندا زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇرات ئايدىن سۆز قىلىپ، تۈركىستانلىقلارنىڭ بۇ تەلەپلىرىنى ئورۇنلۇق دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە زەيتىنبۇرنۇ مەجلىسىدە تۈركىستانلىقلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنىڭ كېرەك ئەمەسلىكىنى، چۈنكى ئۆزىنىڭ تەك بېشىغا تۈركىستانلىقلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى، تۈركىستانلىقلارنىڭ مۇرات ئايدىننى مەجلىستىكى ۋەكىلى دەپ بىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

مۇرات ئايدىن يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىن، شەرقىي تۈركسىتاندىن ھىجرەت قىلىپ كەلگەن خەلقلەرنىڭ ئۇ يەردە پەقەت زۇلۇم ۋە بېسىمغا چىدىماي زەيتىنبۇرنۇغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلىقى، ئۇلارنىڭ دەرد- ئەھۋالىنى ياخشى بىلىدىغانلىقى، ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرى دەپ قارايدىغانلىقى، زەيتىنبۇرنۇدا مەيلى تۈركىيە پۇقراسى بولسۇن ياكى تۈركىيە پۇقراسى بولمىسۇن ھەر قانداق بىر تۈركىستانلىق كەلسە قارشى ئالىدىغانلىقى شۇنىڭدەك قانداق تەلىپى بولسا ئورۇندايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇرات ئايدىن مۇنداق دېدى: زەيتىبۇرنۇدا تۈركىيىنىڭ 81 ۋىلايىتىدىن، شەرقىي تۈركىستاندىن، ئافغانىستان ۋە پۈتۈن تۈرك دۇنياسىدىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئىنسانلار ياشايدۇ، بالقانلاردىن، كاپكازىيەدىن، قىرىمدىن ۋە ئوتتۇرا شەرقتىن ئىنسانلار بار، زەيتىنبۇرنۇ تۈرك دۇنياسى، مۇسۇلمان دۇنياسى، بۇ بىز ئۈچۈن ھەقىقەتەن شەرەپلىك بىر دىياردۇر.

مۇرات ئايدىن سۆزىدە يەنە تۈركىستان دىيارىدىن كۆچۈپ كېلىپ زەيتىنبۇرنۇدا ئولتۇراقلاشقان ئىنسانلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: قىممەتلىك قېرىنداشلىرىم، قىممەتلىك ياشلار، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن دىياردا ئارزۇ- ئىستەكلىرىڭلار ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدىڭلار، چۈنكى بۇ يەر تىنچ ۋە خاتىرجەم يەر. بۈيۈكلىرىمىز شەرقىي تۈركىستاندىن يولغا چىقىپ ئېغىر جاپا مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ مىڭ بىر جاپادا كەلدى. 18 مىڭ كىشى يولغا چىقتى ۋە 1800 كىشى بۇ يەرگە كەلدى، قالغانلىرى يولدا ھەر خىل قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن شېھىت بولدى. بۇلار نېمە ئۈچۈن ئۇ گۈزەل دىيارنى ۋە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا يۇرتىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى؟ دېگەندە، ئۇلار دىنى ئىبادەتلىرىنى قىلالمايتتى، ئۇ يەردە بېسىم ۋە زۇلۇم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆز يۇرتىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى ۋە تۈركىيىگە كەلدى. بۇ يەرگە كېلىپ بەك ياخشى قىلدىڭلار، كاشكى ئۇ يەردە زۇلۇم بولمىغان بولسا ئىدى، ئەمما تۈركىيىنى تاللاپ كەلگەنلىكى بەك ياخشى بولدى، چۈنكى بۇلارنىڭ كېلىشى بىلەن بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە، ئىستانبۇل ۋە زەيتىنبۇرنۇ بىلەن تۈرك دۇنياسى ئوتتۇرىسىدا بىر كۆۋرۈك قۇرۇلدى، بۇ يەردە خىزمەت قىلىۋاتقان تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بۇ كۆۋرۈكنى كۈچلەندۈرىدىغان ۋە كۆۋرۈكنى مۇستەھكەملەيدىغان تۈۋرۈكلەردۇر.

زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك مەجلىستە تۈركىستانلىقلارغا ۋاكالىتەن مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ‏(قازاق) ئىلياس ساكا بىلەن ئىككى كىشى بۇ قېتىمقى سايلامغا نامزات كۆرسىتىلگەن بولۇپ، زەيتىنبۇرنۇدىكى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك مەجلىسىدىكى تۈركىستانلىق ۋەكىللەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

مۇرات ئايدىن ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپىگە جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر سىلەر مەجلىستە بىر تۈركىستانلىق ۋەكىل بولۇشنى تەلەپ قىلساڭلار، ئۇ ۋەكىل مەن بولىمەن، مەن تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ۋەكىلى بولىمەن. شۇنداقتىمۇ يەنە ئىلياس ساكا ۋە يېڭىدىن مەجلىس ئەزالىقىغا نامزات كۆرسىتىلگەن ئىككى قېرىندىشىڭلارنى، بىز، مۇھاجىر قېرىنداشلارنى ئۇنۇتماسلىق، داۋا ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلسۇن دېگەن مەقسەتتە ئۇلارنى نامزات كۆرسەتتۇق، بىزنىڭ مەجلىستە سىلەرگە ئەڭ ياخشى ۋەكىل بولىدىغانلىقىمىزدىن ھېچ شۈبھە بولمىسۇن. بىز، قەيەرلىك بولۇشتىن قەتئىينەزەر زەيتىنبۇرنۇغا كەلگەن ھەر قانداق كىشىگە قۇچاق ئاچىمىز، پۈتۈن غايە- مەقسەت ۋە خىزمەتلىرىمىز زەيتىنبۇرنۇدا ياشىغان ئىنسانلىرىمىزنىڭ تىنچ ۋە خۇشال ياشىشى ئۈچۈندۇر.

يىغىن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى. ئاخىرىدا تۈركىستان پولۇسى بىلەن زىياپەت بېرىلدى.