تۈركىيە كوجائەلى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بۇ يىل 8-نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلگەن 23-ئاپرېل خەلقئارالىق بالىلار بايرىمى، تەلىم-تەربىيە ۋە تەنتەنە قىلىش پائالىيىتىگە 41 دۆلەت ۋە رايوندىن ئۆسمۈر بالىلار قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگە ۋاكالىتەن ئىستانبۇلدىن 25 ئۇيغۇر ئۆسمۈر قاتناشتى.
قوللىرىدا «شەرقىي تۈركىستان» بايراقلىرى ۋە ئۇيغۇر چىمەن دوپپا، مىللىيچە كىيىملىرى بىلەن پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارقاتتى. ئۇيغۇر دىيارىدىن تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ئائىلىلەرنىڭ پەزەنتلىرىدىن 25 ئۇيغۇر ئۆسمۈر پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىغان شەھەرگە يېتىپ بېرىشى بىلەن، كوجائەلى دېرىنجى ناھىيىسىدىكى ھامىت ئۆزداغ ئىمام خاتىپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە كوجائەلى شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى، مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىندى.
3 كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ پائالىيەت جەريانىدا مېھمان ئۆسمۈرلەر تۈركىيىلىك ئائىلىلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە قېرىنداشلىق رىشتى باغلاش مەقسەتتە ھەر بىر تۈرك ئائىلىگە بىر قانچىدىن مېھمان ئۆسمۈرلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
پائالىيەتتە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ئۇيغۇر ساما ئۇسۇلى تەقدىم قىلدى. قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈپ مىللىي كىيىملىرى بىلەن يۈرۈش قىلدى. شەھەر باشلىقلىرى ۋە مەكتەپ مۇدىرلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئاي يۇلتۇزلۇق بايراق ھەدىيە قىلدى.
بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقان« شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» ئاياللار بۆلۈمى مەسئۇلى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇرخانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
0:00 / 0:00