«چاناققالە غالىبىيىتى» نىڭ 100-يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى كەڭ-كۆلەمدە تونۇتۇلدى

0:00 / 0:00

1915-يىلى تۈركىيەنىڭ چاناققالە رايونىدا يۈز بەرگەن، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە بېسىپ كىرىشىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان جەڭدە تۈرك ئارمىيىسى غەلىبە قىلغان بولۇپ، ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى بۇ غەلىبە تەنتەنىلىك خاتىرىلىنىدۇ. بۇ يىلمۇ پۈتۈن تۈركىيەدە بولۇپمۇ، جەڭ مەيدانى بولغان چاناققالە بىلەن بۇ جەڭنىڭ باش قوماندانى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستافا كەمال ئاتاتۈركنىڭ خاتىرە سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. تاڭ ئاتقىچە داۋاملاشقان بۇ پائالىيەتكە ئۆزلىرىنى «كۆك بايراق سەۋدايىلىرى» دەپ تونۇشتۇرغان ئەنقەرەدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئايتېكىن چېتىن باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا كىشى قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرگەن ھالدا ئىشتىراك قىلدى.

ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تور بېتى بولغان www.uyghurnet.org توربېتىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا ئايتېكىن چېتىن ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى 24-ئاپرېل كۈنى باشلاپ 25-ئاپرېل كۈنى تاڭ ئاتقىچە ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىغا كەلگەن مىڭلىغان كىشىلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن سىرت، بۇ ھەقتە بېسىلغان ۋارەقچە، ژۇرنال ۋە ئىزنەككە ئوخشاش بۇيۇملارنى تارقاتقان. بۇ كىشىلەر قولىدا كۆك بايراقنى كۆتۈرگەن ھالدا «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك، شەرقىي تۈركىستانغا ئادالەت» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقان. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىگەن.

بۇرۇن بۇنداق كەڭ كۆلەملىك پائالىيەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆك بايرىقىنى كۆرگىلى بولمايتتى، يېقىنقى يىللاردا مۇنداق چوڭ پائالىيەتلەردىمۇ كۆك بايراق لەپىلدەشكە باشلىدى.

پېشقەدەم پائالىيەتچى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تۈركلەرنىڭ مىللىي دەۋاسىغا ئايلىنىشقا باشلىغانلىقىنى، ئەگەر شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئاكتىپ بولسا تېخىمۇ يۇمۇرى پەللىگە چىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.