29-ئاپرېل كۈنى تۈركىيەنىڭ قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوسمان باتۇر ماۋزۇلۇق ئىلمىي دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىندا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دوكلات بەردى. مەزكۇر يىغىندا سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى 20-ئەسىردە ئۆتكەن قازاق خەلقىنىڭ باتۇرلىرىدىن بىرى ئوسمان ئىسلامنىڭ پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتى، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.
ئوسمان باتۇر 1951-يىلى، 29-ئاپرېل كۈنى ئۈرۈمچىدە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. ھەر يىلى بۇ كۈندە تۈركىيەدە ئوسمان باتۇرنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
29-ئاپرېل كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 يېرىمدىن 7 گىچە داۋاملاشقان دوكلات بېرىش يىغىنىغا ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.