ت ر ت ئاۋازى تېلېۋىزىيەسى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس پروگرامما ئىشلەپ تارقىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. ت ر ت ئاۋازى تۈركىستان كۈنتەرتىپى پروگراممىسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە شەنبە كۈنىدىكى سۈنئىي ھەمراھتىن بىۋاسىتە تارقىتىدىغان پروگراممىدا مەرھۇم لىدەر مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ۋە ئوسمان باتۇر توغرىسىدا مەخسۇس پروگرامما تارقاتقان ئىدى. بۇ پروگراممىغا ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئەلى ئەلىئوغلى بىلەن دوكتور ئەركىن ئەمەت قاتنىشىپ، مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ۋە ئوسمان باتۇر توغرىسىدا سۆز قىلغان ئىدى.
دوكتور پەخرى سولاك ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنلىرى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق بىۋاسىتە تارقىتىلىپ كېلىۋاتقان ت ر ت ئاۋازى تۈركىستان كۈنتەرتىپى پروگراممىنىڭ بۇ ھەپتىلىك پروگراممىسىدا تۇغۇلغانلىقىنىڭ 115 -يىلىدا مەرھۇم شائىر مەمەتئېلى تەۋپىق ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر توغرىسىدا مەخسۇس پروگرامما تارقىتىلدى. بۇ پروگراممىغا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور راھىلە قەشقەرى، بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەغپىرەت كامال، ئۇيغۇر تىل ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئابدۇۋېلى ئايۇپ تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، مەمەتئېلى تەۋپىق ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ھايات ئىش- ئىزلىرى ۋە شېئىرلىرىنى ئاڭلاتتى.
پروگراممىدا دوكتور راھىلە قەشقەرى، ئۇيغۇر شائىرى مەمەتئېلى تەۋپىقنىڭ ھايات ئىش - ئىزلىرى ۋە شېئىرلىرى توغرىسىدا توختالدى. ئابدۇۋېلى ئايۇپ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرلىرى ۋە ھايات ئىش - ئىزلىرى توغرىسىدا توختالدى.
دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمەتئېلى تەۋپىق ياشىغان دەۋر ۋە ئۇ دەرۋدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئەھۋالى توغرىسىدا توختالدى.
ت ر ت ئاۋازى تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ تۋېتىر سەھىپىسىدە 30 مىڭ، فېسبوك سەھىپىسىدە 778 مىڭ ئەگەشكۈچىسى بولۇپ، بۇلار ت ر ت ئاۋازنىڭ كۈندىلىك پروگراممىلىرىنى ئىجتىمائىي ئىنتېرنېت تارتقۇلار ئارقىلىق كۆرۈپ تۇرىدىكەن.
ت ر ت ئاۋازى بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى پروگراممىلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، تىلى، مەدەنىيىتى توغرىسىدا مەخسۇس پروگرامما تارقاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈپ كېلىشى توغرىسىدىمۇ مەخسۇس سۆھبەت پروگراممىلىرى تارقاتقان ئىدى.
بىز ت ر ت تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تارتقان پروگراممىلىرى توغرىسىدا ت ر ت ئاۋازى ئۇيغۇر بۆلۈمىدە ئىشلەيدىغان زىيالىي مىركامل قەشقەرلى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. مىركامىل قەشقەرى ئەپەندى، ت ر ت ئاۋازى تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھەپتىدە بىرەر سائەتلىك پروگرامما تارقىتىشى يېتەرلىك ئەمەس دەپ قارايدىكەن. چۈنكى ت ر ت ئاۋازى تېلېۋىزىيەسى تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن مەخسۇس پروگرامما تارقىتىدىغان تېلېۋىزىيە قانىلى بولۇپ، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق باشقا تۈرك خەلقلەرنىڭ تىللىرىدا ھەر كۈنى دېگۈدەك بىر - ئىككى سائەتتن كۆپرەك پروگرامما تارقىتىدىكەن، ئەمما ئۇيغۇر تىلىدا تارقىتىلمايدىكەن. مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىدا پروگرامما تارقىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ ت ر ت رادىئو تېلېۋىزىيە ئىدارىسىگە تەلەپ يېزىشى، مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلار بىلەن ئۇچرىشىپ بۇ ھەقتە سۆزلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
بىز يەنە بۇ ھەقتە پىكىر - قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ت ر ت ئاۋازىنىڭ مەمەتئېلى تەۋپىق ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر توغرىسىدا تارقىتىلغان پروگراممىغا قاتناشقان ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات تەتقىقاتچى ئابدۇۋېلى ئايۇپ ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىي ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئۇلار بىردەك، تۈركىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ت ر ت ئاۋازى تېلېۋىزىيەسىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پروگرامما تارقىتىلىشنىڭ تۈرك خەلقىگە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى، بۇ، دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.