قەيسەرىدە 80 دۆلەتتىن كەلگەن چەتئەللىكلەرگە ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.05.11
turkiye-korgezme-uyghur-1.jpg قەيسەرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىشىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرگەزمە بۆلۈمىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى ماي، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان قەيسەرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلدى.

تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار قاتناشقان بۇ ئۇچرىشىشتا، ھەممە مىللەت ئايرىم-ئايرىم بۆلۈم ئېچىپ ئۆز دۆلىتىنى، مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاڭلاتقان. 5-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان قەيسەرى مىمار سىنان باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمۇ مەخسۇس بۆلۈم ئېچىپ قاتناشقان بولۇپ، بۇ بۆلۈمگە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خەرىتىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى بايان قىلىنغان ۋاراقچىلار، ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرى، كىيىم-كېچەكلىرى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تۈركىيەدە نەشر قىلىنغان كىتاب، ژۇرنال ۋە گېزىتلەر، ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇم ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەر قويۇلغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ قاتتىق دىققىتىنى تارتقان.

قەيسەرىدە ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا سابىق ئېنېرگىيە مىنىستىرى تانەر يىلدىز ئەپەندى، قەيسەرى ۋالىسى ئورخان دۈزگۈن ئەپەندى، پارلامېنت ئەزاسى سامى دەدەئوغلۇ ئەپەندى، ئىسمائىل قارايەل ئەپەندى ۋە خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتلىرى بىرلىكى باشلىقى ئالى يەلگۈن ئەپەندىلەر قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى مەمەت ئالى بولات ئەپەندى بۇ پائالىيەتنىڭ 7-مايدىن 15-مايغىچە ئېچىلىدىغانلىقىنى، يېپىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيەنىڭ دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيەتكە 186 دۆلەتتىن ئوقۇغۇچى قاتناشتى. شەرقىي تۈركىستانلىقلارمۇ قاتناشتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشى، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزىقىشى بىلەن ناھايىتى ياخشى ئۆتتى. يېپىلىش مۇراسىمى يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. يېپىلىش مۇراسىمىغا دۆلەت رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىشتىراك قىلماقچى. شەرقىي تۈركىستانلىقلار كۆپ ساندا ۋىلايەتتە بۆلۈم ئاچتى. ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى. ناھايىتى ياخشى ئۆتتى.»

بۇ پائالىيەتتە مەخسۇس بۆلۈم ئېچىپ ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى ياخشى تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، بۇ كۆرگەزمە ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تەشكىلاتىنىڭ 9 يىلدىن بېرى بۇ پائالىيەتكە ئىزچىل ھالدا قاتنىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىدا بۇ پائالىيەتنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.