تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 12-ماي كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئەنقەرە كارخانىچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ زالىدا « تۈرك سىياسىي تارىخىدا يەرلىك ۋە مىللىي ئىرادە» تېمىسىدا دوكلات بەردى.
بۇ پائالىيەتنى تۈركىيە يەرلىك چۈشەنچە ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتكە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ كۆپ ساندا مىنىستىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە شەھەرلىرىدىن كەلگەن ئاممىدىن بولۇپ 8 مىڭ ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىل، ئابدۇلھەكىم سەلچۇق، مىركامىل ئەپەندىلەر قاتناشتى.
تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەدوغان قىلغان بىر سائەتلىك نۇتقىدا، « مەزلۇم تۈركىستان خەلقىنى قوللايدىغانلىقى»نى، بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئاۋازى بولىدىغانلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا بۇنى ئاڭلىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مىڭلىغان كىشىنىڭ گۈلدۈراس چاۋاك ئاۋازى بىلەن سەھنىگە چىققان تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان نۇتقىنى مۇنداق باشلىدى: «ھۆرمەتلىك مېھمانلار، تۈركىي ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىدىن كەلگەن قىممەتلىك ياشلار. يەرلىك ۋە مىللىي ئىدىيەگە ئىگە يۇرتداشلىرىم، ھۆرمەتلىك خانىم - قىزلار ھەممىڭلارنى ھۆرمەت ۋە ئىززەت بىلەن سالاملايمەن. بۇ يىغىننى چاقىرغان مىللىي ئىدىيە ئۇيۇشمىسى رەئىسى مەتىن گۈندوغدۇ ئەپەندىگە، باش مەسلىھەتچىم، سابىق مەدەنىيەت مىنىستىرى يالچىن توپچۇ ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتىمەن.
تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە تېررورغا قارشى كۈرەش قىلىپ، قېيىن كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان بولسىمۇ، بۇ قىيىنچىلىقلارغا قارىماي سۈرىيەدىكى، ئىراقتىكى، قاراباغدىكى، قىرىمدىكى، تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنى قوللايمىز. »
تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ دوكلاتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىكروفونىمىزنى ئۇيغۇر ۋەكىللەرگە ئۇزاتتۇق، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى، سابىق مەدەنىيەت مىنىستىرى يالچىن توپچۇ ئەپەندىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپىگە بىنائەن بۇ يىغىنغا قاتناشقانلىقىنى تەكىتلىدى.
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سۆزلىرى ھەققىدە ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلدى.
ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ نۇتقىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنىڭ مىللىي ئويغىنىش ھەققىدە ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ نۇقتىدا ئىشلەتكەن تۈركىستان ئاتالغۇسىنىڭ كونتېكىستىگە قارىغاندا ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىدىن پايدىلىنىپ، رەئىس جۇمھۇرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، دۆلەت مىنىستىرى نۇمان قۇرتۇلمۇش، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفگان ئەلا قاتارلىق كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ بەزى مەسىلىلەرنى يەتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى.