ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ قوللىغۇچىسى مەرھۇم نەۋزات يالچىنتاشنى خاتىرىلەش يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئاڭلىتىلدى

0:00 / 0:00

18-ئىيۇن كۈنى ئىستانبۇلدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن سابىق پرېزىدېنت ئابدۇللاھ گۈلنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ سابىق رەھبەرلىرىدىن بىرى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ يېقىن دوستى، ئۇيغۇر دەۋاسىنى 1950-يىللاردىن بېرى قوللاپ كەلگەن ۋە ئادالەت تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى پروفېسسور نەۋزات يالچىنتاشنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا تۈركىيە پارلامېنت رەئىسى ئىسمائىل قاھرامان ئەپەندى، سابىق مىنىستىر ئالى جوشقۇن ئەپەندى ۋە كۆپ ساندا كارخانىچى ھەم تىجارەتچىلەر ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى مەسئۇلى خەمىت گۆكتۈرك ئەپەندى ۋە باشقا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىشتىراك قىلدى. يىغىن ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان نەۋزات گۆكالپ ئەپەندىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ سوئاللىرىمىزغا كېيىنچە جاۋاب بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رەت قىلدى.

ئىستانبۇل كارخانىچىلار فوندىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «مەرھۇم نەۋزات يالچىنتاشنى خاتىرىلەش ۋە چۈشىنىش» ماۋزۇلۇق يىغىندا مەرھۇم نەۋزات يالچىنتاشنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسى توغرىسىدا سۆز قىلغان خەمىت گۆكتۈرك ئەپەندى يىغىن ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

خەمىت گۆكتۈركنىڭ ئېيتىشىچە، نەۋزات يالچىنتاش ئەپەندى 1954 يىلى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرالار تۈركىيەگە كەلگەندە ئۇلارنى كۈتۈۋېلىپ، ھەردائىم ئۇلارنى قوللىغان، بۇنى كۆرگەن خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇنى يېمەككە تەكلىپ قىلىپ، ئۇنى خىتايغا تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ رەت قىلغان. خەمىت گۆكتۈرك ئەپەندى ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەسلىمىلىرى ھەققىدە توختالدى.

خەمىت گۆكتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ قوللىغۇچىسى مەرھۇم نەۋزات يالچىنتاشنى خاتىرىلەش يىغىنىغا كەلگەن ئىسمائىل قاھرامان ئەپەندىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە پارلامېنتىدا 8 يىل پارلامېنت ئەزاسى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن نەۋزات يالچىنتاش ئەپەندى، ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان يىللىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قىزىقىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلگەن. تۈركىيەنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۆزى قاتناشقان يىغىنلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن. تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1987-يىلى تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن تۇنجى قارار ئوقۇغۇچىلاردىن، دوكتور پەرھات تەڭرىتاغلى ئەپەندى، مەرھۇم نەۋزات يالچىنتاش ئەپەندىنى يېڭى كەلگەن ۋاقتىدىن تارتىپ تونۇيدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ پۈتۈن پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، پۈتۈن سورۇنلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

دوكتور پەرھات تەڭرىتاغلى ئەپەندى مەزكۇر يىغىن جەريانىدا خەمىت گۆكتۈرك ئەپەندى نەۋزات يالچىنتاش توغرىسىدىكى خاتىرىلىرىدىن سىرت، تۈرك رەھبەرلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

نەۋزات يالچىنتاش 1933-يىلى ئەنقەرەدە دۇنياغا كەلگەن. تۈركىيە تىجارەت ۋە ئىقتىساد فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، فىرانسىيەدە ماگىستىرلىق، لوندوندا دوكتورلۇقتا ئوقۇغان. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 2002-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە تۈركىيە پارلامېنتىدا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىستانبۇلدا ئالەمدىن ئۆتكەن.