ئەنقەرە سەنئەت مۇنبىرى تۈركىيەدە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ تونۇلغان مۇجاھىت قەشقەرلىگە «ئەڭ ياخشى شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش مېدالى>>، دادىسى بىلەن ئانىسىغا «ئەڭ ياخشى ئەۋلاد يېتىشتۈرگەن ئائىلە مېدالى» بەردى.
7-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەنقەرەدىكى پايتەخت ئوقۇتقۇچىلار مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مېدال تارقىتىش مۇراسىمىغا ئەنقەرە سەنئەت مۇنبىرى رەئىسى سۇلتان ئۆزئاتەش خانىم، تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ رەھبەرلىرى، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سەنئەتچىلەر ۋە ئەزەربەيجاندىن كەلگەن شائىرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى. مۇراسىمدا تۈرك دۇنياسىدا ئەدەبىياتقا تۆھپە قوشقان كىشىلەردىن جەمئىي 450 كىشىگە مېدال تارقىتىلدى.
تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجاننىڭ دۆلەت مارشى بىلەن باشلانغان مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى ئەنقەرە سەنئەت مۇنبىرىنىڭ رەئىسى رەسىم ئوقۇتقۇچىسى سۇلتان ئۆزاتېش خانىم قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ياخشىمۇسىلەر سەنئەتكارلار، ھەممىڭلار خۇش كېلىپسىلەر. ھۆرمەتلىك رەھبەرلەر، ئەزەربەيجاندىن كەلگەن مېھمانلار. ھۆرمەتلىك شەمسەتتىن كۈزەچى، ئەنقەرەنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، شائىر ۋە يازغۇچىلار، مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن كەلگەن مۇدىرلىرىم، مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىرى، كەسىپداشلىرىمىز، تۈرك قول ھۈنەرۋەنلىرى ھەممىڭلارغا قايتىدىن خۇش كېلىپسىلەر دېيىش بىلەن بىرلىكتە، ھەممىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. 2001-يىلىدىن تارتىپ ئەنقەرە سەنئەت مۇنبىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىزمەت قىلىۋاتىمىز. كېيىنكى ئۈچ يىلدىن بېرى سەنئەتكە تۆھپە قوشقان كىشىلەرگە مېدال تارقىتىۋاتىمىز. بۈگۈن 3-قېتىملىقىنى ئۆتكۈزۈپ ئولتۇرۇپتىمىز. بۈگۈن بىز مېدال بېرىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا، ئەزەربەيجاندا تونۇلغان شائىر قالىبە جەفەروۋا خانىم، تۈركمەن يازغۇچى شەمسەتتىن كۇزەچى ۋە قابىيەتلىك ئۇيغۇر پەرزەنتى كىچىك مۇجاھىت قەشقەرلىمۇ بار. ھەممىڭلارغا بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.»
مېدال تارقىتىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىكروفونىمىزنى ئەنقەرە سەنئەت مۇنبىرى رەئىسى سۇلتان ئۆزاتەش خانىم بىلەن مۈجاھىت قەشقەرلىنىڭ دادىسى مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندىگە ئۇزاتتۇق.
سۇلتان ئۆزاتەش خانىم مېدال تارقىتىش مۇراسىمى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈرك دۇنياسىدا ئەدەبىياتقا تۆھپە قوشقان كىشىلەرگە مۇكاپات بەردۇق. جەمئىي 450 كىشىگە مېدال بەردۇق. مۈجاھىت قەشقەرلى ئەدەبىيات دۇنياسىدا ياخشى شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاۋازى بولغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇنى بۇ يىلنىڭ شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش چېمپىيونى دەپ تاللىدۇق.»
ئۇ، ئەنقەرە سەنئەت مۇنبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاندىن 400 شائىرنىڭ شېئىرىغا ئورۇن بېرىلگەن بىر كىتاب تەييارلىغانلىقىنى، كېيىنچە ئۇيغۇر شېئىرلىرى توغرىسىدىمۇ كىتاب نەشر قىلدۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز قاتارى بويىچە شېئىر كىتابى چىقىرىۋاتىمىز. ئەزەربەيجان-تۈركىيە شائىرلىرى كىتابىمىز چىقتى. تۈركىيە-كەركۈك شېئىر كىتابىنى ھازىرلاۋاتىمىز، 200-بەتكە كەلدۇق. كېيىن شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيە شېئىر كىتابىنى چىقىرىمىز. تۈرك دۇنياسى جەمئىي 5 شېئىر كىتابى چىقارماقچىمىز.»
مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى ئوغلى بىلەن ئائىلىسىگە ئەنقەرە سەنئەت مۇنبىرىنىڭ تۈرك دۇنياسىغا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن مېدال بەرگەنلىكى، ئوغلى مۈجاھىت قەشقەرلىنىڭ 6 يىلدىن بېرى كۆپ ساندا مېدال ئالغانلىقىنى، كۆپ قېتىم شېئىر ئوقۇپ ئۇيغۇرلارنى تونۇتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ۋە 9 ياشلىق مۇجاھىتنىڭ چوڭ ھەجىملىك 15 شېئىرنى يادقا بىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندىنىڭ 6 پەرزەنتى بار بولۇپ، 5-بالىسى مۈجاھىت تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ، 2010-يىلى 9-ئايدا ئەنقەرەنىڭ ئەتىمەسغۇت رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۇنياسى سەنئەت بايرىمىدا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان ئىدى. 6 يىلدىن بېرى كۆپ قېتىم يىغىنلاردا، فېستىۋاللاردا ۋە تېلېۋىزىيىدە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ تونۇلدى.
ئىستانبۇلدىكى «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى»نىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان كۆكتۇرك مۇھاجىت قەشقەرلىنىڭ نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.