تۈركىيەنىڭ «يېڭىچاغ» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە كۆپلەپ تۇتقۇن قىلىش، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق زۇلۇم ۋە شىددەتنى تېخىمۇ ئاشۇرغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ۋە خىتايغا تۈركىي مىللەتلەر تارىخىدىن ئازراق ساۋاق بېرىلگەن.
ماقالىنى تۈركىيەلىك يازغۇچى مەۋلۇت ئۇلۇغتېكىن يازغان بولۇپ، ئاپتور ماقالىسىدە يەنە خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مەزكۇر قىلمىشلىرىنى خەلقئارا جامائەتتىن يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت تەسىرىنى قوللىنىشتىن تەپ تارتمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: مىلادىدىن ئىلگىرى باشلانغان تارىخى جەرياندا تۈركلەرنىڭ خىتايلارغا قىلغان ياردەملىرىنى بىلىمىز، تۈركلەر خىتايلارغا مەدەنىيەت جەھەتتە ياردەم قىلىشتىن سىرت يەنە، خىتايلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتىمۇ ياردەم قىلدى. بۇ يەردە مەن بەكمۇ ئۇزۇن بۇ تارىختىن ساۋاب بېرىشنى خالىمايمەن. ئەمما، قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، مىلادىدىن ئىلگىرى ۋە مىلادىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار 7-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە خىتاينى ئىدارە قىلىپ باشقۇرغان. بۇ جەرياندا خىتاي ئۇ دەۋرنىڭ تۈرك مەدەنىيىتىدىن تولۇق پايدىلاندى.
ماقالىدە، تارىخچى گۈلچىن چاندارلىئوغلى خانىمنىڭ ئۆز تەتقىقاتلىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان «مىلادىدىن كېيىن 8- ۋە 9-ئەسىرلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا خىتاينىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن ئىسياننى ئۇيغۇر تۈركلىرى باستۇرغان» لىقى ھەققىدىكى سۆزلىرى نەقىل قىلىنغان.
ئاپتور ماقالىدە يەنە، خىتاينىڭ باشقۇرۇش ئۇسلۇبىنى گىتلېرنىڭ ئۇسلۇبىغا ئوخشىتىپ مۇنداق يازغان: «گىتلېرنىڭ باشقۇرۇش ئۇسلۇبىغا ئوخشاش بىر ئۇسلۇبىنىڭ بىز تۈركلەرگە ئۆز ۋەتىنىمىزدە يۈرگۈزۈلۈشى بىزنى چوڭقۇر قايغۇغا سالدى. بىز نەچچە يۈز يىللاپ ئىدارە قىلغان دۆلەتلەردە ھېچكىمنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا توسقۇنلۇق قىلمىدۇق، ئىبادەتخانىلىرىنى ۋەيران قىلمىدۇق. ئۇلارنى باشقا دىندىن، باشقا مىللەتتىن دەپ ئۆلۈم جازاسى بەرمىدۇق، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە خىتاي بولسا، تولىمۇ ئېچىنىشلىق ھالدا، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھاياتىنى قىيىنلاشتۇردى، ياشاش ھوقۇقىنى قوللىرىدىن تارتىۋالدى. جامىلەرگە بېسىپ كىرىپ ئادەم تۇتقۇن قىلىۋاتىدۇ، يوللاردا تۇتۇپ سۆرەپ قىيناۋاتىدۇ، ھەر خىل باھانىلەر بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىۋاتىدۇ. خىتايدىكى بۇ تۈرك دۈشمەنلىكىگە ھەيرانمەن. نېمە ئۈچۈن بۇ قەدەر دۈشمەنلىك قىلىدۇ، ھېچكىم ئۇ يەردە ئىسيان قىلمايدۇ، ئەگەر خىتايلار 1951-يىلى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن قەھرىمان ئوسمان باتۇر سەۋەبىدىن قورقۇپ شۇنداق قىلىۋاتقان بولسا، بۇ ئەڭ چوڭ خاتا ئىستراتېگىيە دېمەكتۇر.»
ماقالىدە بىر مىللەتنىڭ ئەخلاق پەزىلىتىنىڭ ئۇنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى بىلەن ئۆلچەنمەيدىغانلىقى، بەلكى ئۇنىڭ گۈزەل-ئەخلاق-پەزىلىتى بىلەن ئۆلچىنىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: «ھازىرقى خىتاي مەن ئەھمىيەت بېرىدىغان، مەن ھۆرمەت قىلىدىغان خىتاي ئەمەس، بۇ خىتاي باشقا بىر خىتايدۇر. بىر مىللەتنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى ۋە ھېچ قانداق نۇقسانسىزلىقى ئۇنى يۇقىرى پەللىگە يۈكسەلتىدۇ. زامانىۋى پەن-تېخنىكىغا ئىگە بولۇش بىلەن ئۇ پەزىلەتلىك مىللەت بولمايدۇ. بىز تۈركلەر ئېسىل پەزىلەتنى ھەر زامان ھەر دەۋر تەڭداشسىز گۈل-چېچەكلەر بىلەن روھىمىزدا ساقلاپ كەلدۇق، دىنى ۋە تىلى تۈرك بولمىغانلارغا دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ مەخپىي، ئەڭ سەزگۈر ئورۇنلىرىدا ۋەزىپە بەردۇق، مىسال ئالىدىغان بولساق، ئوسمانلىنىڭ پۇل باسىدىغان يېرىنى ئەرمەنى يۇرتداشلىرىمىز باشقۇراتتى. ھازىرمۇ دۆلىتىمىزدە شۇنداق ئەھۋاللار بار. يېقىندىن بۇيان خىتاي، كۆپلەپ تۇتقۇن قىلىش، ئۆلۈم جازاسى بېرىش ئارقىلىق زۇلۇم ۋە شىددەتنى تېخىمۇ ئاشۇردى. خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشلىرىنى خەلقئارا جامائەتتىن، ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانىدىن يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت تەسىرىنى قوللىنىشتىن تەپ تارتمىدى. بۇ خىل ھاكىمىيەت ئاستىدا ئىنسانلار قانداقمۇ ياشاشنى خالىسۇن!»
ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈم ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ساۋاش ئېگىلمەس ئەپەندى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى پىكىر قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى دۇنيانىڭ ھېچ بىر دۆلىتىدە كۆرۈلمەيدىغان دەرىجىدە قەبىھ دەرىجىگە يۈكسەلگەن ۋەزىيەتتە بولسىمۇ، دۇنيا ئۇيغۇر تۈركلىرىنى كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ.
مەركىزى گېرمانىيە گۆتتىڭگىنگە جايلاشقان خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئولرىچ دېلىئۇس ئەپەندى، خىتايدا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان باشقا بىر خەلق ئاممىسى دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە يوق، دېدى ۋە خىتايدا نەچچە يىلدىن بۇيان يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىنىڭ چوڭ بىر قىيىن-قىستاققا ئايلانغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈم ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ساۋاش ئېگىلمەس ئەپەندى مۇنداق دېدى: خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا كەسكىن بىر شەكىلدە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىز شۇنچە قىيىن ئەھۋالدا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، تارىختىن بۇيان بىزنىڭ قېرىنداشلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالمىدى. مىسال ئالىدىغان بولساق، ئوسمانلى بالقان ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرى، ئىشغال ئاستىدا قالغان بولسىمۇ ئىستانبۇلغا ياردەم ئەۋەتكەن. بۇ زۇلۇمنىڭ تۈگىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەن ھەر قانداق ئىمكانىيەتنى ئىشقا سېلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار.
بىز ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ۋە خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتى توغرىسىدا ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئەنىۋەرجان ئەپەندىنىڭ پىكىر-قاراشلىرىنى ئالدۇق.