ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىغۇچىسى سەرۋەت قاباقلى ئالەمدىن ئۆتتى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر سىياسىي دەۋاسىنىڭ تۈركىيەدىكى ئاتاقلىق قوللىغۇچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرىي شەخسلىرىنىڭ بىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ مەنىۋى ئوغلى، سەرۋەت قاباقلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىستانبۇلدا ۋاپات بولۇپ، دەپنە قىلىندى. سەرۋەت قاباقلىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا دۆلەت رەھبەرلىرى، تونۇلغان ژۇرنالىستلار، يازغۇچىلار ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

سەرۋەت قاباقلى 1956-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەلازىغ ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن. 1981-يىلى فىرات ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1986-يىلىدىن ئېتىبارەن ئىستانبۇلدىكى «تۈركىيە گېزىتى» دە ئىشلەشكە باشلىغان. ئۇ، «تۈركىيە گېزىتى» دە ژۇرنالىست بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا يازغان نۇرغۇن ئوبزور ۋە ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇ، ژۇرنالىست بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىللەردە داۋاملىق ھالدا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ يېنىدا يۈرگەن. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپ قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ ئېلان قىلغان.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بىرى ھامىتخان كۆكتۈرك ئەپەندى مەرھۇم سەرۋەت قاباقلىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان بىر شەخس ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالتېكىننى 1991-يىلى 12-ئايدا باش مىنىستىر سۇلايمان دەمىرەل بىلەن، 1992-يىلى 2-ئايدا تۈركىيە باش مىنىستىرى تۇرغۇت ئۆزال بىلەن كۆرۈشتۈرگەنلىكىنى، ئىككىلا باش مىنىستىرغا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ئاڭلاتقانلىقىنى، كۆپ ساندا ئۇيغۇرنىڭ تۈركىيە گراژدانلىقىغا ئۆتۈشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى بايان قىلدى. ھامىت كۆكتۈرك ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مەرھۇم سەرۋەت قاباقلىنىڭ ھەر پۇرسەتتە تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشقان، 1994-يىلى 5-ئايدا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى ئەلازىغ ئۇچرىشىشىغا ئاپىرىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن شائىرلارغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلاتقۇزغان. ئۇ، 1995-يىلى 7-ئايدا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى كونيا سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئاپىرىپ پەخرى دوكتور ئۇنۋانى ئالغۇزغان ۋە 1992-يىلى 7-ئايدا ئەزەربەيجان دۆلەت رەئىسى ئەبۇلفەيىز ئەلچىبەگ ھەم قىرىم تاتارلىرىنىڭ لىدىرى مۇستافا جەمىل قىرىملىئوغلۇ بىلەن كۆرۈشتۈرگەن. ئۇ، بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈرك دۇنياسىغا ئاڭلاتقان.

مەرھۇم سەرۋەت قاباقلى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپ ساندا ئوبزور ۋە ماقالە يېزىپ ئېلان قىلدى. ئۇ، تۈركىيە ئەدەبىياتچىلار ۋەقپى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە كۆپ قېتىم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى خاتىرىلەش يىغىنى چاقىردى.