ئۇيغۇر دوكتورلىرى «ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا دوكلات بەردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013.11.20
erkin-ekrem-doklat-turk-atalghusi.JPG «ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا دوكتور ئەركىن ئەكرەم(سولدىن بىرىنچى) «خىتاي مەنبەلىرىدە تۈرك ئاتالغۇسى» تېمىسىدا ئىلمىي دوكلات بەردى. 2013-يىلى نويابىر، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە رەسمىي باشلاندى. يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ ساندا ماقالە ئوقۇپ ئۆتتى. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا ھەر يىلى چاقىرىلىدىغان بۇ يىغىنغا تۈركىيەدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان تۈرك، ئۇيغۇر، قازاق، تۈركمەن، ئۆزبېك، قىرغىز ۋە ئەزەرلەردىن 60 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى مۇدىرى پروفېسسور سەما بارۇتجۇ ئۆزۆندەر سۆزلىدى.

ئۇ، نۇتقىدا مۇنداق دېدى:
ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچىلار، سۆيۈملۈك ئوقۇغۇچىلار ھەممىڭلار خۇش كېلىپسىلەر. ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بىز 2002-يىلىدىن تارتىپ ھەر يىلى چاقىرىپ كېلىۋاتقان بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى. 1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمى قۇرۇلدى. ھازىر تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 8 ئۇنىۋېرسىتېتتا ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمى قۇرۇلدى. بۇ 20 يىل ئىچىدە تۈركىيەدە ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقاتى زور تەرەققىي قىلدى. ھازىر تۈركىيەدە پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى، تارىخى، ئارخېئولوگىيىسى توغرىسىدا ئىلمىي دوكلات بېرەلەيدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سانى ناھايىتى كۆپەيدى.

ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى يىغىنى 19-نويابىردىن 22-نويابىرغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، يىغىن ھەر كۈنى 3 گۇرۇپپا شەكلىدە داۋام قىلماقچى. ھەر گۇرۇپپا دوكلات بېرىش يىغىنىغا داڭلىق تۈركولوگلارنىڭ نامى بېرىلگەن بولۇپ، 21-نويابىر كۈنىدىكىگە تونۇلغان ئۇيغۇر تۈركولوگ پروفېسسور خەمىت تۆمۈرنىڭ ئىسمى بېرىلگەن. يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىگە بىنائەن بۈگۈن ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم «خىتاي مەنبەلىرىدە تۈرك ئاتالغۇسى» تېمىسىدا، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. نۇرانىيە ھىدايەت ئەكرەم «كۆكتۈرك مۇزىكىسىنىڭ خىتاينىڭ سەنتەي مۇزىكىسىغا بولغان تەسىرى» تېمىسىدا ئىلمىي دوكلات بەردى. در. ئەركىن ئەكرەم دوكلاتىدا خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كاللىسىدا تۈرك ئۇقۇمىنىڭ مۈجمەل ئىكەنلىكىنى، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئىستانبۇلغا كەلگەن خىتاي سەيياھنىڭ ساياھەتنامىسىدە ئوسمانلى تۈركلىرىنى كۆكتۈرك مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان «تۇجۈئې» ئىسمى بىلەن يازغانلىقىنى بايان قىلدى. ھەتتا خىتاي تارىخچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان سۆزىنىمۇ «دوڭ تۇئېرچىئېسىتان»، يەنى شەرقىي تۈركىستان دەپ يېزىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى بەزى ۋەقەلەرنى تۈركىيەگە باغلاپ تۇرۇپ، تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مۇددىئاسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. در. نۇرانىيە ھىدايەت ئەكرەم خانىم بۈگۈنكى ياپون مۇزىكىسىنىڭ نوتىلىرىنىڭ كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇر دۆلىتى مەزگىلىدە خىتاي ئوردىلىرىغا كىرگەنلىكىنى، خىتاي ئارقىلىق ياپون مۇزىكىسىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ سۆزىدە خىتايدا باربىت بىلەن ئىجرا قىلىنغان سەنتەي مۇزىكىسىنىڭ كۆكتۈرك مۇزىكىسىدىن كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەڭ ئاخىرىدا ۋۇمان ئىجرا قىلغان سەنتەي مۇزىكىسىدىن ئۆرنەكلەر ئاڭلاتتى. پروفېسسور تۇنجەر گۈلەنسوي ئەپەندى در. نۇرانىيە خانىمنىڭ سۆزىگە قوشۇمچە قىلىپ، كۆكتۈرك دۆلىتى مەزگىلىدىكى نۇرغۇن چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە موڭغۇلىيە، سىبىرىيە، تۈركىستان ۋە باشقا دۆلەت ۋە رايونلاردىكى تۈركىي خەلقلەردە مەۋجۇتلۇقىنى، ئەمما بۇ ھەقتە تۈركىيەدە تەتقىقاتلارنىڭ كۆپ ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئارقىدىن پروفېسسور نەۋزات ئۆزقان، دوكتور ئابدۇرېشىت قارلۇق، دوكتور ئابدۇللاھ گۆك، دوكتور جەمىلە قىناجى خانىم ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

پروفېسسور نەۋزات ئۆزقان ئەپەندى «قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر دىئاسپورىسى» تېمىسىدا ئىلمىي دوكلات بەردى. ئۇ، دوكلاتىدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى توغرىسىدا قىسقىچە توختالدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا قۇرغان ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى، قوچو ئىدىقۇت دۆلىتى، قاراخانىيلار دۆلىتى، سەئىدىيە خانلىقى، 1863-يىلى قۇرۇلغان قەشقەرىيە دۆلىتى، 1933-يىلىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، 1944-يىلىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈش تارىخىنى ئاڭلاتتى. ئۇ دوكلاتىدا نۇقتىلىق ھالدا قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈش تارىخى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قوشۇۋاتقان تۆھپىسى توغرىسىدا توختالدى.

در. ئابدۇرېشىت قارلۇق سۆزىدە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 1991-يىلىدىن تارتىپ، ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي خىتاي مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلاردا ھەر خىل ئىجتىمائىي تەبىقىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى، خىتاي تىللىق، رۇس تىللىق ۋە ئەرەب تىللىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ دوكلاتىدا نۇقتىلىق ھالدا خىتاي تىللىق ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق ئوتتۇرىغا چىققانلىقى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇر تىللىق زىيالىيلار، تىجارەتچى، دېھقان، سانى بارغانسېرى ئازىيىۋاتقان دىن ئادەملىرى، ئۈچىنچى گۇرۇپپا بولسا خىتاي تىللىق ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن تەركىب تاپقانلىقىنى ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ ئازىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ سۆزىدە خىتاي تىللىق ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە ئاپىرىپ ئوقۇتۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۆزىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغان ئىنسانلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن قوش تىللىق مائارىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ سىياسەتنىڭ خىتاينىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقمايۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە مەنپىي رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

نىدە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ئابدۇللاھ گۆك ئەپەندى «قازاقىستاننىڭ ئانا تىل سىياسىتى» ماۋزۇلۇق ئىلمىي دوكلاتىنى بەردى.

ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى يىغىنى 19-نويابىردىن 22-نويابىرغىچە داۋاملاشماقچى ۋە كېيىنكى كۈنلەردە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يەنە كۆپ ساندا ئىلمىي ماقالە ئوقۇلماقچى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.