مۇشۇ يىلى ئالماتادا تۇرۇپ، پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىنايەت» بىرلەشمىسى ئالىم، يازغۇچى، ژۇرنالىست ۋە باشقىلاردىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ، رۇسىيە تەركىبىدىكى تۇۋا جۇمھۇرىيىتىگە قاراشلىق تېرېكۆل رايونىغا ئىلمىي ئېكىسپېدىتسىيەگە ئەۋەتكەن ئىدى.
گۇرۇپپىدا ئابلەھەت كامالوفقا ئوخشاش تونۇلغان تارىخچى ئالىم بىلەن بىر قاتاردا يازغۇچى ئىسمايىلجان ئىمىنوف، ژۇرنالىست بەخىتشات سوپىيېف، تىجارەتچى مايدىن ئابدۇللايېف، ياش ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنىڭ بىرى سۈلفى مەشرەپوف ۋە باشقىلارمۇ بولدى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي ئۆتمۈشىگە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي يادىكارلىقلار، بولۇپمۇ پور-باجىن قەلئەسىنى زىيارەت قىلىش ۋە ئۆگىنىش، تۇۋا پايتەختى قىزىل شەھىرىدىكى زىيالىيلار، ھۆكۈمەت ۋە باشقىمۇ مەھكىمىلەر ۋەكىللىرى، شۇنداقلا جامائەتچىلىك بىلەن ئۇچرىشىش ۋە باشقىمۇ چارە-تەدبىرلەرنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، كۆپلىگەن رەسىم ۋە ۋىدېئو ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ قايتتى. مەزكۇر گۇرۇپپا ئۆز ئىشىنى مۇشۇنىڭ بىلەنلا توختىتىپ قالماي، بەلكى ئىگىلىگەن تارىخىي ۋە مەدەنىي ماتېرىياللارنى تەرغىب قىلىش ئىشلىرىغىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بەرمەكتە. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن گۇرۇپپا ئەزالىرى «ئىنايەت» بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن جاي-جايلاردا ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزمەكتە.
ئەنە شۇنداق ئۇچرىشىشلارنىڭ بىرى يېقىندا ئالماتا شەھىرىدىكى چوڭ مېھمانخانىلارنىڭ بىرى «ئاستانا»دا ئۆتتى. زىيالىيلار، ئوقۇغۇچىلار، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى، يۇرت-جامائەتچىلىك قاتناشقان مەزكۇر پائالىيەتتە ئېكسىپېدىتسىيە ئەزالىرى سەپەر ھەققىدە ئۆز تەسىراتلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى ۋە كەلگۈچىلەرنىڭ كۆپلىگەن سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ئېكسپېدىتسىيە ئەزاسى، «ئىنايەت» بىرلەشمىسى ئانالىتىكا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈلفى مەشرەپوف ئۇچرىشىش ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:
ئۇچرىشىشقا ئاساسەن تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابلەھەت كامالوف، يازغۇچى، «ئەزىزانە قەشقەر» كىتابىنىڭ ئاپتورى ئىسمايىلجان ئىمىنوف، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى، ژۇرنالىست بەخىتشات سوپىيېف ۋە مەن، سۈلفى مەشرەپوف، شۇ ئېكىسپېدىتسىيەنىڭ مەمۇرىي خادىمى سۈپىتىدە قاتناشقان ئىدى. بىز بۇ ئۇچرىشىشتا پۈتكۈل ئىشلىرىمىز توغرىلىق ئېيتىپ كەتتۇق. قىسقىچە ۋىدېئولارنى بىز مۇشۇ كەلگەن مېھمانلارغا كۆرسەتكەن ئىدۇق. يەنە بىز مۇشۇ تۇۋا تەرىپىدىن چۈشىرىلگەن قىسقىچە ۋىدېئو ماتېرىياللىرىنىمۇ مېھمانلار دىققىتىگە تەقدىم قىلدۇق. ئۇچرىشىشنى ئا. كامالوف باشلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئى. ئىمنوف، ب. سوپىيېف ئۆز ئالدىغا قويغان مەقسەتلىرى توغرىلىق ئېيتىپ كەتتى. مەن بولسام ئۇچرىشىشتىن كېيىن خۇلاسە چىقىرىپ، ئېكىسپېدىتسىيەنى بىز قانداق ۋە قانداق ئادەملەر، قانداق ئالىملار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، تەييارلىغان ئىدۇق، شۇ ھەققىدە ئېيتتىم. ئۇچرىشىشقا داڭلىق ئادەملەر، ئالىملار، يازغۇچىلار قاتناشقان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قەھرىمان غوجامبەردى، تارىخشۇناس قاسىم مەسىمى، «مىر» نەشرىياتىنىڭ مۇدىرى ئەلىشۇر خەلىلوف، شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف بولدى. ئۇچرىشىشقا كانادىدىن، رۇسىيەنىڭ سانكت-پېتېربۇرگ شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قىزىقارلىق سوئاللىرىنى بەردى. ئۇنىڭغا يۈزدىن ئوشۇق ئادەم قاتنىشىپ، ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ كۆپلىگەن سوئاللىرىنى تەييارلاپ كەپتۇ. شۇنداق بىر چىرايلىق ئۇچرىشىشنى ئۆتكۈزگەن ئىدۇق. مۇنداق ئۇچرىشىشلار پەقەت ئالماتا شەھىرىدىلا ئۆتكۈزۈلمەيدۇ. ئۇ بارلىق ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان ئەمگەكچىقازاق، پانفىلوف، ئۇيغۇر مۇشۇ ناھىيەلەرگە بېرىپ، تونۇشتۇرىمىز.
بىز ئەنە شۇ ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىگە جايلاشقان چوڭ يېزىلارنىڭ بىرى قاراتۇرۇق مەھەللىسى تۇرغۇنى، جۇمھۇرىيەتلىك مىللىي مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ باشقارما ئەزاسى مايدىن ئابدۇللايېفتىن شۇنداق ئۇچرىشىشنىڭ ئۆتكەنلىكىنى بىلدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
ئەجدادلىرىمىز سالغان بۇ تارىخىي ساراي ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىمىز كۆپ ئىدى. 15-ئۆكتەبىردە ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىدە تۇرۇۋاتقان جامائەتچىلىكنىڭ پور-باجىنغا بارغان ئېكسپېدىتسىيە ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىشى بولدى. ئۇچرىشىشقا ئالماتا شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان كۆپلىگەن ئالىملار، چېلەك تەۋەسىدىكى مەكتەپلەردىن نۇرغۇن كىشى قاتناشتى. ئۇنىڭغا قاراتۇرۇق يېزا ئىگىلىكى ھاكىمى سامسىبېك يېرمېك، 13 مەھەلىنىڭ يىگىت باشلىرى، خانىم-قىزلار ۋە ئېتنومەدەنىيەت مەركىزى رەئىسلىرى قاتناشتى. ئۇچرىشىش يۇقىرى دەرىجىدە ئۆتتى، دەپ ئويلايمەن. شەخسەن مېنىڭ پور-باجىنغا بارغان مەقسىتىم، بىرىنچىدىن، تۇۋا دۆلىتىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈش. بۇ توغرىلىق مەدەنىيەت مىنىستىرى بىلەن ئۇچراشتۇق. ئۇ بۇ پىكىرلەرنى دۇرۇس كۆردى. ئىككىنچىدىن، ساياھەت باشلاش. ئۈچىنچىدىن، ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنى ئېچىش. كېلەچەكتە تۇۋا جۇمھۇرىيىتىدىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىللە ئىشلەشكە ئۈمىد قىلىمەن.