ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ۋاپاتىنىڭ 20-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا ئېچىلغان خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا جالال بايىر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئەمىن قىرىقلى ئەپەندى «ئۈچ ئەپەندىنىڭ نەنجىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى كۈرەشلىرى» دېگەن تېمىدا، سۆز قىلىپ، «ئۈچ ئەپەندى» دەپ تونۇلغان ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ۋە مەسئۇد سابىرى بايقۇزى قاتارلىق ئۈچ ئەپەندىنىڭ نەنجىڭ ۋە ئۇيغۇر ئىلىدا ئېلىپ بارغان خىزمەت-پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختالدى.
ئەمىن قىرىقلى ئەپەندى سۆزىدە مۇنداق دېدى: «1931-يىلى پارتلىغان قۇمۇل قوزغىلىڭى گومىنداڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتى ۋە ئاساسىي قانۇنى بويىچە يەرلىك خەلقنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىشى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققان بىر قوزغىلاڭ ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ۋە مەسئۇد سابىرى بايقۇزى قاتارلىق ئۈچ ئەپەندىنىڭ كۈرەشلىرى، خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا ۋەدە قىلىنغان يەرلىك خەلقنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. ئەمما بۇنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقىدا بىر قانچە سەۋەبلەر بار. قۇمۇل قوزغىلىڭىنىڭ باستۇرۇلۇشىدىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاندا بىر مىللىي ئاڭ ئويغىتىش پائالىيەتلىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن قاتارلىق ئۈچ ئەپەندىنىڭ ئاساسىي پائالىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»
ئەمىن قىرىقلى ئەپەندى سۆزىدە، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ جاڭ كەيشى قاتارلىق ئەمەلدارلارغا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرى ئەمەلگە ئاشمىغاندىن كېيىن، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن پايتەخت نەنجىڭدە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ ۋە 1932-يىلى نەنجىڭغا بارىدۇ. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئۇ يەردە شۇ دەۋرنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن جاڭ كەيشى بىلەن ئۇچرىشىپ پارتىيە پروگراممىلىرىدا بەلگىلەنگەن، يەرلىك خەلقلەرگە ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىش ماددىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىنى، بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان تۈركلەر ئۈچۈن بېرىلىشى كېرەك بولغان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ خاتا ۋە باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىدە ھاكىمىيەتكە قارشى غەزەپ-نەپرەت پەيدا قىلىشقا باشلىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بۇ جەرياندا يەنە، شەرقىي تۈركىستان سۆزىنىڭ قانۇن كىتابلىرىدا ۋە سىياسىي ھۆججەتلەردە ئورۇن ئېلىشى كېرەكلىكىنى قاتتىق تەلەپ قىلغان. ئەمما بۇ تەلەپلەرنىڭ ھېچبىرى ئورۇندالمىغان. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بۇنىڭدىن ئۈمىدسىزلەنمەستىن يەنە تۈركىستان چۈشەنچىسىنى نەنجىڭدىكى خىتاي ئەمەلدارلارغا كەڭ ئاڭلىتىش ۋە چۈشەنچە بېرىش جامائەت پىكرى پەيدا قىلىش مەقسىتىدە نەشر-ئەپكار پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ يەردە قۇرۇلغان نەشرىيات مەركىزىدە، تۈركىستان ئاۋازى، ‹تيانشان›، ‹ئالتاي› دېگەن ناملاردا گېزىت-ژۇرنال نەشر قىلدۇرۇپ تارقاتقان. ئۈچ ئەپەندىلەر نەنجىڭدە شەرقىي تۈركىستان نامىنىڭ ئاساسىي قانۇندا ئورۇن ئېلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، ئەمما مەقسىتىگە يېتەلمىگەن بولسىمۇ، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بېسىمنى ئازايتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، چۈنكى ئۇ دەۋردە ئۈچ ئەپەندىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قايتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇلار نەنجىڭدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى بىلەن بېسىم ئازايغان ۋە شەرقىي تۈركىستانغا قايتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان.»
ئەمىن قىرىقلى ئەپەندى ئۈچ ئەپەندىلەرنىڭ نەنجىڭدىكى پائالىيەتلىرىدىن ئاساسلىقى، خىتاي ئەمەلدارلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توغرا چۈشەنچە پەيدا قىلىش، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقنى مىللىي ئاڭ بىلەن ئويغىتىش ئۈچۈن مەتبۇئات ساھەسىدە پائالىيەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ۋاپاتىنىڭ 20-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا ئېچىلغان خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلغان قازاقىستانلىق ئۇيغۇر دوكتور خەمىت ھەمرايېف، ئىلى ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ئۈچ ئەپەندىلەرگە بولغان قاراشلىرى دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
دوكتور خەمىت ھەمرايوف مۇنداق دېدى: «مىللىي ئىنقىلابچىلار تەرىپىدىن ‹ئۈچ ئەپەندى› لەر دەپ ئاتالغان، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ۋە مەسئۇد سابىر بايقۇزى، 1945-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندىكىلەر ‹رۇسپەرەسلەر›، ‹خىتايپەرەس› لەر ۋە ‹مىللەتپەرۋەرلەر› دەپ ئۈچ ئاساسىي سىياسىي گۇرۇپپىغا ئايلاندى. خىتايپەرەسلەر ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستاننى ‹شەرقىي شىنجاڭ›، ‹غەربىي شىنجاڭ›، ‹شىمالىي شىنجاڭ› دەپ ئۈچ ئۆلكىگە بۆلۈشنى خالايتتى. مىللەتپەرۋەر ۋەكىللەرنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن بۇ تەكلىپ قوبۇل قىلىنمىغان. ئۇلارنىڭ تىپىك ۋەكىللىرى بورھان شەھىدى ۋە قاسىم قۇربانى ۋە باشقىلار ئىدى.
‹رۇسپەرەسلەر› بولسا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يار-يۆلىكىگە ئىگە بولماي تۇرۇپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل بولمايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئۇلار ئەڭ ئاز دېگەندە شەرقىي تۈركىستاننى قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستانغا ئوخشاش ئىتتىپاق جۇمھۇرىيەت ھالىتىگە كەلتۈرۈشنى قوبۇل قىلىشاتتى. بۇلارنىڭ تىپىك ئۆرنەكلىرى، ئەخمەتجان قاسىمى، سەيپىدىن ئەزىزى ۋە ئابدۇكېرىم ئابباسوف ۋە باشقىلار ئىدى.
‹مىللەتپەرۋەرلەر› بولسا، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ۋە مەسئۇد سابىرى بايقۇزى قاتارلىق ئۈچۈن ئەپەندىلەر ئىدى. ئۇلار رۇسلار شەرقىي تۈركىستانغا كىرمىسۇن، خىتاينى ئۆز كۈچىمىز بىلەن قوغلاپ چىقىرايلى دېگەن شوئار ئاستىدا ھەرىكەت قىلغان.»
بۇ ھەقتىكى پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.
0:00 / 0:00