ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن: «تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان زۇلۇمغا ئىنكاس قايتۇرۇشى شەرت»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.08.28
yengichagh-uyghur-maqale.jpg غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن يازغان «ئۇيغۇرلار» ماۋزۇلۇق ئوبزور «يېڭىچاغ» گېزىتىدە ئېلان قىلىندى.
yenicaggazetesi.com.tr

تونۇلغان تۈركولوگ، ئەنقەرەدىكى غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن يازغان «ئۇيغۇرلار» ماۋزۇلۇق ئوبزور «يېڭىچاغ» گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. 26-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلىنغان ماقالە مۇنداق باشلانغان: «ئاخمەت خاقان ئەپەندىنىڭ 18-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلىنغان ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۇيغۇر پاجىئەسىدىن خەۋەردار بولدۇم. مەزكۇر ئوبزوردا ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنىڭ ھەر تۈرلۈك شەكىللىرىنى يوقىتىش كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي قۇرغان ‹ناتسىستلار لاگېرلىرىدا› بىر مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر تۇتۇپ تۇرىلىۋېتىپتۇ. ئوبزورچى زەينەپ گۈرجانلى خانىممۇ 20- ئاۋغۇست كۈنى ‹سۆزچى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا بۇنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. تۈركىيە، خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىدىغان بولسا ۋە بۇ ھەمكارلىقنى تۈرك دۆلىتىنىڭ ئابرۇيىغا يارىشىدىغان ھالدا ئېلىپ بارماقچى بولسا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇشى شەرت».

تونۇلغان تۈركولوگ، پروفېسسور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن «ئۇيغۇرلار» ماۋزۇلۇق ئوبزورىدا ئۇيغۇرلارنىڭ پارلاق مەدەنىيەت ياراتقان تۈركىي مىللەت ئىكەنلىكىنى، تارىختا كۆپ قېتىم دۆلەت قۇرغانلىقىنى مىسال بىلەن بايان قىلغان. ئۇ، ماقالىسىدە ماۋ زېدوڭ رەھبەرلىكىدىكى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنىڭ قىرغىن قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ ھازىرمۇ بۇ سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇ، ئوبزورىنىڭ ئاخىرىدا تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان زۇلۇمنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازغان: «ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە قېچىپ كېلەلىگەن رەھبەرلىرىدىن مەمتىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ئۆمۈر بويى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى دۇنياغا تونۇتۇشقا تىرىشتى. بۈگۈن تۈركىيەدە كۆپ ساندا ئۇيغۇر ۋە قازاق ياشىماقتا، ئۇلارمۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا. تۈركىيە، خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان زۇلۇمنى نەزەردە تۇتۇشى كېرەك. ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە بەزى ئىدارە جەمئىيەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن ‹شەرقىي تۈركىستان› ھەققىدىكى يىغىنلارنى، خىتاي ئەلچىلىكىنىڭ بېسىمى بىلەن بىكار قىلىۋاتقان، دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە ‹شەرقىي تۈركىستان› نامىنى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلمايۋاتقان تۈركىيە ھۆكۈمىتى، خىتاي بىلەن قانداقمۇ ۋىجدانلىق مۇناسىۋەت ئورنىتالايدۇ؟ توغرىسىنى ئېيتسام بۇنى بىلىپ بېقىشنى خالايمەن».

پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى: «بۇرۇن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ھۆكۈمەت ئىنكاس قايتۇرمىسىمۇ ئۆكتىچى پارتىيەلەر تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قوياتتى. ھازىر سىزمۇ ئوبزورىڭىزدا بايان قىلىپ ئۆتكەندەك بىر مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر لاگېرلاردا ئەمما ئۆكتىچى پارتىيەلەرمۇ ئىنكاس قايتۇرمايۋاتىدۇ، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى گۈرسەل تېكىن بۇ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما ئۆكتىچى پارتىيەلەر يېتەرلىك دەرىجىدە ئوتتۇرىغا قويمايۋاتىدۇ. ئۇيغۇر مەسىلىسىنى نېمە ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويمايدۇ، بەلكى ئۆزلىرى ئۈچۈن دېگۈدەك پايدىلىق ئەمەسمۇ بۇنى بىلمەيمەن».

پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى ئاتا-ئانىلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى لاگېرغا سولانغان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدە جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «جامائەت پىكىرى توپلاشقا تىرىشىش كېرەك. مەسىلەن يېقىنلىرى سولانغان كىشىلەر، ئۇلارنىڭ رەسىملىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆزىگە كۆرسىتىش كېرەك دەپ ئويلايمەن».

ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تونۇلغان تۈركولوگ ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن يازغان ئوبزوردىكى كۆز قاراشلارنىڭ بىر قىسىم تۈرك خەلقىنىڭ كۆز قارىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە خىتايغا ئىنكاس قايتۇرغاندەك، ئىنكاس قايتۇرمايدىغانلىقىنى، ئەمما يوشۇرۇن ھالدا بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە دېيىشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلدى.

ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىدىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن كىشىلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتى بويىچە «قۇتادغۇ بىلىگ»، ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى توغرىسىدا كۆپ ساندا ماقالە ۋە كىتاب يېزىپ نەشر قىلدۇرغان. ئۇ، بېسىم ئاتالايدىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم «دىۋانى لۇغاتىت تۈرك» نى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان. ئۇ، 1994-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، خىتاي ئەلچىلىكىنىڭ بېسىمىغا قارىماستىن تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن مەيدان ھازىرلاپ بەرگەن كىشىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.