ئىستانبۇلدا ئېچىش پىلانلانغان «ئۇيغۇر تارىخى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆز كۈنتەرتىپى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ

0:00 / 0:00

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 10-ئايدا ئۇيغۇر تارىخى بويىچە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىشنى پىلانلىغان ئىدى. ئەمما، 7-ئاينىڭ 15-كۈنى تۈركىيەدە يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۈچ ئايلىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان بولۇپ، بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلار تاقالغان ۋە تەرتىپكە سېلىش ئېلىپ بېرىلماقتا ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ يىغىن ئېچىش پىلانى ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمىغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق خەلقئارالىق ئۇيغۇر تارىخى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆز پىلانى بويىچە ئېچىلىۋېرىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ساھىپخانىلىقىدا، 8 يىلدىن بۇيان يىلدا بىر قېتىم تۈركىيەنىڭ تارىخىي شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان ئىستانبۇلدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ھەرخىل تېمىلاردا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا ئىدى.

ئۇيغۇر تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسسىسلىرى ئۇچرىشىشى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىلمىي پائالىيەتلەر ئىچىدىكى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە پائالىيەتلەردىن بىرى بولۇپ، مەزكۇر ئىلمىي پائالىيەتنىڭ 8-قېتىملىقى مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخىغا بېغىشلىنىپ، 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە ئىستانبۇل فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەقپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى ئابدۇلخەمىد قاراخان ئەپەندى مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئەسلى پىلان بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ۋە قوللاشلارغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلخەمىد قاراخان ئەپەندى «ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» نىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ئىلمىي يىغىنغا، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن 30 ئەتراپىدا ئۇيغۇر، تۈرك ۋە چەتئەللىك تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر قاتنىشىدىغان بولۇپ، يىغىن «قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تارىخى»، «ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تارىخى»، «يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخى» ۋە «بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار ۋە مەۋجۇت ئىجتىمائىي مەسىلىلەر» بولۇپ تۆت بۆلۈمگە بۆلۈنۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بىر پۈتۈن تارىخى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.»

ئابدۇلخەمىد قاراخان ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بۇ يىلقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى مەخسۇس تارىخقا ئايرىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
يېقىنقى بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلار تارىخ سەھنىسىدە ئېغىر بوران-چاپقۇنلۇق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈردى ۋە ئۆز ۋەتىنىدە خورلاندى. ھالبۇكى ئۇيغۇرلار تۈرك قوۋملىرى ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن شەھەر تۇرمۇشىغا ئۆتكەن، ‹ئۇيغۇر دۆلىتى› ۋە ‹ئۇيغۇر ئىدىقۇت دۆلىتى› دەپ ئۇيغۇر ئېتنىك مىللەت نامى بىلەن قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنى قۇرغان، ئۆزىگە خاس بوستانلىق مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان ۋە تۈرك ئىسلام تارىخىدىكى تۇنجى ئىسلام دۆلىتى ‹قاراخانىيلار دۆلىتى› نى قۇرغان بىر مىللەت ئىدى. بۇ مىللەت ھازىر ئاجىز ۋە زۇلۇمىغا ئۇچرىماقتا، بۇ دېمەك ھەرگىزمۇ مەڭگۈ ئاجىز ۋە خار ھالدا ياشايدۇ دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. تارىخ تەكرارلىنىدۇ، بىز ئۇيغۇرلارغا، بولۇپمۇ ياشلىرىمىزغا ئۇيغۇرلارنىڭ توغرا تارىخىنى ئۆگىتىش ۋە قىزىقتۇرۇش شۇنداقلا ئىلىم دۇنياسىنى يېڭى مەلۇماتلار بىلەن بېيىتىش مەقسىتىدە بۇ يىغىننى چاقىرماقچىمىز.»

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى ئابدۇلخەمىد قاراخان ئەپەندى بۇ قېتىم ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدىغان بۇ يىغىندا «ئۇيغۇر ئاكادېمىكلىرى كېڭىشى» قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى پات ئارىدا، تۈركىيە، ئامېرىكا، ياۋروپا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆز ساھەسىدە نەتىجە قازانغان، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە ۋە ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان 25 ئەتراپىدا ئۇيغۇر پەن-تەتقىقاتچىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن ‹ئۇيغۇر ئاكادېمىكلىرى كېڭىشى› نى قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەم ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇش ۋە ۋەتەن-مىللەتكە ياراملىق ئوقۇغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن بىرلىكتە خىزمەت قىلىدۇ.»

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى سابىق رەئىسى، ئىزمىر ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ ئاكادېمىيە ئۇيۇشتۇرۇۋاتقان بۇ خىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ھەر ساھەدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى ئابدۇلخەمىد قاراخان ئەپەندى بۇ خىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى پائالىيەتلىرى يىلدىن يىلغا تېخىمۇ مول مەزمۇنلۇق بولۇپ، كەسىپلىشىشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە. بۇ تۈرلۈك ئىلمىي پائالىيەتلەردە ئىلغار پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇپ، ياش ئەۋلادلارنىڭ ئىلىم-پەنگە بولغان ئىشتىياقىنىڭ كۈچىيىشىگە، مىللىي روھ ۋە مىللىي ئاڭنىڭ تىكلىنىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىماقتا.»

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ يىغىننىڭ توغرا ۋە ئىلمىي ئۇيغۇر تارىخى يېزىش شۇنداقلا ئۇيغۇر تارىخى يېزىشنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇشقا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تارىخچىلىرى بۇ جەھەتتە ئۆزىنىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرالمايدۇ.

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2009-يىلىدىن تارتىپ ھەر يىلى بىر قېتىم ئىلمىي مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە بولۇپ، بۇرۇن ھەر ساھە ئارىلاش ئۆتكۈزۈلگەن بولسا كېيىنكى ئىككى يىلدا ھەر يىلى مەخسۇس ۋە ئايرىم تېمىلار بويىچە ئۆتكۈزۈلمەكتە.