«ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ياۋروپا تارمىقى» گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە رەسمىي قۇرۇلدى

0:00 / 0:00

د ئۇ ق ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» ئاخىرلاشقاندىن، ميۇنخېندىكى تۈركىيە دىيانەت ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ياۋروپا تارمىقىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئاكادېمىيەنىڭ ياۋروپا تارمىقىدا ھەيئەت بولۇپ ۋەزىپە ئالماقچى بولغان ئاكادېمىيە ئەزالىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان يوشۇرۇن ئاۋازلىق سايلامدا، شۋېتسارىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت كۆپچىلىكنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ياۋروپا تارمىقىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. مەزكۇر سايلامدا سايلانغان رەئىس دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت نىزامنامىگە ئاساسەن، نەق مەيداندا ئۆزى بىلەن بىرگە 18 كىشىلىك قۇرغۇچى دائىمىي ھەيئەتنى تاللاپ ۋەزىپىگە تەيىنلىدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ياۋروپا تارمىقىنىڭ قۇرۇلۇشى مۇراسىمىغا د ئۇ ق ساھىبخانىلىقىدا ئېچىلغان «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن 23 دۆلەتتىن كەلگەن 250 ئەتراپىدا ۋەكىل ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشتى.

ئارقىدىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى يىغىننى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى»نى ئوقۇش بىلەن باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

كېيىن ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادەمىيەسىنىڭ رەئىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەتنى سەھنىگە تەكلىپ قىلدى. پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىگە بىنائەن دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندى، فىرانسىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور مەمتىمىن ئابباسنى مۇئاۋىن رەئىسلىككە، شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى زۇلھايات ئۆتكۈر خانىمنى باش كاتىپلىققا، شىۋېتسىيەدىن كەلگەن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتنى باش نازارەتچىلىك ۋەزىپىسىگە، شىۋېتسارىيەدە تۇرۇۋاتقان دوكتور قەيسەر ئابدۇقادىرنى مالىيە ئىشلىرىغا، گېرمانىيەلىك ئۇيغۇر زىيالىيسى مۇھەممەتېلى نىياز ئەپەندىنى تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىپ تەيىنلىدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ياۋروپا تارمىقىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندى سۆزىدە سايلىغانلارغا رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، بۇندىن كېيىنمۇ ئۆزلىرىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى بۇ سورۇننى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىگە تەييارلاپ بەرگەن د ئۇ ق رەھبەرلىرىگە رەھمەت ئېيتتى.

ئەڭ ئاخىرىدا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزلەپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 2009-يىلى 9-ئايدا 9 ئۇيغۇر زىيالىيسى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر ئاكادېمىيە 2018-يىلى «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئامېرىكا تارمىقىنى» قۇرۇپ چىققان ئىدى.