ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىستانبۇل فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەقپى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ توپقاپى مەۋلىۋىخانىسىنىڭ زالىدا 2-نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزدى.
بۇ يىغىن ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن موللا مۇسا سايرامى (1917-1836)، ھۈسەيىنخان تەجەللى (1927-1848)، قۇتلۇق شەۋقى (1937-1876) ۋە ئابدۇقادىر داموللا (1924-1862) قاتارلىق مەشھۇر نامايەندىلەرگە بېغىشلاندى.
يىغىنغا مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ رىياسەتچىلىك قىلدى. «ئىستىقلال مارشى» ئوقۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلىدى. ئارقىدىن، ئۇ بۇ قېتىمقى يىغىندا خاتىرىلىمەكچى بولغان ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز دەۋرىدە مىللىتىنىڭ روھى ھۆرلۈكى ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلغانلىقىنى، ھازىرقى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭمۇ دەۋرىمىزدە ئۈستىگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىندا بېرىلگەن دوكلاتلار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «شىۋېتسىيەدىن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئۇيغۇر دوپپا بايرىمىغا ئاتاپ ‹ئۇيغۇر باش كىيىم مەدەنىيىتىدە دوپپا› تېمىسىدا بىر پارچە ماقالە تەييارلاپ، ماڭا ئەۋەتكەن ئىدى. مەن ئۇ دوكلاتنى سۇندۇم. ئىنتايىن ئەتراپلىق تەييارلانغان بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، دوكلاتتىن كېيىن كۆپچىلىك ھەرخىل سوئاللارنى سوراپ، قىزغىن بەس-مۇنازىرە قىلىشتى.»
ئۇ، دوپپا ھەققىدىكى دوكلات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەسلى تېمىغا ئۆتكەنلىكىنى، 4 مۇتەخەسسىسنىڭ 4 ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى: «تۇنجى بولۇپ، بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم «قۇتلۇق شەۋقى ۋە ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى» تېمىسىدا تەييارلىغان دوكلاتىنى سۇندى. مەغپىرەت خانىم ئىلمىي دوكلاتىدا بىر كىشىنىڭ مۇتەپەككۇر بولۇشى ئۈچۈن ئائىلە، دەۋر تەقەززاسى ۋە بۇ ھەقتە كىشىنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدە ئىزدىنىشىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى، قۇتلۇق شەۋقى ئۆز دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى كرىزىس ۋە بۇ كرىزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن باش كۆتۈرگەن جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ، نەشرىياتچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ 1920-يىلى يازغان ‹ئويغان ۋە ئىنقىلاب ئەشئارلىرى› ۋە 1924-يىلى يازغان ‹ئاسارەت ۋە زالالەتكە ئوت ياق› ناملىق شېئىرلار توپلىمى بىلەن تارىخى ئەسەرلىرىدىن ‹ۋاقەئىي كاشغەر› ناملىق ئەسىرىنىڭمۇ بارلىقىنى بايان قىلدى».
ئابدۇلھەمىت ئەپەندى تارىختا ئۆتكەن مەزكۇر ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا قوشقان تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بەردى.
2-نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»دا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان تۈرك تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور راھىلە قەشقىرى «ھۈسەيىنخان تەجەللىنىڭ ھايات ھېكايىسى ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرى» تېمىسىدا دوكلات بەردى. ئۇ ھۈسەيىنخان تەجەللى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ ئاتاقلىق شائىر، داڭلىق تېۋىپ ۋە خىمىيەچى بولۇپلا قالماي، بەلكى پىشقان مائارىپچى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، ھۈسەيىنخان تەجەللى نۇرغۇن كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتقان، چاڭقىغان دىللارنى يورۇتقان كىشى بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نامەرد ۋە خائىنلارنىڭ سەۋەبىدىن كۆپ كۈلپەتلىك كۈنلەرنى كەچۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۈچىنچى بولۇپ، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ «بۈگۈنكى ئوقۇرمەن ۋە تارىخى ھەمىدى» تېمىسىدا دوكلات سۇندى.
ئەڭ ئاخىرقى دوكلاتتا، ئەدىرنە تراكيا ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ دوكتور ئوقۇغۇچىسى ئۆمەرجان جامال «ئابدۇقادىر داموللام ۋە ئۇنىڭ ئىسلاھاتلىرى» تېمىسىدا دوكلات بېرىپ، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ كۈرەشلىرى ۋە ئىدىيەسى توغرىسىدا توختالدى.
بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئىستانبۇلدا ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى باتۇر قاراخانلى ئەپەندى يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
باتۇر قاراخانلى ئەپەندى، بۇ قېتىم خاتىرىلەنگەن 4 مۇھىم شەخس ياشىغان دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى بىلەن ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ پائالىيەتنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.