ئامېرىكادا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى

0:00 / 0:00

8-ئۆكتەبىر كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىلەن ئامېرىكانىڭ فىلادىلفىيە شتاتىدىكى درېكسېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورتاق ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تېما مۇھاكىمە قىلىندى. ئامېرىكا، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى مەخسۇس تېمىلاردا ماقالە ئوقۇپ، ئۇيغۇر ئانا تىلى ھەققىدە كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئالماشتۇردى.

يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 8:30 دا باشلانغان يىغىندا ئالدى بىلەن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورگانلارنىڭ بىرى بولغان درېكسېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى دوكتور رىبەككا كىلوزى خانىم ئېچىلىش سۆزى سۆزلىدى ۋە يىغىنغا كەلگەن مېھمانلارنى قارشى ئالدى. ئۇ سۆزىدە، بۇ يىغىننىڭ ئامېرىكادا مۇشۇ تېمىدا ئېچىلغان تۇنجى قېتىملىق يىغىن ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنى ئۆز ئارا ئورتاقلىشىدىغان ياخشى بىر پۇرسەتلىكىنى تەكىتلىدى. ئارقىدىن مەزكۇر يىغىننىڭ يەنە بىر ئۇيۇشتۇرغۇچىسى بولغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندىمۇ ئېچىلىش سۆزى قىلدى.

ئېچىلىش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، يىغىن «ئۇيغۇر مائارىپى دۇچ كەلگەن خىرىسلار ۋە پۇرسەتلەر»، «ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ ئەۋلادلار ئارا داۋاملىشىشى» ۋە «مۇھىت ئۆزگىرىشىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بولغان تەسىرى» قاتارلىق مەخسۇس 3 تېما بويىچە داۋام قىلدى. ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر يۇقىرىدىكى تېمىلارنى چۆرىدىگەن ئاساستا دوكلات بەردى.

ئابدۇھەمىت قاراخان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىندا ئۇيغۇر ئانا تىلىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ ئوقۇلغانلىقى ۋە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يىغىندا ئالاھىدە دىققەت قوزغىغىنى شۇكى، چەتئەللەردە ئوقۇپ يېتىشىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن ماقالە ئوقۇدى. ئۇلار ئۇيغۇر ئانا تىلىنى چەتئەللەردە ياش ئەۋلادلارغا ئۆگىتىش، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش خىزمىتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكانىڭ ۋىرگىنىيە شىتاتىدىن كەلگەن ئىرادە قەشقىرى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. ئۇ يىغىندا «ئانا تىلنى قوغداش يولىدا: ئامېرىكىدىكى ئانا تىل مەكتىپى ۋە ئۇنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرى» ناملىق دوكلات بەردى. ئۇ رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل كۇرسىنىڭ خىزمەتلىرىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا يەنە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت ۋە باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ھەم ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگۈچى جەمئىيەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلارغا قىزىققۇچى ئامېرىكالىق مۇتەخەسسىسلەر، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، ئامېرىكادا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار شۇنىڭدەك يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر تەشكىلات ۋە جامائەت ۋەكىللىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. يىغىن جەريانىدا قىزغىن سوئال-جاۋابلار بولۇپ ئۆتتى.

يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان ئامېرىكا درېكسېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى رىبەككا كىلوزى خانىم بۇ يىغىننىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىگە قىزىققۇچىلار ئۈچۈن تېپىلماس بىر پۇرسەت بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىزىققۇچى ئاكادېمىكلەر، مۇتەخەسسىسلەر ۋە زىيالىيلار ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى پۇرسەت بولدى. مەنچە بۇ يىغىندا نۇرغۇن ئوخشىمىغان يېڭى ئىدىيەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەن يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭىچە كۆز قاراشلار ھەممە كىشىگە ئىلھام بولدى دەپ قارايمەن.»

بۇ يىغىنغا غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى، دوكتور ئەركىن سىدىق، دوكتور رىشات ئابباس، دوكتور دولقۇن قەمبىرى، دوكتور ئەسەت سۇلايمان، دوكتور گۈلنىسا نەزەروۋا، دوكتور مەمەت ئىمىن، دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللاھ قاتارلىق كۆپلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قاتناشتى. ئىرادە قەشقەرى، تاھىر ئىمىن، روشەن ئابباس، زۇبەيرە شەمسىدىن قاتارلىق كىشىلەر مەخسۇس تېمىلار بويىچە دوكلات بەردى. بىز كېيىنكى پروگراممىمىزدا داۋاملىق بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىمىز.