«ئىسلام قامۇسى» غا تونۇلغان ئۈچ ئۇيغۇر شەخس كىرگۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.01.23
islam-qamusi-memtimin-bughra.jpg «ئىسلام قامۇسى» دا تونۇلغان سىياسىيون ۋە تارىخچى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا تونۇشتۇرۇلغان بەت.
RFA/Erkin Tarim

«ئىسلام قامۇسى»، ئىسلامى ئىلىملەر، ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن ئاتالغۇلار، ئىسلام دۇنياسىدا دىن، ئىلىم-پەن، سىياسەت، سەنئەت ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدە تونۇلغان شەخسلەر، ئىلىم ۋە كۈلتۈرگە تۆھپە قوشقان ئەسەرلەر، مەزھەپ ۋە تەرىقەتلەر، ئېقىملار، ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى تونۇلغان شەخسلەر، ئامېرىكادىن رۇسىيەگىچە، ئەنگلىيەدىن ئاۋسترالىيەگىچە بولغان ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمان خەلقلەردىن چىققان مەشھۇر شەخسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

1983-يىلى، «ئىسلام قامۇسى» نى چىقىرىش تەييارلىقى باشلانغان بولۇپ، ئەسەرنىڭ بىرىنچى تومى 1988-يىلى نەشر قىلىنغان.

«ئىسلام قامۇسى» 15226 ماددىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، 2013-يىلى 44-تومىنىڭ نەشر قىلىنىشى بىلەن پۈتۈن قىسىملىرى نەشر قىلىنىپ بولۇنغان. ئەمما، 2016-يىلى «ئىسلام قامۇسى» نىڭ قوشۇمچە تومى نەشر قىلىنغان.

مەزكۇر ئەسەرنىڭ 712 بەتلىك قوشۇمچە تومىغا تونۇلغان ئۇيغۇر سىياسىيونلاردىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، تونۇلغان سىياسىيون ۋە تارىخچى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ھەم تونۇلغان ئالىم، تارىخچى ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللا قاتارلىق ئۈچ زات كىرگۈزۈلگەن.

تۈركىيە دىيانەت ۋەخپى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ئىسلام قامۇسى» نىڭ قوشۇمچە تومىنىڭ 89-90-بەتلىرىدە تونۇلغان سىياسىيون ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنگە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى قىسقىچە بايان قىلىنغان. بۇنىڭدا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ 1901-يىلى قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق يېڭىسار ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەنلىكى، 1923-يىلىدىن باشلاپ ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان ۋە تاشكەنت شەھەرلىرىدە ئۈچ يىلدىن ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى، ئارقىدىن 1936-يىلى خىتاي پارلامېنتىغا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغانلىقى، 1946-يىلى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە باش كاتىپلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەنلىكى، 1949-يىلىدىن كېيىن ھىندىستانغا بېرىپ، 1952-يىلى تۈركىيەگە كەلگەنلىكى، تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن 1995-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ۋاپات بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئۆز كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرغانلىقى بايان قىلىنغان.

712 بەتلىك «ئىسلام قامۇسى»نىڭ قوشۇمچە تومىنىڭ 215-بېتىدە ئالىم، سىياسىيون مۇھەممەد ئىمىن بۇغراغا ئورۇن بېرىلگەن. بۇ قىسىمدا ئۇنىڭ 1901-يىلى خوتەندە تۇغۇلۇپ، 1965-يىلى ئەنقەرەدە ۋاپات بولغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى كۈرەش ھاياتى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلىرى بايان قىلىنغان.

ئەسەرنىڭ قوشۇمچە تومىنىڭ 307-بېتىدە ئۇيغۇر ئالىمى، تارىخچى ۋە ئەدەبىياتچى ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللامغا ئورۇن بېرىلگەن. بۇنىڭدا، ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللىنىڭ 1906-يىلى بۈگۈر ناھىيىسىدە تۇغۇلۇپ، 1952-يىلى ئۈرۈمچىدە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگۈچە بولغان ئارىلىقتىكى ئەدەبىي ئىجادىيىتى، ئىلمىي تەتقىقاتلىرى، ئەسەرلىرى ۋە كۈرەش تارىخى بايان قىلىنغان.

30 يىلدا تاماملانغان تۈركىيە دىيانەت ۋەخپى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ئىسلام قامۇسى»غا تۇنجى قېتىم 20-ئەسىردە ئۇيغۇر دىيارىدا تۇغۇلۇپ يېتىشكەن مەشھۇر 3 شەخسنىڭ كىرگۈزۈلۈشى قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟ ئىسلام قامۇسى» قانداق بىر ئەسەر؟ خەلقئارادا بۇلاردىن باشقا يەنە چوڭ ئېنسىكلوپېدىيىلەرگە كىرگۈزۈلگەن مەشھۇر ئۇيغۇر شەخسلەر بارمۇ؟ دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن قەھرىمانماراش سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئەپەندى، ئىزمىر ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئەپەندى ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن بۇ ئۈچ مەشھۇر شەخسنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق قامۇسلاردىن بىرى بولغان «ئىسلام قامۇسى»غا كىرگۈزۈلۈشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىمۇ «ئىسلام قامۇسى»، يەنى «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى» نىڭ ئىسلام دۇنياسىدا نوپۇزلۇق بىر ئەسەر ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا ئۇيغۇر ئالىملارنىڭ كىرگۈزۈلۈشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ئالىملىرىنى خەلقئارالىق ئەسەرلەرگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندىمۇ مەزكۇر ئۈچ تارىخى شەخسنىڭ بۇ قامۇسقا كىرگۈزۈلۈشى ۋە ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىنىڭ بۇنداق قامۇسلاردىن دىن ئورۇن ئېلىشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ، سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللا ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ يەنە، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى»غا قوشقان تۆھپىسىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.