0:00 / 0:00
يېقىندا ئالماتادا قۇددۇس غوجامىياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا يازغۇچى يۈسۈپبەك مۇخلىسوف ئەسىرى ئاساسىدا يېزىلغان «قوش يۇلتۇز» ناملىق دراما تاماشىبىنلار دىققىتىگە سازاۋەر قىلىندى.
تىياتىر رېژىسسورى مۇھىت ھېزىموف سەھنىلەشتۈرگەن مەزكۇر ئەسەردە 11-ئەسىردە ھۆكۈم سۈرگەن قاراخانىيلار مەملىكىتى ۋە ئۇنىڭدىكى ۋەزىيەت، شۇ دەۋردە ياشىغان بىر قاتار تارىخىي شەخسلەرنىڭ ھاياتى، جۈملىدىن ئۇلۇغ ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرى مەخمۇت قەشقەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئوبرازلىرى يورۇتۇلىدۇ.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تىياتىر رېژىسسورى، «قۇرمېت» بەلگىسىنىڭ ساھىبى مۇھىت ھېزىموف ۋە رەسسام، يازغۇچى ھاكىمجان گۇلىيېف بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.