20-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا 10 يىل مەۋجۇت بولغان، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پروفېسسور غوجاخمەت سادۋاقوسوپ رەھبەرلىكىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن ئۇزۇن ئۆتمەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن شەكىللەنگەن يېڭى جۇغراپىيىۋى سىياسىي ۋەزىيەت شارائىتىدا موسكۋا قۇرۇپ چىققان مۇنداق بىر ئىنستىتۇت قازاقىستان ئۈچۈن ئۆزىنىڭ زۆرۈرىيىتىنى يوقاتقان ئىدى. مەرھۇم غوجاخمەت سادۋاقوسوفنىڭ خانىمى ئوماق ھەسەنوۋا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، مەرھۇم غوجاخمەت سادۋاقوسوف ھايات ۋاقتىدا ئۆزى بۇ ئىنستىتۇتنى بىۋاسىتە قۇرغان ھەم ئۇنى ساقلاپ قېلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشقان ئىدى.
ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمى رۇسىيەدە 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا باشلىنىپ، 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىغا كەلگەندە،سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى مەخسۇس ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىگە ئائىت تەتقىقات مەركىزىي قۇردى. 1946-يىلى، ئالمۇتادا قۇرۇلغان ئۇيغۇر-تۇڭگان مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزى، 1960-يىللارغا كەلگەندە سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىغا ئەگىشىپ، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى بولۇپ قۇرۇلغان بولسا، 1986-يىلى، نويابىر ئېيىدا رەسمىي ئايرىم ئىنستىتۇت -ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى دۇنياغا كەلدى.
مەرھۇم غوجاخمەت سادۋاقوسوف باشچىلىقىدىكى مەزكۇر ئىنستىتۇت گۈللەنگەندە ئۇنىڭ تەركىبىدە 8 بۆلۈم بولغان ۋە 70 تىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس ۋە خادىم خىزمەت قىلغان. غوجاخمەت سادۋاقوسوفنىڭ يېتەكچىلىكىدە كوللېكتىپ ئاپتورلارنىڭ قەلىمى ئاستىدا ۋە ئايرىم ھالدا ئۇيغۇر تارىخى، تىلى، مەدەنىيىتىگە ئائىت كىتابلار، مونوگراپىيەلەر ھەم كۆپلىگەن ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. ئەمما، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي ئىنستىتۇتقا غوجاخمەت سادۋاقوسوفنىڭ نامى بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن 1995-يىلى ئۇنىڭ نامى ئەمەلدىن قالغان شۇنىڭدەك 1996-يىلى، رەسمىي تۈردە بۇ ئىنستىتۇت تاقىلىپ، كىچىك بىر ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى سۈپىتىدە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قارمىقىغا ئۆتكەن.
غوجاخمەت سادۋاقوسوفنىڭ خانىمى ئوماق ھەسەنوۋا ئىنستىتۇتنىڭ يېپىلىش ئەھۋالى ۋە جەريانى ھەققىدە توختالدى.
غوجاخمەت سادۋاقوسوف 1991-يىلى، نويابىر ئېيىدا ئالمۇتادا 62 يېشىدا ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق قەدەممۇ-قەدەم پاسسىپلىشىشقا باشلىدى. ئىنستىتۇتنىڭ كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلىرى ئۆز ئىشلىرىدىن ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدىن ئايرىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئومۇمەن مۇتەخەسسىسلەر سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ رۇسىيە، قازاقىستان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە سۇسلىشىپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلىشماقتا.