قازاقىستان ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن قارىغاندا، 22-25-فېۋرال كۈنلىرى ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبۇرن شەھىرىدە تەنھەرىكەتنىڭ گىمناستىكا تۈرى بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسى ئۆتكەن. ئۇنىڭغا بىر قانچە دۆلەتلەرنىڭ ئاتاقلىق تەنھەرىكەتچىلىرى قاتناشقان بولۇپ، قازاقىستاندىنمۇ بىر قاتار گىمناستىكا ماھىرلىرى ئىشتىراك قىلغان. بۇ مۇسابىقىدە قازاقىستانلىق نارىمان قۇربانوف ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. بۇ، 20 ياشلىق ئالمۇتالىق تەنھەرىكەتچىنىڭ خەلقئارا دائىرىدىكى مۇھىم ئۇتۇقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇ «ئات ئۈستىدىكى ھەرىكەت» بويىچە ئورۇندىغان گىمناستىكىلىق مەشىقلىرى بىلەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. قازىلارنىڭ باھالىشىچە، ئىككىنچى ئورۇننى، يەنى كۈمۈش مېدالنى تەيۋەن تەنھەرىكەتچىسى چى كەيلى، ئۈچىنچى ئورۇننى ئاۋسترالىيەلىك كرىستوفېر رېمكېس ئالغان.
قازاقىستاننىڭ «سپورت پليۇس» تورىدا بېرىلگەن «نارىمان قۇربانوف مېلبۇرندا تارىخىي غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى» ناملىق ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مېلبۇرندا ئۆتكەن گىمناستىكا بويىچە خەلقئارا مۇسابىقىگە 15 مەملىكەتتىن63 تەنھەرىكەتچى قاتناشقان. ئۇلار گىمناستىكىنىڭ ئالتە تۈرى بويىچە مۇسابىقىلەشكەن. قازاقىستاندىن بۇ مۇسابىقىگە بەش تەنھەرىكەتچى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن نارىمان قۇربانوف ئەڭ ياخشى كۆرسەتكۈچنى نامايىش قىلغان. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ مېدال قازاقىستان ئۈچۈن قىممەتلىك مۇكاپات بولۇپ، ئاخىرقى قېتىم قازاقىستانلىق تەنھەرىكەتچى يېرنار يېرىمبېتوف تەنھەرىكەتنىڭ گىمناستىكا تۈرى بويىچە پەقەت 2002-يىلى گېرمانىيەنىڭ شتۇتگارت شەھىرىدە بولۇپ ئۆتكەن مۇسابىقىدە ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن ئىكەن. ماقالىدە نارىمان قۇربانوفنىڭ تالانتلىق تەنھەرىكەتچى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن ماھىرلىقىنى دۇنيانىڭ پەقەت ئاز ساندىكى تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ تەكرارلىيالايدىغانلىقى ئېيتىلغان.
قازاقىستاندىكى «ئۇيغۇر ئاۋازى»، «راتېل قازاقىستان» مەتبۇئاتلىرىنىڭ، شۇنداقلا رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرلىرىدا نارىمان قۇربانوفنىڭ موسكۋادا، ئاندىن كانادانىڭ مونترېئال شەھىرىدە ئۆتكەن گىمناستىكا بويىچە مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكى ئېيتىلغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ مونترېئالدا ئۆتكەن مۇسابىقىدە «ئاتتا موللاق ئېتىش» ھەرىكەت ئۇسۇلى بىلەن دۇنيا گىمناستىكا تەنھەرىكىتى ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇنىڭ تېخنىكىسىغا گىمناستىكا فېدېراتسىيەسى تەرىپىدىن «قۇربانوف» ياكى ئىنگلىزچە «The Kurbanov» دەپ نام بېرىلگەن ئىدى.
ئىگىلىشىمىزچە، ئاۋسترالىيەدە ئۆتكەن مۇسابىقىدىن ئالتۇن مېدال بىلەن قايتقان نارىمان قۇربانوفنى ئالمۇتا ئايروپورتىدا ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى، دوست-بۇرادەرلىرى، كەسىپداشلىرى داغدۇغىلىق كۈتۈۋالغان. بىز ئەتىسى، يەنى 28-فېۋرال كۈنى نارىمان قۇربانوفنى ئالمۇتادىكى ئولىمپىك چېمپىيونى نېللى كىمنىڭ گىمناستىكا ئاكدېمىيەسىدە مەشىقلىنىۋاتقان ۋاقتىدا زىيارەت قىلىپ، سۆھبەتلەشتۇق.
نارىمان قۇربانوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بەش ياشتىن تارتىپ گىمناستىكا بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى، دادىسى ھۈسەنجان قۇربانوفمۇ شۇ ساھە ماھىرى بولغانلىقتىن كۆپلىگەن تەجرىبىلەرنى شۇنىڭدىن ئالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «گىمناستىكا بىلەن شۇغۇللىنىش خاھىشى مەندە بولمىدى. مېنى دادام شۇنىڭ بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇرلىدى دېسەم بولىدۇ. 15 ياشقىچە، يەنى ئۆزۈم مۇستەقىل ھالغا كىرگەن ۋاقىتقىچە، ئۇ مېنى ئۆگەتتى. مېنىڭ تۇنجى ترېنېرىم ئەنە شۇ دادام بولىدۇ. مېنىڭ ھازىر باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدىغانغا ۋاقتىممۇ يوق، چۈنكى ۋاقتىمنىڭ ئاساسلىقى مەشىقلەر بىلەن ئۆتىدۇ. تەنھەرىكەتنىڭ گىمناستىكا تۈرى ئۇنىڭ باشقا تۈرلىرىگە قارىغاندا خەۋپلىك بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. شەخسەن ئۆزۈم بىر نەچچە قېتىم جاراھەت ئېلىپ، ھەپتىلەپ داۋالانغان ۋاقىتلىرىممۇ بولدى. مېلبۇرندا ئۆتكەن مۇسابىقە مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئىككىنچى دۇنيا مۇسابىقىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مېنىڭ بۇ قېتىمدا يەتكەن ئۇتۇقۇم مەن ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى باشقىلار ئۈچۈنمۇ كۈتۈلمىگەن ۋەقە بولدى. گىمناستىكىنىڭ بۇ تۈرى بويىچە ئاخىرقى قېتىم ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن قازاقىستانلىقلارنى بىلمىسەممۇ، ئەمما بىرىنچىلىككە ئېرىشكەنلەرنى بارماق بىلەن سانىغىلى بولىدۇ».
نارىمان قۇربانوف كېلەچەككە بولغان پىلانلىرىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى، ئەتە ئۆزىنىڭ ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدا ئۆتىدىغان دۇنيا مۇسابىقىسىگە ئاتلىنىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، كېلەچەكتە ئولىمپىك ئويۇنلىرىغا قاتنىشىش ئارمىنىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مېلبۇرندا ئۆتكەن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئالتۇن مېدال تاپشۇرۇش مۇراسىمىدا ئۆزىنى قازاقىستاننىڭ ھەقىقىي بىر پۇقراسى سۈپىتىدە مەغرۇرلۇق بىلەن ھېس قىلغانلىقىنى، بۇ مۇسابىقىدە دۇنيانىڭ كۆپلىگەن ئاتاقلىق گىمناستىكىچىلىرى بىلەن تونۇشقانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نارىماننىڭ ئاتىسى ۋە ترېنېرى ھۈسەنجان قۇربانوف شاگىرت تەربىيەلەش ئىشىنىڭ يېنىك ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەم بىلىمنىڭ، ھەم ۋاقىتنىڭ، ھەم چىداملىقنىڭ مۇھىم ۋە زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا بولۇپمۇ ئۆز ئوغلىنى تەربىيەلەش ۋاقتىدا كۆزى يەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئومۇمەن ئۇنى مەن ئالتە يېشىدىن تارتىپ ھەم ئوغلۇم، ھەم شاگىرتىم سۈپىتىدە تەربىيەلىدىم. ئۇ كىچىك ۋاقتىدا بىر نەچچە باسقۇچلاردىن ئۆتۈپ، غەلىبە قازانسىمۇ، كېيىنرەك، چوڭ باسقۇچقا ئۆتۈپ، يېڭىلىشقا باشلىغاندا تەنھەرىكەتنىڭ بۇ تۈرىدىن يالتىيىشقا باشلىدى. ھەتتا بىر يېرىم ئاي پۇتبول بىلەن شۇغۇللاندى. ئەلۋەتتە، ئارىمىزدا تالاش-تارتىشلار بولدى، رەنجىشلەر بولدى. ئەمما كېيىنرەك ئۇ بۇ قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى. ئۇنىڭغا گىمناستىكا فېدېراتسىيەسى تەرىپىدىن›The Kurbanov‹ دېگەن نام بېرىلگەندە تالاش-تارتىشلار بولدى، ئەلۋەتتە، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ تاپقان يېڭىلىقىنى دەلىللەپ بېرەلىدى، بۇنىڭغا مەن ناھايىتى خۇشال بولدۇم».
ھۈسەنجان قۇربانوف دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىش ئالدىدا تەنھەرىكەتچىنىڭ بىر نەچچە باسقۇچلارغا قاتنىشىپ، ئۆزىنى كۆرسىتىشى لازىملىقىنى، نارىماننىڭ ئەمدى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل مەشىقلىنىپ، كېلەچەكتە يەنە شۇنداق ئۇتۇقلارغا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
«كېنتاۋر» قابىلىيەتلىك تەنھەرىكەتچىلەرگە ياردەم قىلىش جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ پرېزىدېنتى، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن مەشىقلەندۈرگۈچىسى، ئاسىيا گىمناستىكا بىرلەشمىسى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ماخمۇد ئىسكەندەروفنىڭ قارىشىچە، گىمناستىكا تەنھەرىكەتنىڭ بارلىق تۈرلىرى ئۈچۈن ئاساسىي ئامىل بولۇپ خىزمەت قىلىدىكەن.ئۇ ئۇيغۇر يىگىتى نارىمان قۇربانوفنىڭ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەنلىكىنىڭ قازاقىستان ئۈچۈن ياخشى كۆرسەتكۈچ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇ دۇنيا مۇسابىقىلىرىنىڭ غالىبى ئاتىلىشى كېرەك. شۇ ۋاقىتتىلا ئۇ ئولىمپىك ئويۇنلىرىغا يوللانما ئالالايدۇ. ئەمما بۇ ئوڭاي ئىش ئەمەس. بىراق ئۇ ياش. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ تىرىشىدۇ دەپ ئويلايمەن. نارىمانغا ئوخشاش ياشلىرىمىز يەنە يېتىلىپ چىقىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ھاكىم مۇسايېف، ئىلىياس ئەزىزوف، دانىل باتۇرىن ۋە باشقىلار. گىمناستىكا بىلەن شۇغۇللىنىش ئوڭاي ئىش ئەمەس. ئادەم بالىسى تەنھەرىكەتنىڭ بۇ تۈرى بويىچە كىچىكىدىنلا شۇغۇللىنىشى لازىم. ئەلۋەتتە، يارىلىنىدىغان ۋاقىتلارمۇ پات-پات بولۇپ تۇرىدۇ».
مەھمۇد ئىسكەندەروف «The Kurbanov» نامىنى ئېلىش ئۈچۈن نارىمان قۇربانوفنىڭ ئورۇندىغان گىمناستىكا ئېلېمېنتىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ قىيىن بولغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ مەشىقلىنىش لازىملىقىنى، ئاخىرقى قېتىم قازاقىستاندا مۇنداق ئېلېمېنتنىڭ پەقەت 1999-يىلى كۆرسىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار نارىمان قۇربانوفنىڭ غەلىبىسىدىن ناھايىتى خوش بولۇپ، ئۇنىڭدىن پەخىرلەنمەكتە.
0:00 / 0:00