1960-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر دىيارى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئېغىر «ئاچارچىلىق» نىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدۇ.
شاھىتلار، ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن خىتاينى قاپلىغان بۇ زور «ئاچارچىلىق»نىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ماۋنىڭ مەجبۇرىي «كوممۇنالاشتۇرۇش» ۋە «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» سىياسىتىنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبىدىن سۈنئىي رەۋىشتە كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئەنە ئاشۇ قىيىن يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يەكەن ۋە غۇلجا قاتارلىق جايلىرىدىن بىرقانچە يۈز ئائىلىلىك ئۇيغۇر خىتاي بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدىكى خۇپىيانە ئاڭلاشمىلار نەتىجىسىدە ئافغانىستانغا كۆچىدۇ.
پامىر تاغلىرىنىڭ قارلىق چوققىلىرىدىن ئات-ئېشەك ۋە قوتازلارغا تايىنىپ كۆچ سەپىرىنى باشلىغان بۇ كىشىلەر سىرلىق ۋاخان كارىدورىنى بويلاپ ئايلارچە يول ماڭىدۇ. سوغۇق، ئاچلىق ۋە شالاڭ ھاۋا، يات ئەلدىكى نامەلۇم تەقدىرنىڭ يىپىغا باغلانغان بۇ كارۋانلار توپىدىن بىرمۇنچە كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ.
ئەنە ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىز «كۆچ» سەپىرىدە تېخى بۆشۈكىدىن ئايرىلمىغان بىر قىز بوۋاقمۇ بار ئىدى.
پامىر تاغلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ئافغانىستانغا ساق-سالامەت يېتىپ بارغان بۇ قىز بوۋاق ئارىدىن يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە چاچلىرىغا ئاق ئارىلىغان بىر ئانىغا ئايلاندى. ئۇ ئۆز ھاياتىدا زاھىر شاھ دەۋرى، گېنېرال داۋۇد دەۋرى، سوۋېت-ئافغان ئۇرۇشى، تالىبان دەۋرى، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستانغا كىرىشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى تىنچسىز يىللارنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى.
بۇ كەچمىشلەرنىڭ ساھىبى - ئافغانىستاندا يېرىم ئەسىر ھايات كەچۈرگەن ئۇيغۇر ئانا بىبىگۈل ھەمىدىدۇر. ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھايات كەچمىشلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى:
- مېنىڭ ئەسلى ئۇيغۇرچە ئىسمىم گۈلى. مەن 1960-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئاتا-ئانام بىلەن پامىر تاغلىرى ئارقىلىق ئافغانىستانغا كەلگەن ئىكەنمەن. ئۇ چاغدا مەن بەك كىچىك بولغاچقا بۇ سەپەرنى زادىلا ئەسلىيەلمەيمەن. دادام رەھمىتى ئاشۇ قېتىملىق كۆچتە پامىر تاغلىرىدىن ئۆتۈۋاتقاندا تۈتەكتىن زەھەرلىنىپ ۋاپات بوپتۇ. ئېگىز تاغدا گۆر كولاش مۇمكىن بولمىغاچقا، سەپەرداشلىرى دادامنىڭ جەسىتى ئۈستىگە تاش دۆۋىلەپ دەپنە قىلغان ئىكەن.
ئافغانىستانغا كەلگەندىن كېيىن ئانام رەھمەتلىك دادامنىڭ بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىنىڭ ھىمايىسىدە ئىنتايىن جاپالىق ھايات كۆچۈرۈپتۇ. ئېسىمنى بىلسەم، مېنى ئافغان بالىلار بىبىگۈل دەپ چاقىراتتى. شۇندىن كېيىن ئىسمىم ئۆيدە «گۈلى»، سىرتتا «بىبىگۈل» بولدى. تۇرمۇشىمىز بەكمۇ قىيىن بولغاچقا مەن تۈزۈك ئوقۇيالمىدىم. بىزنىڭ پۈتۈن ئائىلە خېمىردىن كەسكەن چوپ تەييارلاپ ساتاتتۇق ۋە شۇ ئارقىلىق تۇرمۇشىمىزنى قامدايتتۇق.
1965-ۋە 1967-يىلى ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئىككى تۈركۈمدە تۈركىيەگە كۆچتى. بۇ مەزگىلدە بىزنىڭ ئائىلە ۋە باشقا بىرمۇنچە ئائىلىلەر نېمە سەۋەبتىندۇر كۆچمەي قەپ قاپتۇ. مەن كىچىك بولغاچقا بۇ ئىشلارنىڭ جەريانىنى تازا ئەسلىيەلمەيمەن. بۇ قارار بىز كۆچمەي قەپ قالغانلار ۋە ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرى ئۈچۈن بىر خاتا تاللاش بولغان ئىكەن. بىز شۇ قېتىم تۈركىيەگە كەتمىگەنلىكىمىزدىن بەكمۇ پۇشايمان قىلدۇق. ھەتتا بۈگۈنگە قەدەر پەرزەنتلىرىمىز بىزدىن: «نېمە ئۈچۈن باشقا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش تۈركىيەگە كەتمىدىڭلار؟» دەپ سوراشنى توختاتمىدى.
1973-يىلى ئۆيدىكىلەر مېنى بىر ئافغان كىشىگە ياتلىق قىلدى. بۇ مېنىڭ 14 ياش چاغلىرىم ئىدى. يولدىشىم بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ھېچقانداق ئورتاقلىق بولمىسىمۇ، ئەمما تەقدىرگە تەن بەرمەي باشقا تاللىشىم يوق ئىدى. ئۇ كىشىمۇ ئاقكۆڭۈل، ياخشى كىشى ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي بالىلىرىم تۇغۇلدى. شۇنداق قىلىپ تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇردۇم. ئەمما پۈتۈن ھاياتىم بويى يولدىشىمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئىچىگە كىرىپ كېتەلمىدىم. راستنى دېسەم، ئافغان بولۇپ كېتەلمىدىم، پەقەتلا ئافغانلار ئارىسىدىكى بىر ئۇيغۇر بولۇپ ياشىدىم. ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئۆم ھەم كوللېكتىپ ياشايتتۇق. شۇنداق بولغاچقا تۇرمۇشىمىز، يېمەك-ئىچمىكىمىز، ئوي-خىياللىرىمىز ئاساسەن ئۇيغۇرچە ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پاشتۇ ياكى تاجىك تىللىرىنى ئۇنچىلىك چوڭقۇر ئۆگىنىپمۇ كېتەلمىدۇق.
كېيىنچە بالىلىرىم كۆپىيىپ تۇرمۇشىمىز قىيىنلاشتى. ئافغانىستان ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالدى. يولدىشىم ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ تاكى ۋاپات بولغۇچە 20 يىللاپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. ئافغانىستاندا ئۇرۇش بولۇۋاتقان يىللاردا خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئەۋەتىلگەن «قىزىل كىرىست جەمئىيىتى» بىلەن «قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتى» يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش بىلەن شۇغۇللاندى. مەن ئەنە ئاشۇ تېببىي قۇتقۇزۇش ئورۇنلىرىدا سېسترا بولۇپ خىزمەت قىلدىم ھەمدە بۇ يەردىن ئالغان مائاشىم بىلەن پۈتۈن ئائىلەمنى باقتىم.
كېيىنچە سوۋېت-ئافغانىستان ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى. ئۇرۇس ئەسكەرلىرى چىقىپ كەتتى. ئەمما ئافغانىستان يەنە ئىچكى ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالدى. ئۇنىڭ كەينىدىن تالىبانلار كەلدى. ئەنە ئاشۇ يىللاردا ئىنتايىن ئېغىر كۈنلەرنى ئۆتكۈزدۇق. مەن چادىر (پۈركەنجە) غا ئورۇنۇپ يۈرۈپ ئىشلەشكە، ئائىلەمنى بېقىشقا مەجبۇر بولدۇم. نېمىلا بولمىسۇن، بالىلىرىمنى ئوقۇتۇپ ئۇلار ئۈچۈن كېلەچەك يارىتىش، ئۇلارنى بۇ ئۇرۇش قۇرىماس ئەلدىن كەتكۈزۈۋېتىش ئۈچۈن تىرىشتىم. چۈنكى ئاشۇ يىللاردا مەندەك ئافغانىستاندا يىلتىزى يوق بىر ئايال ئۈچۈن ئىنتايىن قىيىن بولغان ئىدى. ئوغۇللىرىمنىڭ ھەرۋاقىت ئەسكەرلىككە تۇتۇلۇپ ئۇرۇشقا سېلىنىشى، قىزلىرىمنىڭ كىچىك تۇرۇپلا مەجبۇرىي ھالدا خوتۇنلۇققا ئېلىپ كېتىلىش خەۋپى بار ئىدى.
مەن يېرىم ئەسىر ياشاپمۇ ۋەتەن تۇيغۇسى ياكى تۇپراق مۇھەببىتى ھېس قىلالمىغان بۇ تىنچىماس ئەلدە پەرزەنتلىرىمنىڭمۇ مەن كۆرگەن كۈنلەرنى يەنە كۆرۈشىنى ھەرگىز، ھەرگىز خالىمايتتىم.
(داۋامى بار)