0:00 / 0:00
يېقىندا «مىر» نەشرىيات ئۆيىدىن «ئۇيغۇر چۆچەكلىرى» ناملىق كىتاب رۇس تىلىدا نەشر قىلىندى. تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى مەرھۇم مالىك كەبىروف ۋە فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى ماھىنۇر ئەلىيېۋا تەرىپىدىن توپلىنىپ، رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان مەزكۇر چۆچەكلەر جەمئىي يۈزدىن ئوشۇق بولۇپ، بۇنىڭدىن تاشقىرى كىتابتا سەكسەنگە يېقىن لەتىپىلەرمۇ ئورۇن ئالغان شۇنداقلا ئاپتورلار تەرىپىدىن تۈزۈلگەن چۈشەندۈرۈشلەر ۋە خاتىمە سۆز بېرىلگەن. چۆچەكلەر ئاساسەن سېھىرلىك، ھايۋاناتلار ھەققىدە ۋە تۇرمۇش چۆچەكلىرى دېگەن تېمىلارغا بۆلۈنگەن.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى ماھىنۇر ئەلىيېۋا كىتابنىڭ مەزمۇنى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.