ئالماتادىكى 3-ئەۋلاد دارۋازلار چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا سالام يوللىدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دارۋازلىقى تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەرنىڭ ئېسىگە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېڭىسار تەرەپلىرىدىكى دارۋازلىق ۋارىسلىرى كېلىدۇ.

دارۋاز ئادىل ھوشۇرنىڭ دارۋازلىق ھەرىكىتى بىلەن تونۇلغانلىقى، ئۇنىڭ شۆھرىتى ئۇيغۇرلاردىن ھالقىپ خەلقئارادىمۇ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىدەك مەزمۇنلار ئىختىيارسىز زىكىر قىلىنىدۇ. ئەمما كۆپچىلىك، ئۇيغۇر دارۋازلىقىنىڭ چەتئەللەردىكى مەۋجۇتلۇقى توغرىلىق كۆپ نەرسە بىلمەيدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، كۈنىمىزدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ بۇ كەسىپنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر دارۋازلىقىنىڭ چەتئەللەردىكى مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلىپ كېلىۋاتقانلار بار بولۇپ، قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدىكى بىر ئائىلە ئەزالىرى ھازىر ئۈچىنچى ئەۋلادقا قەدەر دارۋازلىقنى داۋام قىلماقتىكەن. ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئالتە ئوغۇل « ئۇيغۇر دارۋازلىقى ۋە پەلۋانلىقى» ساھەسىدە گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرى ئۈچۈن ئىزدەنمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىينىڭ 3-ئەۋلاد دارۋاز ئەلىشىر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلاڭلار.