ئۇيغۇر خەلق تارىخىي داستانلىرى نېمە دەيدۇ؟ (2)

0:00 / 0:00

ھەر بىر مىللەت ۋە ئىجتىمائىي كوللېكتىپنىڭ ئۇزۇن تارىخ جەريانىدا شەكىللەنگەن بەدىئىي ۋە تارىخىي تەپەككۇر ئۇسۇلى بولىدۇ. بۇ خىل تەپەككۇر ئۇسۇلى ئۇلارنىڭ ئۆز تارىخىنى قانداق ئەكس ئەتتۈرۈشىدە ئەڭ روشەن ئىپادىسىنى تاپىدۇ.

ئۇنداقتا، تۈركىي خەلقلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىنى ئىپادە قىلىشتىكى كوللېكتىپ تەپەككۇرى قانداق بىر شەكىلنى تاللىۋالغان؟

كۆپلىگەن ئۇيغۇرشۇناسلار بۇ سوئالغا «داستانچىلىق، يەنى ئاغزاكى تارىخچىلىق ئەنئەنىسى» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزاكى تارىخچىلىق ئەنئەنىسى ھەققىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىدىكى «تارىخىي داستانچىلىق» ئەنئەنىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىدۇ.

شىۋېتسىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى ئۇيغۇرلاردا ئاغزاكى داستانچىلىق ئەنئەنىسىنىڭ ئۇزاق تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

داستانلار ھەققىدە بىرقەدەر چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ياۋروپادىكى مەلۇم ئەلدە ئولتۇرۇشلۇق پەزىلەت خانىممۇ مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈرىدۇ: «ئۇيغۇرلار خەلق ئەدەبىياتىدىكى داستانچىلىق شەكلىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي كەچۈرمىشلىرى ۋە رېئال دۇنياسىنى ئىپادە قىلىپ كەلگەن. داستانچىلىق ئەنئەنىسىنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزاكى تارىخچىلىق ئەنئەنىسى دېيىشكىمۇ ھەم خەلق ئەدەبىياتىدىكى پىشقان بەدىئىي شەكىل دېيىشكىمۇ بولىدۇ.»

مەلۇمكى، داستان ياكى ئېپوسچىلىق ئەنئەنىسى مەركىزىي ئاسىيادا ياشىغۇچى تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئەڭ قەدىمكى بەدىئىي ۋە تارىخىي ئەنئەنىلەرنىڭ بىرى.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان بىلىم ئادەملىرى بۇ قىممەتلىك ئەنئەنىنىڭ «مەدداھ-ۋائىز» ياكى «داستانچى» نامى بىلەن زامانىمىزغىچە داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئۇيغۇر خەلق تارىخىي داستانلىرى ھەققىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى «داستانلاردىكى قەھرىماننىڭ پاجىئەسى، يەنى قەھرىماننىڭ ئۆلۈمى ئارقىلىق يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن ‹تراگېدىيە› نى، ئۇيغۇر تارىخىي داستانلىرىنىڭ ئەڭ يۈكسەك بەدىئىي پەللىسى» دەپ ھېسابلايدۇ.

پەزىلەت خانىممۇ ئۇيغۇر تارىخىي داستانلىرىدىكى «تراگېدىيە گۈزەللىكى» نى 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا قۇمۇل خەلقى ئارىسىدا مەيدانغا كەلگەن «ياچىبەگ» داستانى ئارقىلىق دەلىللەيدۇ.

بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇلارنىڭ تارىخىي قان قېرىندىشى بولغان سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزاكى تارىخچىلىق ئەنئەنىسى جەھەتتە ئىنتايىن يېقىن باغلىنىشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. گېرمانىيە گۆتتىنگېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىل مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئابلەت سەمەت دەل شۇ خىل قاراشتىكى بىلىم ئادەملىرىنىڭ بىرىدۇر.

ئۇ، بۈگۈنكى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي داستانىدا ئۆزلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى غەربتىكى ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا باغلايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ ھەمدە بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ «كۈنپېتىش ئايماقتىن كەلدى يوغۇرلار» ناملىق تارىخىي داستانىنى كۆرسىتىدۇ.

دەرۋەقە، تارىخىي داستانلار بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىي كەچۈرمىشلىرى ھەققىدىكى ئاغزاكى ئەسلىمىسى ياكى ئەڭ جانلىق بەدىئىي ئىپادىسى سۈپىتىدە شەرھلىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كېيىنكى ئەۋلادلارغا ۋەتەن ۋە مىللىي روھ تەربىيەسى بېرىشتىكى ئەڭ گۈزەل سەنئەت شەكلى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.