شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك بەلگىسى بولغان، جەزبدار خاسلىققا ئىگە بولغان مەدەنىي مىراسلىرىنىڭ بىرى دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى! دوپپا-ئۇيغۇرلارنىڭ ئېستېتىك قارىشىدا ئەكس ئەتكەن تەبىئەت گۈزەللىكىنىڭ ئوبرازى. ئۇيغۇرلار بوستانلىق مەدەنىيىتىگە قەدەم قويۇپ، شەھەرلىشىشكە يۈزلەنگەندىن تارتىپلا ماددا ۋە مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ سۈپەتلىك بولۇشىغا كۆپ تىرىشقان. جۈملىدىن كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىدە تاشقى كۆرۈنۈشكە، يارىشىمچانلىققا ئەھمىيەت بەرگەن.
ئۇيغۇر دوپپىسى-ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىدۇر. ئۇ كۆركەملىكى، ئەپلىكلىكى، مىللىي جەلپكارلىق بىلەن باشقىلارنىڭ، بولۇپمۇ ھەر ساھە چەتئەللىك دوستلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. دوپپا كىيگەنلەر كىيمىگەنلەرنى ھەۋەستە قالدۇرۇپ كەلمەكتە.
مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ بۇ دوپپا مەدەنىيىتىمىزگە ۋارىسلىق قىلىپ كەلمەكتە. شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ھەر يىلى ھەر خىل شەكلىدە دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلەپ كەلمەكتە.
3-ماي كۈنى دەم ئېلىش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەسئۇلى نۇرئەلىنىڭ تەشكىللىشىدە سىتوكھولمغا قاراشلىق ھەسەلبىي رايونىدىكى كۆل بويىدا دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلەش دالا زىياپىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتكە ئوغۇل-قىز ئۇيغۇر ياشلىرى چىمەن دوپپىلىرىنى ياراشتۇرۇپ كىيىپ، ئۆيلىرىدىن تەييارلاپ كەلگەن ئۇيغۇر تائاملىرى بىلەن غىزالانغاچ بىر-بىرىنىڭ دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلەشتى.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى نۇرئەلىنى زىيارەت قىلدۇق.
ئۇ سۆزىنى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلەش بىلەن باشلىدى: «بىز شىۋېتسىيەدىكى ياشلار بۈگۈن بۇ يەرگە يىغىلىپ دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلەۋاتىمىز. ئۇيغۇرنىڭ دوپپىسى ئۇ بىر مەدەنىيەتنىڭ بەلگىسىلا بولۇپ قالماي، يەنە بىر مىللەتنىڭ روھىدۇر، غۇرۇرىدۇر، بىز دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى قوغدايمىز، جاكارلايمىز، ئىپتىخارلىنىمىز... دوپپا مەدەنىيىتىمىز بولسا ئەجدادلىرىمىزدىن بىزگە مىراس قالغان مەدەنىيەت بولۇپ، چەتئەلدە ياشاۋاتقان بىزدەك ياشلارنىڭ بۇ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشى، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭمۇ مەدەنىيىتىمىزگە ۋارىسلىق قىلىشى ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇردۇق».
ئۇ، بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«بۇ خىل پائالىيەتلەر شىۋېتسىيەدىكى ياشلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، بولۇپمۇ بۇ يەردە ئۇسۇپ يېتىلىۋاتقان 18دىن 20 ياشقىچە بولغان ياشلار ئارىسىدا دوپپا بايرىمىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىق، ئانا تىلنى قوغداش قاتارلىق تەرەپلەردە ئۇلارنى تەربىيىلەش بىلەن بىرگە، كەلگۈسىدە بۇ ياشلارنىڭ شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر داۋاسىغا ئىگە چىقىشىغا ئاساس سالىدۇ دەپ ئويلايمەن. ھەمدە بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بۇ يەردە ياشاۋاتقان ياشلارنىڭ ئىناق،ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.»
بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان مۇھەممەد پائالىيەتكە قاتناشقاندىن كېيىن تەسىراتىنى مۇنداق ئىپادىلىدى:
«مەن بۈگۈنكى پائالىيەتكە قاتنىشىپ بەك خۇشال بولدۇم، بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى تارقىتالايدىكەنمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ياشلار بىلەنمۇ ئىتتىپاقلىقنى، ئۆملۈكنى ئىشقا ئاشۇرالايدىكەنمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن. ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۆملۈكتە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلار زىياپەت جەريانىدا ئۆزلىرى دوپپا بايرىمىغا ئاتاپ تەييارلاپ كەلگەن شېئىر، يۇمۇر، ناخشىلارنى ئوقۇپ كۆپچىلىكنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈردى.