ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە ھەققانىي ھەق-ھوقۇقلىرى يولىدىكى كۈرەشلىرى كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى بارغانسېرى كۆلەملىشىۋاتقان بىر پەيتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى رېئال ئەھۋالى، كۈرەش تارىخى ۋە ئۇلارنىڭ مىللىي ئىرادىسىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان كىتابلارغا ئېھتىياجى تۇغۇلماقتا.
شۇ ۋەجىدىن يېقىندا تەيۋەندىكى «ئاۋانگارت» نەشرىياتى نەشر قىلغان «شەرقىي تۈركىستان: ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي دۇنياسى» ناملىق يېڭى كىتاب ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىققۇچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
ئۇنداقتا، تەيۋەندە يورۇق كۆرگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ كىتابتا زادى نېمىلەر بايان قىلىنغان؟ مەزكۇر كىتاب كىم تەرىپىدىن يېزىلىپ قانداق بىر قانداق شارائىتتا يورۇق كۆردى؟ تەيۋەندىكى «ئاۋانگارت» نەشرىياتىنىڭ مەزكۇر كىتابنى نەشر قىلىشتىكى چىقىش نۇقتىسى شۇنداقلا مەزكۇر كىتابتا ئىلگىرى سۈرۈلگەن يېڭىلىقلار زادى نېمە؟
بۇ ھەقتە رادىئومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يۇقىرىقى بىر قاتار سوئاللار ھەققىدە ئاڭلارمەنلەرگە ئۇچۇر بەردى. ئىلشات ھەسەن ئەپەندى مەزكۇر كىتابنىڭ تەيۋەندە نەشر قىلىنىش جەريانىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ، ئۇ ئالدى بىلەن بۇ كىتابنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئۇيغۇر تارىخىغا ئەڭ قاتتىق چەكلىمە قويۇلۇۋاتقان بىر پەيتتە تەيۋەندە يورۇق كۆرگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
مەزكۇر كىتاب ھۈر تەڭرىتاغ تەخەللۇسلۇق ئاپتور تەرىپىدىن خىتاي تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، تەيۋەن ۋە خوڭكوڭدا ئىشلىتىلىدىغان ئاددىيلاشتۇرۇلمىغان كونا خىتاي يېزىقىدا نەشر قىلىنغان.
بۇ كىتاب 10 بابتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، دەسلەپكى ئىككى بابىدا خىتايلار شىنجاڭ دەپ ئاتاۋاتقان بۇ زېمىندىكى مىللەتلەر ۋە بۇ تۇپراقنىڭ خىتاي خەرىتىسىگە قاچان ۋە قانداق شارائىتتا كىرىپ قالغانلىقى ھەققىدە بايان بېرىلگەن.
كىتابنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى شىمالىي مىلىتارىستلار ھۆكۈمىتى، گومىنداڭ ۋە خىتاي كومپارتىيىسى ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قۇتۇلۇش كۈرەشلىرى يورۇتۇلغان. ئاخىرقى ئىككى بابىدا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە خىتايلارنىڭ «جۇڭخۇا بىرلىكى» نەزەرىيىسى ئاساسىدىكى خىتاي مىللەتچىلىكى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلغان.
ئىلشات ئەپەندى مەزكۇر كىتابنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنى چۈشىنىشتىكى رېئال قىممىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
«ئاۋانگارت» نەشرىياتىنىڭ مەزكۇر كىتاب ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ كىتاب خىتاي تىلى دۇنياسىدا بىرىنچى قېتىم «جۇڭخۇا بىرلىكى» ئىدىيىسىدىن مۇستەسنا ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۇقتىسىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە سىياسىي مۇھىتى شەرھلەنگەن مۇھىم ئەسەردۇر.» بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇ، گەرچە بۇ كىتابنى مۇكەممەل دېگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر تارىخىنىڭ خىتاي تىلى دۇنياسىدا «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن نام بىلەن شەرھلىنىشىنىڭ بىر باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالغۇسى، دەپ كۆرسەتتى.
مەزكۇر كىتابنىڭ ئاساسلىق نۇقتىئىنەزەر، يەنى كىتابتىكى يېڭىلىقلار ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان ئىلشات ئەپەندى، ئالدى بىلەن مەزكۇر كىتابتا «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن نامىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنى ئۈچۈن ھەم تارىخىي ھەم قانۇنىي نام ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ كۆرسەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
مەزكۇر كىتابنىڭ ئىككىنچى بىر يېڭىلىقى ھەققىدە توختالغان ئىلشات ئەپەندى، بۇ كىتابنىڭ خىتاي تىلى دۇنياسىدا ئۇيغۇر تارىخى بويىچە، بولۇپمۇ 20-ئەسىردە ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخىنىڭ ئۇيغۇرلار كۆزىدىن يورۇتۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىلشات ئەپەندى ئاخىرىدا مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي دۇنياسىنى خىتاي تىلى دۇنياسىغا شەرھلەپ كۆرسەتكەن بىر ئەسەر بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، تېخىمۇ ئېنىقراق ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار ئۆزى ھەققىدىكى ئېيتىمىنى خىتاي دېموكراتلىرى ئارقىلىق خىتاي خەلقىگە يەتكۈزۈشتىكى بىر باشلىنىش بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى، ئۇنىڭ قانداق قىلىپ تەيۋەندە يورۇق كۆرگەنلىكى شۇنداقلا «ئاۋانگارت» نەشرىياتىنىڭ مەزكۇر كىتابنى نەشر قىلىشتىكى چىقىش نۇقتىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە كېيىنكى پروگراممىمىزدا داۋاملىق مەلۇمات ئاڭلايسىلەر.
(داۋامى بار)