تەيۋەندىكى «ئاۋانگارت» نەشرىياتى «شەرقىي تۈركىستان» ناملىق يېڭى كىتاب ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى (2)

0:00 / 0:00

تەيۋەندىكى «ئاۋانگارت» نەشرىياتى يېقىندا «شەرقىي تۈركىستان: ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي دۇنياسى» ناملىق يېڭى كىتابنى نەشر قىلىپ تارقاتقاندىن كېيىن، رادىيومىز مەزكۇر نەشرىياتتىن بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ كىتابنىڭ باش تەھرىرلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان جېڭ چىڭخوڭ ئەپەندى ئالدى بىلەن «ئاۋانگارت» نەشرىياتىنىڭ بۇ كىتابنى نەشر قىلىشتىكى چىقىش نۇقتىسى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى:
«بىز توردا مەزكۇر كىتابنىڭ تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن دەسلەپكى قەدەمدە ئوقۇرمەنلەردىن ياخشى ئىنكاسلارنى تاپشۇرۇۋالدۇق. تەيۋەندە ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە دائىر كىتابلار نەشر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ نۇقتىسىدىن ۋە ئۇيغۇر ئاپتورلار تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ ھەقتىكى كىتابلار يوق دېيەرلىك ئىدى. نەشرىياتىمىز بۇ كىتابنى نەشر قىلىپ تارقىتىشتا نوقۇل ھالدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭ رېئال ئەھۋالىنى تاشقى دۇنياغا ئېچىپ كۆرسىتىشنى كۆزدە تۇتۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئوقۇرمەنلەرگە تىبەت، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن مەسىلىسىنىڭمۇ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسى بىلەن پاراللىللىق ھاسىل قىلىدىغان بىر دەۋا ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىشنىمۇ مەقسەت قىلغان. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، بىز تەيۋەندىكى ئوقۇرمەنلەر بۇ كىتابنى ئوقۇغاندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە نىسبەتەن قايتا ئويلىنىش ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تەيۋەن مەسىلىسىنىمۇ قايتا ئويلىنىدۇ، دەپ قارايمىز.»

بۇ كىتابنىڭ تەيۋەندە يورۇق كۆرۈشىدە كۆپ كۈچ سەرپ قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى كىتاب قوليازمىسىنىڭ بۇنىڭدىن 5 يىل بۇرۇن ئۆز قولىغا تەگكەنلىكىنى، كېيىنچە تەيۋەندىكى «ئاۋانگارت» نەشرىياتىنىڭ مەزكۇر ئەسەرگە قىزىقىپ ئاخىرى نەشر قىلغانلىقىنى تولۇقلىما قىلدى.

باش تەھرىر جېڭ چىڭخوڭ ئەپەندى مەزكۇر كىتاب ھەققىدە توختىلىپ يەنە مۇنداق دېدى:
«كىتابتا ئاپتور ئۇيغۇرلارنىڭ نۇقتىسىدىن شەرقىي تۈركىستان تارىخىنى يورۇتۇشقا تىرىشقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاننى ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتى ۋە ئانا تۇپرىقى دەپ قارايدىغانلىقى كۆپلىگەن مەنبەلەر ۋە پاكىتلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇڭلاشقا بىز ئاپتور كىتابتا ئىلگىرى سۈرگەن نۇقتىئىنەزەرلەر بىلەن كىتابتا ئىشلىتىلگەن ‹شەرقىي تۈركىستان› دېگەن ئاتالغۇغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆز پېتى نەشر قىلدۇق.»

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى مەزكۇر كىتابنىڭ قەلەم تەۋرەتكۈچىسىنىڭ كىملىكى، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ھۈر تەڭرىتاغ دېگەن تەخەللۇس بىلەن بۇ كىتابنىڭ قوليازمىسىنى مەخپىي ھالدا چەتئەلگە ئەۋەتىپ بەرگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

جېڭ چىڭخوڭ ئەپەندى ئاخىرىدا «شەرقىي تۈركىستان: ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي دۇنياسى» ناملىق كىتابنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرغىب قىلىۋاتقان «بۈيۈك جۇڭخۇا بىرلىكى» ۋە «ئەزەلدىن» نەزەرىيىگە جەڭ ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى:

«بىزنىڭ كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر كىتابلارنى داۋاملىق نەشر قىلىش پىلانىمىز بار. بۇ كىتابمۇ دەل ئاشۇ تېمىدىكى بىر يۈرۈش كىتابلارنىڭ بىرى. بىز بۇ خىل كىتابلارنى نەشر قىلىش ئارقىلىق جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش ‹جۇڭخۇا بىرلىكى› نەزەرىيىسى ياكى ئۇلار بازارغا سېلىۋاتقان ئاتالمىش ‹شىنجاڭ ئەزەلدىنلا جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى›، ‹تىبەت ئەزەلدىنلا جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى›، ‹خوڭكوڭ ئەزەلدىنلا جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى› ياكى ‹تەيۋەن ئەزەلدىنلا جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى› دېگەن سەپسەتىلەرگە جەڭ ئېلان قىلماقچى. بىز بۇ تۈردىكى تارىخىي ئەسەرلەر جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر تارىخى مەسىلىسىدىكى يەككە مونۇپولىيەسىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىدۇ، دەپ ئويلايمىز.»