قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كېلەچىكى كۆپچىلىكنى ئويلاندۇرۇشى مۇمكىن...

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 20-ۋە 30-يىللىرى ئۆزىنىڭ شەكىللىنىش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى 70-ۋە 80-يىللاردا ئەڭ يۇقىرى تەرەققىيات چوققىسىغا ئېرىشكەن ئىدى.

ئۇيغۇر ئەدىبلىرى كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيىنىڭ قاتتىق تەسىرى ئاستىدا ئىجات قىلىپ، سوۋېت ئېلىدا يۈز بەرگەن ئىجتىمائىي-سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنى تەسۋىرلەش بىلەن بىر قاتاردا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆتمۈش تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، مىللىي ئاڭ-سېزىمىنى ئىپادىلەيدىغان ئەسەرلەرنىمۇ ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. ئامما 30-ۋە 40-يىللاردا ئورۇن ئالغان سىياسىي تەقىپلەشلەر ۋە سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى باشقا خەلقلەر بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغىمۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە زىيان يەتكۈزدى. ھەتتا 40-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە سۆز قىلغاندا پەقەت ئىسمائىل ساتتاروف بىلەن قادىر ھاسانوفلارنىڭ ئىسمىنى ئاتاش بىلەنلا چەكلەنگەن.

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەدەبىياتىدا 50-ۋە 60-يىللاردىن باشلاپ تەرەققىيات خېلى دەرىجىدە ئۆرلەشكە باشلىدى. بۇنىڭغا، بىرىنچىدىن، سىياسىي تەقىپلەشكە ئۇچرىغان بەزى ئەدىبلەرنىڭ ئاقلىنىپ، ئەدەبىيات مەيدانىغا قايتىپ كېلىشى ھەمدە ئۇرۇش مەيدانىدىن يېنىپ كەلگەن يازغۇچىلارنىڭ بۇ سەپنى تولۇقلىشى، ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر دىيارىدىن بىر تۈركۈم ئەدىبلەرنىڭ كۆچۈپ چىقىشى سەۋەب بولدى. ھازىر ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، بولۇپمۇ 60-يىللاردا كۆچۈپ چىققان يازغۇچى-شائىرلارنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا، ئۇنىڭ تېما ھەم بەدىئىيلىك جەھەتتىن يەنىمۇ يۈكسىلىشىگە ئاساسلىق دەرىجىدە تۆھپە قوشقانلىقىنى، ئەمما بۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەم كېلەچىكى ھەممىنى ئويلاندۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەدەبىياتشۇناس ئالىم رابىك ئىسمايىلوف ۋە كۆرنەكلىك ژۇرنالىست ئابدۇكېرىم تۇدىياروفلار بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.