ياش ئىجادكارلار قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتامدۇ؟

0:00 / 0:00

قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىكى سوۋېت ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تۇغۇلۇش دەۋرىدىن باشلىنىدۇ. بۇ دەۋردە ياشىغان نەزەرغوژا ئابدۇسەمەت ئوغلى، ئابدۇلھەي مۇھەممەدى، ئۆمەر مۇھەممەدى، نۇر ئىسرائىلوف، تۇردى ھەسەن قاتارلىق شائىر ۋە يازغۇچىلار سوۋېت ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شېئىرىيەت ۋە پروزا ساھەلىرىدىكى تۇنجى نامايەندىلەر بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇ دەۋرلەردىكى سوۋېت ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، جۈملىدىن قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ تەرەققىيات يولىدا بىر نەچچە باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتتى شۇنداقلا كۆپلىگەن سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە تارىخىي جەريانلارنى ئەكس-ئەتتۈردى. 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مەزمۇن ۋە ئىدىيە قۇرۇلمىسى تۈپ ئاساسىدىن ئۆزگەردى.

قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىيات يۆنىلىشلىرى قايسى تەرەپلەرگە قاراپ كېتىۋاتىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا قانداق مەسىلىلىرى بار؟ ھازىرقى ياش ئۇيغۇر ئىجادكارلار قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكى ئېقىمىغا ۋەكىللىك قىلىۋاتامدۇ؟

27-سېنتەبىر كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدىكى دوستلۇق سارىيىدا ياش ئۇيغۇر شائىرە ئالبىنا ئەمەتوۋانىڭ «مەجنۇنتال» ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. مەزكۇر پائالىيەت «ۋارىس» ئەدەبىي-ئىجادىي بىرلەشمىسى ۋە «ئارتۇر پروداكشن» سەنئەتنى قوللاش مەركىزى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، «پەرۋاز» ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى بىرلەشمىسى تەرىپىدىن قوللاپ-قۇۋەتلەندى.

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرى، قازاقىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن سەنئەت ئەربابى، «مەجنۇنتال» توپلىمىنى نەشر قىلىشقا ماددىي ياردەم كۆرسەتكەن ئازاد ھاكىمبەك، مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ھەمرايېف، «ۋارىس» ئەدەبىي-ئىجادىي بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋىليام مولوتوف ۋە باشقىلار قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرى، يازغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى، ياش ئىجادكارلار ئالدىدا تۇرۇۋاتقان جىددىي مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە ئالبىنا ئەمەتوۋانىڭ ئىجادىيىتىگە زور ئۇتۇقلار تىلىدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئالاش» مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرىكى يىللاردا قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەممە ساھەلەر بويىچە راۋاجلىنىپ، ھەر خىل ژانېرلاردىكى ئەسەرلەر ئۈزلۈكسىز نەشر قىلىنىپ تۇرغان ئىكەن. ھازىر بولسا ۋەزىيەت ئۆزگىرىپ، پروزا ۋە دراما ساھەلىرىدە ئىجادىيەت توختاپ قېلىش ھالىتى يۈز بەرمەكتىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر قارىسام، رومان ئىجادىيىتىنىڭ ئۇلىنى كۆتۈرىدىغان ھېكايە ژانىرى بىزدە تامامەن توختاپ قېلىپتۇ. بىر ۋاقىتتىكى يازغۇچىلىرىمىز ھازىر ئالەمدىن كەتتى. ھازىر ئۆلگەنلەرنى ئەسلەش بىلەن ئۆتىمىزمۇ ياكى ياشلاردىن ياخشى ئەسەرلەرنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرىمىزمۇ دەپ قايغۇرىمەن. ھازىر ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماستىن گۈلبەھرەم خوشايېۋا قاتارلىق ئاز بىر قىسىم يازغۇچىلىرىمىز ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭغا قاراپ، بىزنىڭ ياش قەلەمكەشلىرىمىز نېمىشقا ئويغانمىدى، ئۇلارنىڭ مىللىي غۇرۇرى يوقمۇ، دەپ ئويلاپ قالىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئەيىپلىكمۇ؟ ئەگەردە زامانىمىز ئەيىبلىك دېسەك، زامانىمىز تەرەققىي ئېتىۋاتىدىغۇ!؟»

ئەخمەتجان ھاشىرى ھازىر كىتاب ئوقۇيدىغان كىشىلەر ئاز بولسىمۇ، ئەمما بار ئىكەنلىكىنى، ياخشى يېزىلغان ئەسەرنىڭ دائىم ئۆز ئوقۇرمىنىنى تاپالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە دراما ساھەسىنىڭ ئارقىدا قېلىپ، توختاپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى، ھەتتا پروزا ساھەسىدە ئىجاد قىلىۋاتقان يازغۇچىلارنىڭمۇ ساناقلىقلا بولۇپ قالغانلىقىنى، شۇڭا پروزا ساھەسىنىڭ كېلەچىكىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەخمەتجان ھاشىرى يەنە مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ياشلىرىمىز ھەممە ژانىرلارنى بىردەك ئېلىپ كېتەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى ئەدەبىياتىمىزنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە ۋارىسلىق قىلسىكەن دەپ ئېيتالمايمەن. چۈنكى نۇرغۇن ياش يازغۇچى-شائىرلار ئۇيۇشۇپ، ئەدەبىياتنىڭ ھەممە ساھەلىرى بويىچە بىر ئېقىم بولۇپ شەكىللىنىدىغان بىر ۋەزىيەتنىڭ كېلىشى تەستەك قىلىدۇ.»

ئەخمەتجان ھاشىرى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئۆز ئىجادىيىتىدە دائىم ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئالتۇن بۆشۈكى بولغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى يازغۇچىلاردىن ئۈلگە ئېلىپ، تەجرىبە يىغىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «راستىنى ئېيتقاندا، بىر چاغلاردا بىز تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى قەلەم ئىگىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇيتتۇق. ئۇلارمۇ بىزنىڭ ئەسەرلىرىمىزنى ئوقۇيتتى. بۇ جەرياندا بىر-بىرىمىزدىن تەجرىبە ۋە ئۈلگە ئالاتتۇق. ھازىر ئۇنداق ئالاقە تامامەن يوق بولدى. بىز ئوخشىمىغان ئىككى دۆلەتتە ۋە چېگرانىڭ ئىككى تەرىپىدە ياشىساقمۇ، ئەمما تومۇرىمىز بىر خەلق. سەنئەتنى، مەدەنىيەتنى چېگرالار توسۇپ قالالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىلىرىمىزنىڭ كېلەچەكتە ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

ئەدەبىياتشۇناس ئالىم، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ياخشى كېلەچىكىنى تەمىنلەش، ياش يازغۇچىلارنى تەربىيەلەش مەقسىتىدە «ۋارىس» ئەدەبىي-ئىجادىي بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، بۇ بىرلەشمىنىڭ ياش ئىجادكارلارنى بىرلەشتۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئەمگەكلىرىنى تەرغىب قىلىش مەقسىتىدە بىر مۇنچە ئىشلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئالىمجان ھەمرايېف ياشلارنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قانچىلىك دەرىجىدە ۋارىسلىق قىلالايدىغانلىقىنى پەقەت ۋاقىت كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەدەبىيات بىلەن ئىلگىرىكى ئالاقىلىرى قويۇق بولمىسىمۇ، ئەمما بېرىپ-كېلىش، ئەسەرلەرنى ھەر ئىككى تەرەپتە نەشر قىلىش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىنى، ھازىر بۇ ئالاقىلەرنىڭ تامامەن ئۈزۈلۈپ، بۇنىڭ ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن پاجىئەلىك ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئالىمجان ھەمرايېف ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەخمەتجان ئوسمان (ھازىر كانادادا)، چىمەنگۈل ئاۋۇت، يالقۇن روزى، ئادىل تۇنياز، ئابدۇقادىر جالالىدىنغا ئوخشاش بىر قاتار ئەدىبلەر ئىجادىيىتىنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئۇ تەرەپتىكى ياشلارنىڭ گۇڭگا شېئىرىيىتى بىزگە ناھايىتى تەسىر قىلدى. ئۆز ۋاقتىدا ئابدۇمېجىت دۆلەتوف ئۆزىنىڭ مودېرنىستىك روھتا يېزىلغان شېئىرلىرىنى ئېلان قىلدى. ئابلىز ھېزىمنىڭ بىر تۈركۈم شېئىرلىرىمۇ ئۇ ياقتىكى شېئىرىيەتنىڭ تەسىرى ئاستىدا يېزىلغان. تېلمان نۇراخۇنوف بۇنى يۇقىرى پەللىگە كۆتىرەلىدى دەپ ھېسابلايمەن. شۇنىڭ تەسىرىدىن بىزدىمۇ ھازىرقى زامان ئېقىمىغا يۈزلەنگەن شېئىرلىرىمىز پەيدا بولۇشقا باشلىدى. پروزىدىمۇ شۇنداق ئالاقىلەر كۈچىيىپ، ئۇلارنىڭ تەسىرىدىن بىزدىمۇ نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەر يېزىلدى. بۇ ھېچ كىم ئۈچۈن سىر ئەمەس.»

ئالىمجان ھەمرايېف شائىرەم باراتوۋا، ئابدۇلجان ئازنىباقىيېف، ئالبىنا ئەمەتوۋا قاتارلىق ياش شائىرلار ئىجادىدىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدا يېتىلگەن ئەدىبلەرنىڭ قاتتىق تەسىرى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيىتى قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارغا ياخشى تونۇش بولۇپ كەلگەن ئىكەن. بولۇپمۇ ئاتاقلىق يازغۇچىلاردىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تېيىپجان ئېلىيېف، ئەرشىدىن تاتلىق، زوردۇن سابىر، تۇرغۇن ئالماس، تۇردى سامساق شۇنداقلا بوغدا ئابدۇللا، ئەختەم ئۆمەر قاتارلىقلارنىڭ ئىجادىيىتى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدىكى ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىدە مەخسۇس ئوقۇتۇلىدىكەن. ئۇ قازاقىستان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە دوستلۇق، ئانا يۇرت، تىنچلىق، مۇھەببەت قاتارلىق تېمىلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى بىر ماۋزۇلار ئىكەنلىكىنى، ھازىرمۇ بۇ تېمىلارنىڭ ئاساسلىق تېما بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئالىمجان ھەمرايېف شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋەكىللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئىجادىيىتىدە ۋەتەن تېمىسىنىڭ ھېچ قاچان كۈنتەرتىپدىن چۈشمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ھازىرقى يېڭى ئەۋلاد شائىرلىرىنىڭمۇ ۋەتەن تەقدىرىگە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىغا بولغان ھېسداشلىقىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى، بۇ يۆنىلىشتە يېڭى-يېڭى ئەسەرلەرنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. تۇنجى شېئىرلار توپلىمى يورۇق كۆرگەن ياش شائىر ئالبىنا ئەمەتوۋانىڭ ئىجادىيىتىدىمۇ شۇنىڭ يارقىن بىر مىسالى بولدى.