ئۇيغۇرلار ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان گېرمانچە فىلىم - «خىتاي مەلىكىسى» ياۋروپادا قىزىقىش قوزغىدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013.11.12
xitay-melikisi-xitay-melikisi.jpg «خىتاي مەلىكىسى» ناملىق فىلىمنىڭ باشلىنىشىدىن بىر كۆرۈنۈش.
Social media

20-ئۆكتەبىر كۈنى كەچقۇرۇن گېرمانىيە تېلېۋىزىيىسىنىڭ بىرىنچى قانىلىدا «دېلو مەيدانى» ناملىق چاتما تېلېۋىزىيە فىلىمىنىڭ ئالاھىدە قىسمى كۆرۈرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلغان. «خىتاي مەلىكىسى» ناملىق بۇ فىلىم شۇ كۈنلۈك تېلېۋىزىيەنىڭ «ئالتۇن ۋاقتى»، يەنى كەچ سائەت 20 دە قويۇلۇپ، گېرمان تىلى دۇنياسىدىكى مىليونلىغان كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان.

مەزكۇر فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى خىتاي سەنئەتكار قىز سۇڭ ما بىلەن پالاۋدىن كەلگەن ئالىمجان ئىسىملىك ئۇيغۇر يىگىتنىڭ ئۆلۈمىنى يىپ ئۇچى قىلىپ راۋاجلانغان. بولۇپمۇ، بېرلىندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە قارىماي ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئاخبارات ئىگىلەشكە ئۇرۇنغانلىقى ھەمدە پالاۋدىن كەلگەن ئۇيغۇر يىگىتنىڭ قولىدا ساقلىنىۋاتقان خىتايغا دائىر مەخپىي ماتېرىياللارنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن بىر قاتار سۇيىقەست پىلانلىغانلىقىدەك ۋەقەلەر كۆرۈرمەنلەردە غۇلغۇلا پەيدا قىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ فىلىمنى كۆرگەن چاغدىكى ھېسسىياتى ۋە مەزكۇر فىلىمنىڭ گېرمانىيەدىكى تەسىرى ھەققىدە توختالدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر فىلىمنىڭ سېنارىيە يازغۇچىسى ئورخۇن ئەرتەنېر گېرمانىيەلىك تۈرك بولۇپ، 1966-يىلى ئىستانبۇلدا تۇغۇلغان. 1970-يىلى 4 يېشىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن گېرمانىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن. 1994-يىلىدىن كېيىن ئەركىن يازغۇچى بولۇپ، كىنو-تېلېۋىزىيە سىنارىيەسى يېزىپ تونۇلۇشقا باشلىغان. ئۇنىڭ ئەڭ يېڭى سىنارىيەسى - «خىتاي مەلىكىسى» 2013-يىلى يازدا گېرمانىيەدە فىلىمغا ئېلىنىپ، 20-ئۆكتەبىردە گېرمانىيە تېلېۋىزىيىسىنىڭ بىرىنچى قانىلىدا قويۇلغان. قىسقىغىنە ئىككى ھەپتە ئىچىدە مەزكۇر فىلىمنىڭ گېرمانىيەدە كۆرۈلۈش قېتىم سانى 12 مىليوندىن ئېشىپ رېكورت ياراتقان. ئۇندىن باشقا، مەزكۇر فىلىمنىڭ ئاۋسترىيەدە كۆرۈلۈش قېتىم سانى 750 مىڭدىن، شىۋېتسارىيەدە 580 مىڭدىن ئاشقان.

دولقۇن ئەيسا مەزكۇر فىلىمنىڭ مەزمۇنى بىۋاسىتە ئۇيغۇرلارغا باغلىنىدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك چەتئەللەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئاخبارات توپلاش جەھەتتىكى ئوينىغان ئويۇنلىرىنىمۇ ئېچىپ كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مەلۇمكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غەربتىكى ھەرقايسى ئەللەردە، بولۇپمۇ گېرمانىيەدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىملەر خېلى كۆپ ئىشلەنگەن. ۋەھالەنكى، ئۇيغۇرلارنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان دېلو فىلىملىرىنىڭ گېرمانىيەدە ئىشلىنىشى ۋە قويۇلۇشى تۇنجى قېتىملىق ئىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ فىلىمنىڭ تۇنجى قېتىملىق قويۇلۇشىدىلا شۇنچە زور تەسىر قوزغىشى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ غەرب دۇنياسىغا تېخىمۇ كەڭ تونۇلۇشىدا مۇھىم تەشۋىقاتلىق رولىنىمۇ ئوينىغان. دولقۇن ئەيسا سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بۇ فىلىمنىڭ گېرمانىيەدىكى تەسىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.