«ئۇيغۇر-ھون دوستلۇق جەمئىيىتى» كېلەر يىلى بۇداپېشتتا «ئۇيغۇر مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.
2017-يىلى ئۆكتەبىرنىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان «ئۇيغۇر-ھون دوستلۇق جەمئىيىتى» نىڭ باش كاتىپى ئۈمىد ئاگاھى، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ 15-ئۆكتەبىردىكى تۇنجى قېتىملىق ئىجرائىيە كومىتېت يىغىنىدىن يۇقىرىقى خۇشخەۋەرنى يەتكۈزدى.
«ئۇيغۇر-ھون دوستلۇق جەمئىيىتى» نىڭ تۆت سائەتلىك جىددىي يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى پاجىئەلىك ھالىتىنى ۋېنگىرىيە خەلقىگە چۈشەندۈرۈش، جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەسىر كۆرسىتىش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋېنگىرىيە خەلقىگە تونۇشتۇرۇش، ۋېنگىر-ئۇيغۇر دوستلۇقىنى كۈچەيتىش دېگەندەك زۆرۈر تېمىلاردا مۇزاكىرە بولغان.
ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ كېلەر يىللىق پىلانلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
«ھون-ئۇيغۇر دوستلۇق جەمئىيىتى» ئىجرائىيە كومىتېتى 11 كىشىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىن ئۈمىد ئاگاھى، پەرھات يۇرۇڭقاش ۋە قۇربان ۋەلى ئەپەندى، ۋېنگىرلاردىن يانۇش ھوركوۋىچ، ۋۇكىس فەرەنس ئەپەندى ۋە ئاننامارىيە خانىم قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىكەن.
جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولغۇچىلارنىڭ بىرى، يەنى مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىناس دوستى يانۇش ھوركوۋىچ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئالدى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا سالام يوللىدى. ئاندىن بۇنداق بىر تەشكىلات ئارقىلىق ئىككى مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋېنگىرىيەدە ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداش ھوقۇقىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا بىر ئۈمىد بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
«ئۇيغۇر-ھون دوستلۇق جەمئىيىتى» نىڭ كاتىپى دوكتور ئاننامارىيە خانىم مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇيغۇر ۋە ھون ياشلىرىنىڭ چۈشىنىشى ئەمەلگە ئېشىپ، تارىخى قېرىنداشلىقنىڭ تىرىلىشىگە بولغان ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭچە بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپادىكى قېرىندىشىنى تېپىۋېلىشى ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. ئۇ ئۆز تارىخىنى رۇسلارنىڭ بۇرمىلىشى بىلەن يېتىشكەن ۋېنگىرلار ۋە تارىخىنى خىتاي ئۆزگەرتىۋەتكەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئەسلىنى تېپىۋېلىشىدىن ئۈمىدۋار ئىكەن.
«ئۇيغۇر-ھون دوستلۇق جەمئىيىتى» گە ئاساس سالغۇچىلاردىن بىرى بولغان پەرھات يۇرۇڭقاش ئەپەندى جەمئىيەتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. ئۇ ۋېنگىرىيەدە گەرچە ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزىنى نامايان قىلىش پۇرسىتىگە ھەممىدىن كۆپ ئېرىشىۋاتقان بولسىمۇ، بىرەر تەشكىلات بولمىغانلىقى سەۋەبلىك نۇرغۇن قولايسىزلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ تەقەززاسى سەۋەبلىك ۋېنگىرلارنىڭ ياردىمىدە بۇ جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.
پەرھات يۇرۇڭقاش ئەپەندىنىڭ قارىشىچە ئۇيغۇر داۋاسى تۈركىيە ۋە ۋېنگىرىيەدە ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە ئىكەن، ئۇيغۇرلارنى ئۆز بىلىدىغان مۇنداق ئەللەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تونۇلۇشىغا ھەر زامان ئىمكانىيەتلىك ئىكەن. ۋېنگىرىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئورنى سەۋەبلىكمۇ ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. ھونلار ۋېنگىرىيەدىن باشقا يەنە ياۋروپادىكى رۇمىنىيە، سىلوۋاكىيەدە بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا ئۇيغۇر-ھون دوستلۇقىنىڭ كۈچىيىشى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ياۋروپادا تەشۋىق قىلىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر 2005-يىلدىن باشلاپ ۋېنگىرىيەدە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشقا ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى كۆرەك قىلىشقا مەشغۇل ئىكەن. «دۇنيا ھونلار قۇرۇلتىيى» مۇ ئۇيغۇرلارغا دائىم ئورۇن بېرىپ كەلمەكتىكەن. ھون تەتقىقاتچىلار ۋە ئۇيغۇرسۆيەر ھونلارنىڭ يۇتيۇب قاناللىرىدا تارقىتىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىنگلىزچە مەلۇماتلار دۇنيا جامائىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىشىدە مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ قېتىم ئۇيغۇر-ھون دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ سىستېمىلىق، پىلانلىق ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
0:00 / 0:00